يارىپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
全局 页头二级导航栏广告
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: ئەيدىز داۋالاش كېسەل
جەمئىي مىكروبلوگ 974 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 230|ئىنكاس: 1

ھىندىستاندا 43 مىڭ بىمارنىڭ ئۇچۇرى ئاشكارلىنىپ قالدى،

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-12-17 12:40:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى



ھىندىستاندا 43 مىڭ بىمارنىڭ ئۇچۇرى ئاشكارلىنىپ قالدى، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

10890a37f1b15c0d47607185666558ef.jpg

ھىندىستان ETtech تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،بومبايدىكى بىر ئارخىپ تەجىرىبىخانىسىدىكى 43 مىڭ نەپەر بىمارنىڭ مەخپى ئۇچۇرى توردا ئاشكارلىنىپ قالغان، ئاشكارلىنىپ قالغان بىمارلارنىڭ مەخپى ئۇچۇرىنى گوگۇل تورى ئارقىلىق ئاسانلا تاپقىلى بولىدىغان بۇلۇپ،بىمارلارنىڭ ئىسمى،جىنسى ۋە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئۆزئىچىگە ئالىدىكەن، بۇنىڭدىن باشقا،
Buzz feed NEWS  خەۋەر قىلىشىچە، يەنە بىر قىسىم بىمارلارنىڭ يىشى ئارانلا 17 ياش بۇلۇپ،يەنە بىر قىسىم بىمارلارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسپەت ئىكەن.
تور بىخەتەرلىكى مۇتەخەسسىسى تىروي خانت ئۆز مىكرو بىلوگىدا بۇ قېتىملىق بىمارلارنىڭ ئۇچۇرى ئاشكارلىنىش ۋەقەسىنى ئەڭ ئاۋال تورداشلارغا جاكارلىغان.تىروي خانت   Buzz feed NEWSنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا،بىمارلارنىڭ ئارخىپى توردىكى بىر ھۆججەت قىسقۇشتا ساقلانغان بۇلۇپ،مۇندەرىجىسىنىڭ قوزغىتىلغانلىقىنى ئېيتقان، ئۇنىڭ دىيىشىچە« مۇنداقچە ئيتقاندا، بۇنىڭغا ئوخشاش 43 مىڭدىن ئارتۇق بىمارنىڭ ئارخپى ساقلانغان ھۆججەت ئوچۇق ھالدا ئۇ يەرگە قۇيۇلغان،ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە قانچە ئادەمنىڭ بۇ ئارخپلارنى كۆرگەنلىكى بىزگە نامەلۇم، چۈنكى ئۇ ئارخىپلارنى كومپىيوتىر ساقلاش كۆزنىكى ئىچىدىن ئاسانلا تاپقىلى بولىدۇ.»
تروي خانت قايتا-قايتا ئارخىپ تەجىربىخانىسى بىلەن ئالاقىلاشقان بولسىمۇ ، نەتىجىدە جاۋاپسىز قالغان، Buzz feed NEWS مۇ بۇ ئارخىپ تەجرىبىخانىسىنىڭ بىر خىزمەتچىسى بىلەن ئالاقىلاشقاندا، ئۇ خىزمەتچى ئارخىپ تەجرىبىخانىسى تورىنىڭ «خاككىرنىڭ» ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتقان.
بۇ ئارخىپ تەجىربىخانىسىنىڭ بىر يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە«(خاككىر) كۆپ قېتىم بىزنىڭ تورىمىزغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان، بۇ بىزنى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان سېستىمىغا يۆتكۈلۈشكە مەجبۇر قىلدى، نۆۋەتتە بىزنىڭ خىزمەتچىلىرىمىز يېڭى سېستىمىدا مەشغۇلات قىلىش ئۆگۈنىشىنى قۇبۇل قىلىۋاتىدۇ، بىز كېلەر يىلى1-ئايدا يېڭى سېستىمىغا كۆچۈشنى باشلايمىز.»
12-ئاينىڭ2- كۈنى Buzz feedخەۋىرى بۇ قېتىملىق بىمارلارنىڭ ئارخىپى ئاشكارلىنىپ قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ماقالىنى ئېلان قىلغان بۇلۇپ، بىر نەچچە سائەتتىن كىيىن بىمارلارنىڭ ئارخىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆججەت قىسقۇچنى يەنە قارتا كۆرگىلى بولمىغان.
بۇ ئارخىپ تەجىربىخانىسىنىڭ مەسئۇلى ئامىت شارما مۇنداق دىدى:« بىز مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق توردىكى بارلىق بىمارلار ئارخىپىنى چىقىرىپ تاشلىدۇق، ھەمدە تورنى ۋاقتىنچە تاقىۋەتتۇق،بۇ ئارقىلىق ھەر قانداق بىر بىمارنىڭ شەخسى ئۇچۇرىنىڭ ئاشكارلىنىپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قېلىندى.


ۋاقتى: 2017-1-5 12:15:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خاككىرلار  نىمە دىگەن يامان  .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|Archiver|يانفۇن|يارپ مۇنبىرى ( 新 ICP 备 10001843号-2

GMT+8, 2017-1-20 03:22 , Processed in 0.132911 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed

© 2001-2013 Comsenz Inc. Template By 【 www.Yurtimiz.com 】

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش