يارىپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
全局 页头二级导航栏广告
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: ئەيدىز داۋالاش كېسەل
جەمئىي مىكروبلوگ 974 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 131|ئىنكاس: 1

ئىلمىي ئۇسۇلدا مۇداپىئەلىنىش ئەڭ ياخشى« ۋاكسىنا»

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-12-14 12:55:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئىلمىي ئۇسۇلدا مۇداپىئەلىنىش ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ياخشى« ۋاكسىنا»


44V58PICv3T_1024.jpg

ئەيدىزكېسىلى، ئېرىشمەئىممۇنىتېت كەمتۈكلىك ئۇنىۋېرسال ئالامەتلىرى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بۇلۇپ،ئېلىپكېلىدىغان خەتىرى ئىنتايىن چوڭ يۇقۇملۇق كېسەل بۇلۇپ ھېساپلىنىدۇ.ئەيدىز ۋىرۇسىبولسا،ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سېستىمىسىغا ھۇجۇم قىلىدىغان ۋىرۇس بۇلۇپ،ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV) ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، ئىممۇنىتېتسىستېمىسىنىڭ مۇھىم ھالقىسى بولغان CD4 لىمفاھۈجەيرىسىگە بۆسۈپ كىرىدۇ ھەمدە CD4ھۈجەيرىلىرىنىكۆپلەپ نابۇت قىلىپ، ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈپقويىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئىممۇنىتېت سىستېمىسى تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە تاقابىلتۇرالمايدۇ ھەمدە ئادەم بەدىنىدە ھەر خىل كېسەللىكلەر كۆپىيىشكە باشلايدۇ. يەنى ئادەمئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ئىممۇنىتېت سىستېمىسى بۇزغۇنچىلىققائۇچراپ، بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۇچى ئاجىزلاش سەۋەبىدىن ئادەتتە ساغلامئادەملەردە كۆپ كۆرۈلمەيدىغان يۇقۇملىنىشلار ۋە ئۆسمە قاتارلىق كېسەللىكئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ ئاخىرى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك يۇقۇملۇقكېسەللىكتۇر.
نۆۋەتتە ئەيدىزكېسىلىنى داۋالاپ ساقايتىدىغان دورا ياكى ئۇسۇل يوق بۇلۇپ، ئەيدىزنىڭ يۇقۇشيوللىرىنى توغرا تۇنۇپ،ئىلمىي ئۇسۇلدا مۇداپىئەلىنىپ، ئەيدىزدىن ئاسانيۇقۇملىنىدىغان كىشىلەر توپىغا ئايلىنىپ قىلىش پۇرسىتىنى ئازايتىش ئىنتايىن مۇھىم.

ئىلمىي ئۇسۇلدا ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش
1.  ھەر قانداق بىخەتەر بولمىغان جىنسىي مۇناسىۋەتتىنساقلىنىش، نورمال جىنسىي مۇناسىۋەتتە گاندون ئىشلىتىش ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكىئۈنۈملۈك ئۇسۇل، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز كېسەللىرى بىلەنپۈتۈنلەي ئۇچۇق بولغان بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانمىغان خەتەرلىك جىنسىي ئۇچرىشىشنىقەتئىي چەكلەش كېرەك، بۇ يەنە بىر تەرەپتىن ئاياللارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىقيۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىشىدىكى مۇھىم تەدبىر ھېساپلىنىدۇ.
2.  زەھەرلىك چىكىملىكتىن يىراق تۇرۇش،زەھەرلىك چىكىملىكچەككۈچىلەر كۆپۈنچە پاكىز بولمىغان شپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ زەھەرنى ئۇكۇل قىلىپئۇرىدۇ ياكى زەھەر چىكىش ئۈچۈن قان ساتىدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆز تەن ساپاسىنىڭ  ئەزەلدىنلا ئاجىز بۇلۇشى سەۋەپلىك ئاسانلائەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3.  ئورۇنسىز ھالدا قان ئارقىلىق يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش.بەدەنگە چەكتۈرۈش،پۇتنىڭ تىرناقلىرىنى ۋەقاداقلىرىنى ئالدۇرۇش،قاش-قاپاق چەكتۈرۈش،چاچ-ساقال ئالغۇزۇش،قۇلاقتەشتۈرۈش،قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە يۇقۇملىنىپ قېلىشئىمكانىيىتى مەۋجۈت بولىدۇ،ئەگەردە يۇقارقى ئىشلارنى چوقۇمئېلىپ بېرىشقا  توغرا كەلگەندە، چوقۇم تزلىقى لاياقەتلىكمۇنتىزىم ئورۇنلارنى تاللاش لازىم،قاتتىق دېزىنفىكسىيەلەش ئۆتكىلىدىن ئۆتمىگەنئەسۋاپلارنى ئىشلىتىپ،ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.
4.  ئاياللار ھەيىز مەزگىلىدىكى تازلىققا ئالاھىدە دېققەتقىلىشى لازىم. تازلىق قەغىزىنى قالايمىغان تاشلاشتىن كېلىپ چىققان قان ئارقىلىقبۇلغۇنۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.
5.  ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلدار ئايال تۇغۇشجەريانىدا گىرەلەشمە يۇقۇملىنىش كېلىپ چىقىشىمۇمكىن.دوختۇرخانىدىكى تۇغۇت دوختۇرلىرى بۇ مەسىلىگە تاقابىل تۇرۇش جەھەتتىكىمەشغۇلاتقا قارىتا قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.
6.داۋالانغاندا،مۇنتىزىم داۋالاش ئاپاراتلىغا بېرىپ داۋالىنىش، قانۇنسىز،لاياقەتسىز ئامبولاتورىيەلەرگەبېرىپ داۋالانماسلىق كېرەك، چۈنكى قانۇنسىز لاياقەتسىز ئامبولاتورىيەلەرگە بېرىپداۋالانغاندا،خاتا داۋالاش كېلىپ چىقىپلا قالماي، داۋالىنىش جەريانىدىكى ئەيدىزۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.



ۋاقتى: 2016-12-14 19:33:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تىما  يوللاپسىز  ، تەشەككۈ ر!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|Archiver|يانفۇن|يارپ مۇنبىرى ( 新 ICP 备 10001843号-2

GMT+8, 2017-1-20 03:23 , Processed in 0.128509 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed

© 2001-2013 Comsenz Inc. Template By 【 www.Yurtimiz.com 】

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش