يارىپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
全局 页头二级导航栏广告
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: ئەيدىز داۋالاش كېسەل
جەمئىي مىكروبلوگ 974 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 260|ئىنكاس: 1

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈشنى قوللايدىغانلىقىنى ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-12-15 16:35:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
20161212.2.jpg
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، مۇلازىمەت ئورگانلىرى يەنىمۇ كۆپلىگەن دىئاگنۇز قۇيۇپ تەكشۈرۈشكە ئېرىشەلمىگەن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.بۇ شۇنىڭدەك ھازىر بار بولغان مۇلازىمەتتىن بەھرىمان بولالمايۋاتقانلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈش خالى ۋە قولايلىقشارائىتتا ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇلۇپ،شۆلگەي سۇيۇقلۇقى ياكى بارماقنى تېشىش ئارقىلىق چىققان قان ئارقىلىق تەكشۈرۈشكە بولىدۇ،20 مىنۇت ياكى ئۇنىڭدىنمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ،تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە مۇسپەت چىققانلار، سىەھىيە ئامبولاتورىيىلىرىدە مۇقىملاشتۇرۇش تەكشۈرىشى ئېلىپ بارسا بولىدۇ.
ئەڭ يېڭى دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە،پۇتكۈل يەر شارىدا 18 مىليوندىن ئارتۇق ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار داۋالاشقا ئېرىشكەن بىراق يەنە نۇرغىنلىغان كىشىلەر دىئاگنۇز قۇيۇپ تەكشۈرۈشكە ئېرىشەلمىگەن بۇ سەۋەپلىك داۋالىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغان، بۈگۈنكى كۈندە،%40 ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ئۆز تەن سالامەتلىك ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز،بۇنىڭ ئىچىدە كۆپىنچىسى يۇقۇملىنىشتىكى ئەڭ خەتەرلىك ئەڭ خەتەرلىك كىشىلەر توپى بۇلۇپ، ئۇلار ھازىر بار بولغان تەكشۈرۈش مۇلازىمىتىگە تېخىمۇ تەستە ئېرىشىدۇ.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەيدىز ۋىرۇسى تەكشۈرىلىشىنىڭ قاپلىنىش نىسپىتى يەنىلا ئىنتايىن تۆۋەن، مەسىلەن،ئەرلەر تەكشۈرۈشنى قۇبۇل قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئاران %13 نى ئىگىلەيدۇ، ئەر يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ تەكشۈرۈپ دىئاگنوز قۇيۇش ۋە ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى قۇبۇل نىسپىتى تۆۋىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاياللارغا قارىغاندا ئەيدىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسىللىكلەر سەۋەبىدىن ئۆلۈش نىسپىتى يۇقۇرى بۇلۇشى مۇمكىن.
ئەر ھەمجىنىسلار،جىنسىي مۇناسىۋەت خىزمەتچىلىرى، جىنىس ئۆزگەرتكۈچىلەر، زەھەرنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرغۇچىلارۋە سولاقخانىدىكىلەر قاتارلىق «نۇقتىلىق كىشىلەر توپى» ھەمدە جۆرىلىرىنىڭ تەكشۈرۈش قۇبۇل قىلىش نىسپىتى ئىنتايىن تۆۋەن، ئۇلار ھەر يىلقى 1 مىليون 900 مىڭ قۇرامىغا يەتكەن يېڭىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ %44 نى ئىگىلەيدۇ.
%70 دىن يۇقۇرى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ جۆرىسىنىڭمۇ ئەيدىز ۋىرۇسى تەكشۈرىشى مۇسپەت بولغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر نۆۋەتتە تەكشۈرۈش قۇبۇل قىلالمىغان.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يېڭى كۆرسەتكۈچىدە، ئەيدىز ۋىرۇسى تەكشۈرىشى مۇسپەت بولغۇچىلارنىڭ ئۆز ئەھۋالىنى جۆرىسىگە ئۇقتۇرىشىغا ياردەم بېرىش ۋە ئۇلارنى تەكشۈرۈش قۇبۇل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش تەكىتلەندى.
دۇنيا دىكى ئەيدىز گە زەربە بېرىش خىزمىتى يېقىنقى يىللاردا ئۆزلۈكسىز تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈردى. 2015-يىلى پۈتكۈل يەرشارىدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانى 1 مىليون 100 مىڭغا يەتكەن، بۇ 2005- يىلدىكىدىن %45 تۆۋەنلىگەن بۇلۇپ يېقىنقى 20 يىلدىكى ئەڭ تۆۋەن ھالەتنى ياراتقان. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ يېڭىدىن بايقىلىش نىسپىتى 2000-يىلدىن بۇيان %35 تۆۋەنلىگەن.
2005-يىلدىن 2015-يىلغىچە، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئۆز ئەھۋالىدىن خەۋەردار بۇلۇش نىسپىتى %12 دىن %60 كە ئۆرلىگەن. پۈتۈن دۇنيادا %80 دىن ئارتۇق ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ۋىرۇسقا قارشى دورا ئارقىلىق داۋالاشنى قۇبۇل قىلغان




ۋاقتى: 2017-1-2 21:20:16 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تەكشۈرۈش قەغىزىنى قەيەردىن ئالغىلى بۇلىدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|Archiver|يانفۇن|يارپ مۇنبىرى ( 新 ICP 备 10001843号-2

GMT+8, 2017-2-26 11:42 , Processed in 0.131901 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed

© 2001-2013 Comsenz Inc. Template By 【 www.Yurtimiz.com 】

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش