يارىپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
全局 页头二级导航栏广告
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: ئەيدىز داۋالاش كېسەل
جەمئىي مىكروبلوگ 974 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 110|ئىنكاس: 3

ئەيدىز ۋىرۇسى ھۆسن تۈزىتىشتىنمۇ يۇقىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەدەف تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-1-12 15:32  

ئەيدىز ۋىرۇسى ھۆسن تۈزىتىشتىنمۇ يۇقىدۇ

19703_0.jpg

ئەيدىز تىلغا ئېلىنسا، ھەممە ئادەمنىڭ تېنى جۇغۇلداپ كېتىدۇ. بىزنىڭ ئەيدىز كېسىلى توغرىسىدا بىلىدىغىنىمىز بەكلا ئاز. ئەگەر سۆيۈشۈشتىن ئەيدىز كېسىلى يۇقىدۇ دېسە بەلكىم قاتتىق ھەيران قېلىشىڭىز مۇمكىن؛ ناۋادا ھۆسن تۈزىتىشتىن ئەيدىز كېسىلى يۇقىدۇ دېسە ھەيران قالىدىغانلار سانى تېخىمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن.
1. تەن چەكمە
تەن چەكمىدە يىڭنە ئارقىلىق تېرە تېشىلىپ، ئادەم بەدىنىگە زىيانسىز، بەدەننىڭ ئىچكى قىسىمىغا كىرىپ كەتمەيدىغان ئوكسىدلانغان مېتاللار تېرىنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈلىدۇ. تەن چەكمە قىلىش جەريانىدا، يىڭنە بىلەن تەن چەكمە قىلدۇرغۇچىنىڭ قېنى ئۈزلۈكسىز بىر-بىرى بىلەن ئۇچرىشىدۇ، يىڭنە تەن چەكمە قىلىش ئۈچۈن تەييارلانغان سۇيۇقلۇققا توختىماي چىلىنىدۇ. ناۋادا، تەن چەكمىگە ئىشلىتىلىدىغان يىڭنە ئۈزۈل-كېسىل دېزىنفېكسىيە قىلىنمىسا ياكى دورىلىق سۇيۇقلۇقتىن ئۆتكۈزۈلمىسە ئاسانلا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تەن چەكمىدە ئاسانلا B تىپلىق جىگەر ياللۇغى، ئەيدىز كېسىلى، باكتېرىيىلىك كۆز قىزىرىش كېسىلى، تراخوما، سىفىلىس، تۇبېركۇليۇز قاتارلىق كېسەللەر يۇقۇپ قالىدۇ.
گەرچە، تەن چەكمە قىلدۇرغانلارنىڭ ھەممىسىلا يۇقۇملىنىپ كەتمىسىمۇ، ئەمما ھەرقانداق ئادەم چوقۇم ھوشيارلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. يىڭنە ۋە پىچاقلار ئىشلىتىلىدىغان بۇ ھۆسن تۈزەش تېخنىكىسىدا چوقۇم ئۈسكۈنىلىرى تولۇق، تازىلىقى ياخشى دوختۇرخانىلارنى تاللاپ، دوختۇرخانا مەنبەلىك يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
2. قۇلاق تېشىش.
قۇلاق تېشىش ئارقىلىق كىشىلەر قۇلاقلىرىغا ھەرخىل بېزەكلەرنى ئېسىپ، ئۆزىنىڭ گۈزەللىككە ئېرىشىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. قۇلاق تەشكەندىمۇ چوقۇم مۇھىتى پاكىز، ئۈسكۈنىلىرى تولۇق دېزىنفېكسىيە قىلىنغان دوختۇرخانىلارنى تاللاش كېرەك. ئادەتتىكى ھۆسن تۈزەش ئورگانلىرى ياكى ھالقا ساتىدىغان جايلارغا بېرىپ قۇلاق تەشتۈرۈش تولىمۇ خەتەرلىك بىر ئىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى تازىلىقى ئۆلچەمگە يەتمەيدىغان بۇنداق ئورۇنلاردا ئاسانلا B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋە ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىش كېلىپ چىقىدۇ.

3. چىش گۈزەللەشتۈرۈش
قان ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئاساسلىق تارقىلىش ۋاستىسى. ئىگىلىنىشىچە، دۆلىتىمىزدە ھازىرغا قەدەر تەخمىنەن 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم تەركىبىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بار قان ياكى قان يۇقى بۇيۇملار ئارقىلىق يۇقۇملىنىپ، ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ %7 نى ئىگىلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئادەم قان سالدۇرۇش ياكى قان سېتىش نەتىجىسىدە يۇقۇملانغان.
شۇنىڭ ئۈچۈن، زۆرۈر بولمىغاندا قان سالدۇرۇش ياكى ئوكۇل ئۇرغۇزۇشتىن ساقلىنىش، قان سالدۇرغان تەقدىردىمۇ قان خالتىسى ۋە ئۆز بەدىنىدىكى قاننىڭ بىخەتەر بولۇشىغا قاتتىق دىققەت قىلىش كېرەك.
ئەلۋەتتە، گۈزەللىك قوغلىشىشنىڭ ھېچقانداق خاتا يېرى يوق. بىراق، بۇ جەرياندا چوقۇم ھۆسن تۈزەش ئورۇنلىرىنىڭ پاكىزلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىشتىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىش كېرەك.



ۋاقتى: 2017-1-12 00:35:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقىلارنىڭ قوڭىنى كولايدىغان مۇشۇنداق يازمىنىمۇ تەستىقلىغان بامۇ؟
ۋاقتى: 2017-1-12 00:40:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇددى دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئۆزى بەرگەندەك بىلگەجانغا ،
ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىنى ئوقۇپ ھىچقانداق خاتا يىرىنى  ،  قوڭ كولايدىغان يىرىنى تاپالمىدىم .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|Archiver|يانفۇن|يارپ مۇنبىرى ( 新 ICP 备 10001843号-2

GMT+8, 2017-1-20 03:21 , Processed in 0.130846 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed

© 2001-2013 Comsenz Inc. Template By 【 www.Yurtimiz.com 】

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش