يارىپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
全局 页头二级导航栏广告
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: ئەيدىز داۋالاش كېسەل
جەمئىي مىكروبلوگ 974 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 78|ئىنكاس: 0

خوتەنلىك ئەيدىز پىدائىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

خوتەنلىك ئەيدىز پىدائىسى
    بىر ئادەمنى بولسىمۇ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشتىن ساقلاپ قالساق، بىر يۇقۇملانغۇچىنىڭ بولسىمۇ باشقىلارغا ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇپ قۇيۇشىنىڭ ئالدىنى ئالساق، بىر-ئىككى يۇقۇملانغۇچى بولسىمۇ ئۇلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ كەمسىتىشكە ئۇچراشتىن كىلىپ چىققان دەرت-ئەلىمىنى يىنىكلەتسەك، ئۆز يېنىمىزدىكى، يۇرت-مەھەللىمىزدىكى ئەيدىزنىڭ قانداق يۇقىدىغانلىقى ئۇخلاپمۇ چۈشىدە كۆرمىگەن ،نىكاھ سىرتىدىكى ئاتالمىش "كۆڭۈل ئېچىش" سورۇنلىرىدا ھەم ھەمجىنىسلارنىڭ بەزمىخانىسىدا پاسكىنا-مەينەتچىلىك قىلمىشىغا دۈم چۈشۈپ، نادانلىق بىلەن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش خەۋپىگە دۇچار بولىۋاتقانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چېلىپ، ھۇشيار-سەگەك بولۇشىغا ياردەم قىلالىساق، ئەيدىز يۇقۇمى ئالدىدا ھەر بىر ئادەمنى ھەرقاچان كەسكىن پوزىتسىيە بىلەن ئۆزىنى قوغداشقا مەسئۇل بولۇشقا دەۋەت قىلالىساق، ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بىر كشىلىك ھەسسە قوشالىساق، قېرىنداشلارنىڭ ساغلاملىقى، ئەل-يۇرتنىڭ ئاسايىشلىقى، ئىنسانىيەتنىڭ بەختى ئۈچۈن، ئەيدىز ۋاباسىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۆزىمىزنى ئاتىيالىساق، كۆڭلىمىز خوشال بولىدۇ، تاپقان پۇللىرىمىزدىن، ئۆتكەن كۈنلىرىمىزدىن ھەقىقى ھوزۇرلىنالايمىز.
ئەقىل ۋە ئىقتىساد ئىمكانىيىتى يار بەرگەچكە ئەل-يۇرتتىكى قان-قېرىنداشلىرىنىڭ ئەيدىز ۋاباسىدىن يىراق تۇرۇشى ئۈچۈن ئۆزلىگىدىن  بىجانىدىللىق بىلەن بەدەل تۆلەشكە رازى بولغان، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساھەسىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇن بويىچە تۇنجى قېتىم شەخىسلەر قۇرۇپ چىققان، ۋىلايەت دەرىجىلىك ھۆكۈمەت مەمۇرى تارمىقى تەستىقلاپ ئېتىراپ قىلغان خوتەن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش پىدائىلار مۇلازىمەت جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، "ئىنساپ مەدەنىيەت مەركىزى" ھەم ئىنساپ كۈتۈپخانچىلىقىنىڭ بەرپاچىسى تۇرسۇن توختى شۇنداق دەيدۇ.
ئۇ ئۆز يېنىدىن مەبلەغ چىقىرىپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش پىدائىلار مۇلازىمەت جەمئىيىتى قۇرۇپ چىقىپ،مەخسۇس ئىشخانا سەرەمجانلاشتۇرۇپ، پىدائىلارنى قۇبۇل قىلىپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش جېڭىگە ئاتلانغان ئىنسان. دېمىسىمۇ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتىنى قىلىش يالغۇز دۆلەت-ھۆكۈمەتنىڭلا ۋەزىپىسىلا ئەمەس، بەلكى قىلىشنى ئويلىغان ھەم قىلالايدىغان ھەر بىر ئىنساننىڭ بۇرچى ھېساپلىنىدۇ.     
    ئۇ جەمئىيەتتىكى ئىشسىز ياشلاردىن مەخسۇس ئەيدىز پىدائىسى بولۇشنى خالايدىغان يىگىرمىدەك ياشقا مۇۋاپىق تۇرمۇش پۇلى بىرىپ، ئۇلارنىڭ قەرەللىك ھالدا كوچا-بازارلارغا ھەم ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى نىسبەتەن گەۋدىلىك بولىۋاتقان كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا بېرىپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەزمۇنىدىكى قىزىل رەڭلىك، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغاندىن كىيىن تەمكىن بولۇپ باشقىلارغا يۇقتۇرماسلىق ھەم دەرھال ۋىرۇسقا قارشى دورا يىيىش مەزمۇنىدىكى يېشىل رەڭلىك، ئەيدىز كېسەللىرىگە كۈيۈنۈش ھەم كەمسىتمەسلىك مەزمۇنىدىكى« ئاق رەڭلىك »ھالەتتىكى  ھەر خىل تەشۋىقات ماتىرىياللىرىنى تارقىتىۋاتقان، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش پىدائىلىق مۇلازىمىتىنى باشلىغان يېرىم يىل مابەينىدە تەشۋىقات ماتىرىياللىرىنى باستۇرۇش، پىدائىلارغا مۇۋاپىق تۇرمۇش پۇلى بىرىش، 2016-يىللىق دۇنيا ئەيدىز كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن خوتەندە ئىشلىگەن تىلىۋىزىيە سەنئەت فىلىمىنىڭ چىقىمى بولۇپ، شەخسى يېنىدىن يۈزمىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل سەرىپ قىلغان بىر ئۇلۇغ ئىنسان.  
ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش پىدائىلار مۇلازىمەت جەمئىيىتىدىكىلەر جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلىمىدىن يىغىلغان پىدائىلار بولغاچقا، قايسى ساھەدىكىلەر، قايسى مەھەللىدىكىلەر، قايسى ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىش خەتىرىنىڭ چوڭلىقىنى ھېس قىلماي قالماسلىقى مۇمكىن.
دېمەك، خوتەن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش پىدائىلار جەمئىيىتىدىكىلەر ئۆزلىرى نىشانلىغان ئورۇنلارغا، ساھەلەرگە، ئائىلىلەرگە كەچقۇرۇنلىقى، شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى، بايرام-دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات ماتىرىياللىرىنى  تارقاتقىلى، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى يەتكۈزگىلى، ئەيدىزدىن ساقلىنىش سۆھبەتلىرىنى ئېلىپ بارغىلى خالىغانچە بارالايدىغانلىقى ئۈچۈن، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش پىدائىلىرىنىڭ مۇلازىمىتى جەمئىيەتتە  ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتىنى تېخىمۇ كېڭەيتكىلى ھەم ئەمەلىي ھالدا چوڭقۇرلاشتۇرغىلى بولىدۇ.
دېمەك، خوتەن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش پىدائىلار مۇلازىمەت جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ جاي-جايلىرىدا ئەنە شۇنداق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش پىدائىلار مۇلازىمەت جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا يول ئېچىپ بىرەلەيدۇ، ئۈلگە بولالايدۇ. كۆپلىگەن تىجارەتچى-كارخانىچىلارنى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساھەسىگە باشلاپ كىرىشكە تۈرتكىلىق رول ئوينىيالايدۇ.
دېمىسىمۇ، مەدەنىيەت ئالدىدا روھى ئۇلۇغ، تەرەققىيات ئالدىدا ئىدىيەسى ئىلغار، مېھىر-مۇھەببەت ئالدىدا كۆكسى-قارنى كەڭ، تاپقان-تېپىۋاتقان پۇلىنىڭ ئالدىدا قۇل بولمايدىغان، بەلكى پۇلنى ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت ئىدىيىسى ئۈچۈن قۇل قىلالايدىغان ئادەملەر جەمئىيەتكە مەسئۇل بولالايدۇ، ئەل-يۇرتقا ئەمەلىي بولغان ھەقىقى ياخشىلىق قىلالايدۇ. باشقىلارغا ياردەم قىلالىغىنىدىن خوشال بولىدىغان، باشقىلارنىڭ ئازاپ-ئوقۇبەتكە ئۇچرىشىغا چىداپ تۇرالماي ئۇلارنىڭ بۇ دەرت-ئەلەمدىن يىراق تۇرۇشىغا مەسئۇل بولۇشقا ئاتلانغان ئىنسان ئەل-جامائەتنىڭ ئاپىرىن ئېيتىشىغا، تەشەككۈر بىلدۈرىشىگە، قوللاپ ھەمدەم بولۇشىغا ئېرىشەلەيدۇ.
شۇنداقلا، پۇل تېپىش مەقسىدى ئوخشىمايدىغان ئادەملەرمۇ بولىدۇ. بەزى ئادەملەر ئولتۇرسا-قوپسا پۇلنىڭ غېمىدە ئىچىدە قۇرت باردەك تەشۋىشلىنىپ ياشايدۇ. شەكلى ئۆزگەرگەن تىلەمچىلەردەك كىمنىڭ پۇلىنى قۇيۇۋالسام بولاركىن دەپ يامان نىيەتتە تىمىسقىلاپ يۈرۈيدۇ. ئۇنداق ئادەملەر باشقىلارنىڭ پۇلىدا ھەققى باردەك ھېچ ئىش قىلىپ بەرمەي ئىگە بولىۋېلىشنى، باشقىلارنىڭ ئىشىنى قولىنىڭ ئۇچىدىلا قىلىپ قۇيۇپ پۇلىنى خەجلىۋېلىشنى،  باشقىلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ قۇيۇپ ئۆز پايدىسىغا چود سۇقۇشنى، مۇشۇنداق ئۇسۇلدا پۇل تېپىپ چوڭ يەپ چوڭ ئىچىشنى، ھاكاۋۇرلۇق بىلەن ئۆزىنى كۆرسۈتۈش ھەم پەسلىك بىلەن باشقىلارنى كەمسىتىشنى، جاپا تارتماي تاپقان پۇل بولغاچقا بۇزۇپ-چېچىپ خەجلەپ كىشىنىڭ ھەققىنى يىيىشتىن نومۇس قىلماسلىقنى، شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ پۇرسەت بېرىشى ھەم باشقىلارنىڭ قوللىشى بىلەن تاپقان پۇللىرىدىن ئۆز ئېشىنچىسىدىن ئاشقانلىرىنى جەمئىيەتكە قايتۇرۇشنى خالىمايدىغانلاردىن بولغاچقا، ئەل-جامائەتنىڭ ھۆرمەت-ئىناۋىتىنى قوزغىيالمايدۇ، بەلكى باشقىلارنىڭ نەپرىتىگە ئۇچراپ كېتىدۇ، ئۇنداقلار ئادەمنىڭ قولىدىكى پۇلنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ، بارغانسىرى پەسلىشىپ كېتىدۇ.
  



كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|Archiver|يانفۇن|يارپ مۇنبىرى ( 新 ICP 备 10001843号-2

GMT+8, 2017-1-20 03:20 , Processed in 0.122653 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed

© 2001-2013 Comsenz Inc. Template By 【 www.Yurtimiz.com 】

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش