يارىپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
全局 页头二级导航栏广告
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: ئەيدىز داۋالاش كېسەل
جەمئىي مىكروبلوگ 974 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 88|ئىنكاس: 0

پەرىشتە سۈپەت ئەيدىز پىدائىسى-پەزىلەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەدەف تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-1-9 17:10  

پەرىشتە سۈپەت ئەيدىز پىدائىسى-پەزىلەت
QQ截图20170109121012.jpg
-بۇلارئەرلىرىنىڭ يولدىن چىقىپ ناشايان ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغانلىقى سەۋەپلىك يۇقۇملىنىپ قالغاچقا نېمە قىلارىنى بىلمەي قالغان ئاياللار بولۇپ، ئەيدىزدىنقورقۇپ كېتىۋاتقان، ئەرلىرىگە نەپرەتلىنىۋاتقان، ئاچچىقىدا ئاجرىشىپ كېتەي دېسىمۇئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ بولغاندىن كىيىن ئەمدى كىم بىلەن توي قىلىمەن، بۇ ھالىمدامېنى كىم ئالىدۇ، ئاجراشسام بالىلىرىمنى قانداق قىلىمەن، ئۆي تۇتىۋېرەي دېسەم مېنىڭ ھەم نىكاھىمىزنىڭ ھۆرمىتىنى قىلماي يولدىن چىققان ئاياللار بىلەن يالىشىپ يۈرۈپ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ مېنىمۇ يۇقۇملاندۇرۇپ قويغانلىقىغا قاتتىق ئاچچىقىم كېلىدۇ، يۈرۈكۈم چىدىمايدۇ، بۇنداق نىكاھتا قىلغان ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمايدىغان،بالا تېپىپ قۇيۇپ خوتۇنىغا سەمىمىيەتسىزلىك قىلىپ ئائىلىسىگە مەسئۇل بولمايدىغان ئەر بىلەن قانداق ئۆي تۇتقىلى بولىدۇ...
بىر قىسىم ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئاياللار ئاتايىتەن پەزىلەت خانىمنى ئىزدەپ كېلىپ دەردىنى تۆكۈشۈپ ئۆزلىرىنى تۇتىۋالالماي يامغۇردەك تۆكۈلۈپ يىغلاپ كېتىشىدۇ، ئەنە شۇنداق ئۆزىنىڭ سۇئالىغا ئۆزلىرى سۇئال بىلەن جاۋاپ بىرىشىپ قايناپ كېتىشىدۇ.  
ئەيدىزدىنيۇقۇملانغان دەرتمەن ئاياللار، ئائىلىسى-بالىسى-ئەيدىز ئالدىدا ئارىدا قالغانئاياللار، ئۆز جىسمىغا ئورۇنلاشقان ئەيدىز ۋىرۇسىغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنىدەماللىققا بىلمەيۋاتقان ئاياللار، ئېرىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپئاجرىشىپ كېتىمەن دېسە ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىڭنى باشقىلارغا ئاشكارىلىۋېتىمەندەپ تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان ئاياللار، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغاچقا توي قىلىشئۈچۈن ئۆزىگە ئوخشاش يۇقۇملانغۇچىلار ئارىسىدىن مۇۋاپىق ھەمرا تېپىشتاقىيىنچىلىققا ئۇچراپ تەنھا ئۆتىۋاتقان ئاياللار، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغاندىن كىيىنئۆيى بۇزۇلۇپ ئائىلىسى تۇزۇپ يۇقۇملانغانلىقى ئاشكارىلىنىپ كېتىپ نەچچە يىللارنىڭبېرىسىدىن تۇل ئۆتىۋاتقان ئاياللار، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغاندىن كىيىن تۇرمۇشتاچىقىش يولى تاپالماي، ئۈمىدسىزلىنىپ ئىش-ئەمگەكتىن ۋاز كېچىپ يولدىن چىقىپ كېتىپناشايان ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئاياللار...
QQ截图20170109121157.jpg
ئېچىنىشلىق بولىۋاتقىنى،بىر قىسىم ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئاياللار ھامىلدار بولغىنىنى يۇشۇرۇپ، قېچىپيۈرۈپ، تەكشۈرۈشكە ماسلاشماي، دۆلەت ھەقسىز تەمىنلەپ بىرىۋاتقان بىخەتەر ھالەتتىكىئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋىرۇسقا قارشى دورايىيىشنى خالىماي تۇغما ئەيدىز بالىنى تۇغۇپ قۇيىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىۋاتىدۇ.ھەتتا بەزى ھامىلدار ئاياللار ئۆزىنىڭ ھەم ھامىلىنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن پىلانلىقتۇغۇت خادىملىرى قەرەللىك تەكشۈرتۈشنى تەلەپ قىلسىمۇ، ھەر خىل سەۋەپلەرنى كۆرسۈتۈپ ئۆزلىرىنى ئېلىپ قېچىپ ۋاقتىداتەكشۈرتمەي، ئاقىۋەتتە ئۆزلىرىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغانلىقىدىن خەۋەرسىزھالەتتە تۇغما ئەيدىز بالىلارنى تۇغۇپ قۇيۇۋاتقانلارمۇ كىلىپ چىقىپ قېلىۋاتىدۇ...
  پەزىلەت خانىم ئۆزىنى تۇتىۋالالماي ھېقىقداپيىغلاپ كەتتى، كۆزلىرىدىن تارام-تارام ياشلاپ قۇيۇلۇپ كەتتى، مېنىڭمۇ كۆزۈمدىن ياشقۇيۇلاي دەپ قالدى، ئاستا يانغا قارىۋالدىم. ئۇنىڭ يۈرۈكى كۈيىۋاتىدۇ، قەلبىئۆرتۈنۈپ ئىچى ئاچچىق بولىۋاتىدۇ، دۇنياۋى يۇقۇملۇق كېسەل ئەيدىز ئالدىدا بۇنداقئويناشقاندەك مۇئامىلە قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرى، يۇرتداشلىرى ئۈچۈن كۆڭلى بىئارام بولىۋاتىدۇ،ئۇلارغا ئىچى ئاغرىپ چىدىمايۋاتىدۇ، يىغا ئادەتتىكى ئىشقا پەيدا بولمايدۇ، يىغامۇھەببەتسىز ئادەملەرنىڭ كۆزىدىن تۈكۈلمەيدۇ. يىغا نەپرەتتىن ئەمەس ياخشى كۆرۈشتىنئېتىلىپ چىقىدۇ.
QQ截图20170109120803.jpg
ئەيدىزگەپۇتلاشقان ئاياللار مەسىلىسى ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ئىچىنى ئاچچىق قىلىدۇ. تېخىجەمئىيەتتە ئەيدىزدىن يۇقۇملانمىغان ئاياللارنىڭ نىكاھ-ئائىلە، سالامەتلىك، كەسىپمۇھىتىدىكى دەرت-ئەلەملىرىنىڭ خېلى كۆپلىكى ئاز كېلىپ قالغاندەك، ئەيدىز بىلەنيۇقۇملانغان ئاياللارنىڭ ھەر خىل بېسىملىرى خۇددى ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەكتەكئۇلارغا تۆپە-تۆپىلەپ ئازاپ-ئوقۇبەت ئېلىپ كەلمەكتە.
پەزىلەت خانىمخۇددى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە ئاتلىنىپ كەتكەن ھالەتتە چىن ۋۇجۇدىدىنبىرىلىپ سۆزلەۋاتىدۇ.
ھەر بىرئائىلىدە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات بىلىملىرى بولۇشى كېرەك دېگەنپىلانىمىز بويىچە، ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرى بىلەن ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىكىرگۈزۈلگەن كالىندارنى ھەر بىر ئائىلىگە تارقاتتۇق. ھەر قايسى كەنتلەردىكى كۆزگەكۆرۈنەرلىك ئورۇندىكى تاملارغا ئەيدىز كېسىلى ۋە ئۇنىڭ خەتىرى توغرىسىدىكىساۋاتلارنى چوڭ خەتلىك قىلىپ يېزىپ چىقتۇق. تاكسى ۋە كوچا ئاپتوبۇسلىرىغىمۇئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى تەشۋىقاتىنى ئورۇنلاشتۇردۇق. ئىدارە-مەكتەپلەربىلەن ئالاقىلىشىپ خىزمەتچىلەر بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا  قەرەللىك ھالدا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشبىلىملىرى لېكسىيەسىنى سۆزلەپ كېلىۋاتىمىز، رادىيۇ ئىستانسىدا ئەيدىزنىڭ ئالدىنىئېلىش بىلىملىرى توغرىسىدا نەق مەيدان سۆھبىتىنى بىۋاستە تارقىتىش ئېلىپبېرىۋاتىمىز. پىدائىلار ئەترىتىمىز ھەر ھەپتىدە ھەپتىلىك بازار بولىدىغانيېزا-بازارلارغا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى ئاۋازلىق ھالەتتىكىكاناي ئورنۇتۇلغان ماشىنىنى ھەيدەپ بېرىپ ئاۋازلىق تەشۋىقات ۋە ئەيدىزنىڭ ئالدىنىئېلىش بىلىملىرى ماتىرىياللىرىنى تارقىتىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.
QQ截图20170109121231.jpg
شۇنداقتىمۇ،ھەممە كىشىلەرگە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى يەتكۈزۈشكە بىز يىتىشىپبولالمىغاندەك ھېس قىلىۋاتىمىز. شۇڭا، ئىتتىپاق كومىتېتى، سودا-سانائەت مەمۇرىباشقۇرۇش ئىدارىسى، مائارىپ ئىدارىسى، ئاياللار بىرلەشمىسى، يېزا-بازارلىق ھۆكۈمەتقاتارلىق ئىدارە-ئورگانلارمۇ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تەشۋىقاتىنى ئۆزساھەسى بويىچە تېخىمۇ كۈچەيتسە، تەشۋىقات-لېكسىيە پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ بەرسەبىز يۈرۈشتۈرۈپ بەرسەك دەپ ئويلايمىز. ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار يىلدىن-يىلغاكۆپىيىۋاتىدۇ، ئەمما بىزنىڭ خىزمەت شىتاتلىرىمىز ئانچە كۆپ ئەمەس. ھەر قاتلامھەرقايسى ساھەلەردە مەخسۇس ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتنى قىلىدىغانخىزمەتچىلەر بولسا بەك ياخشى بولاتتى. چۈنكى، ئەيدىزدەك يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنىئېلىش تەشۋىقاتىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قۇيۇش كېرەك دەپ ئويلايمەن. دۆلەتمۇ ئەيدىزيۇقۇمدارلىرىغا ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى ھەقسىز تەمىنلەپ يىلدا ناھايىتى نۇرغۇن پۇل چىقىم قىلىۋاتىدۇ. ئەمما، ۋىرۇسقاقارشى دورىلارنى يىگىلى ئۇنىمايدىغان بىر قىسىم ئۆز كېسىلىنى چۈشۈنىشنىخالىمايدىغان بىمارلار بار. ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللىگىلى ھەم ۋىرۇسقا قارشىدورا يىيىشىنى تەشەببۇس قىلىپ بەزى بىمارلارنى ئىزدىسەك، بىر يەرلىرىم ئاغرىمىسا،يېتىپ قالماي ئۆرە مېڭىپ يۈرسەم، ئۇنتۇلۇپ قالغان كېسەلنى ئېسىمگە سېلىپ نېمەقىلىسىلەر دەپ خاپىلاپ كېتىشىدۇ...
QQ截图20170109121114.jpg
پەزىلەت خانىمئۆزىنى ئۇنتىغان ھالەتتە بىرىلىپ سۆزلەۋاتىدۇ. سۆزلەر ئۇنىڭ ئاغزىدىن خۇددىئىلگىرىتىن ئويلاپ قويغاندەك مارجاندەك تىزىلىپ چىقىۋاتىدۇ. ئەيدىزنىڭ ئالدىنىئېلىش خىزمىتىگە ئۆزىنى ئاتىۋەتكەن ئادەم مانا مۇشۇنداق پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەنكىرىشىپ كەتكەن بولىدۇ.
مانا بۇ ئىسمىجىسمىغا لايىق پەزىلەت ئىگىسى خوتەن شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنىئېلىش-كونتۇرۇل قىلىش مەركىزى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ھەمخوتەن شەھەرلىك ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى پەزىلەت ئابدۇمىجىتدۇر.
   ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى ئىچىدىنقايناپ تۇرۇپ ئىشلەيدىغان كىشىلەر بىلەن كۈچىيىشكە باشلايدۇ. مانا مۇشۇنداقكىشىلەر ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئىسمى-جىسمىغا لايىق يۈرۈشتۈرەلەيدۇ.



كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|Archiver|يانفۇن|يارپ مۇنبىرى ( 新 ICP 备 10001843号-2

GMT+8, 2017-1-20 03:20 , Processed in 0.131537 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed

© 2001-2013 Comsenz Inc. Template By 【 www.Yurtimiz.com 】

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش