يارىپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
全局 页头二级导航栏广告
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: ئەيدىز داۋالاش كېسەل
جەمئىي مىكروبلوگ 974 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 204|ئىنكاس: 1

ئەتكەسچىلىك قىلىنغان كونا كىيىملەردە ئەيدىز ۋىرۇسى بار دېگەن خات...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-12-14 12:47:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئەتكەسچىلىكقىلىنغان كونا كىيىملەردە ئەيدىز ۋىرۇسى بار دېگەن بۇ گەپ بىر خاتا چۈشىنىش بولۇپ،يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسلىرى بۇ خىل چۈشىنىشكە رەددىيە بەردى
گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىكجامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، شېنجېنشەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارماق ئەترىتى يېقىندا شياڭگاڭدىنئىچكىرىگە ئەتكەسچىلىك قىلىنغان 549 توننا كونا كىيىم-كېچەك ۋە رەختلەرنى قولغاچۈشۈردى. تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ بىر تۈركۈم كونا كىيىم-كېچەكلەردەكۆرۈنەرلىك قالدۇق داغلار بار بولۇپ، بەزىلىرىدە قان ئىزى بار، ھەمدە كۆپقىسىملىرىنى چەت ئەلنىڭ جەسەتخانا، ئەخلەتخانا ۋە كېرەكسىز نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشپونكىتىدىن كىرگۈزۈلگەن ئىكەن. خەۋەردە يەنە بىر تېببىي مۇتەخەسسىسنىڭ سۆزىنىنەقىل كەلتۈرۈپ ئېيتىشىچە، بۇ كىيىملەرنى ئەيدىز كېسىلى، جىگەر كېسىلى باربىمارلار كىيىپ باققان بولۇش ئېھتىمالى بار.

  بۇ چەت ئەلدىن كىرگۈزۈلگەنكىيىم-كېچەك ئۈستىدە راستتىنلا ئەيدىز ۋىرۇسى بارمۇ؟ بۇنىڭغا قارىتا، خەلق تورىساغلاملىق قانىلىنىڭ مۇخبىرى شېنجېن شەھىرى كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترولقىلىش مەركىزى ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بۆلۈمىگە بۇ توغرىلىقتېلېفون قىلدى. ياڭ جېڭرۇڭ مۇدىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ئەيدىز ۋىرۇسى بەدەنسۇيۇقلۇق مۇھىتىدىن ئايرىلسا، ئۇنىڭ ھايات قېلىش ۋە يۇقۇش ئىقتىدارى زور نىسبەتتەتۆۋەنلەپ كېتىدۇ. "ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىدىن سىرتقى مۇھىتتا ياشاشئىقتىدارى تۆۋەن بولۇپ، ئادەتتىكى قۇرغاق مۇھىتتا پەقەت يەتتە كۈن ئەتراپىداياشىيالايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرى تېمپېراتۇراغا سەزگۈر بولىدۇ، 56 شارائىتتا 30 مىنۇتتا يۇقۇش خاراكتېرى يوقايدۇ. مەسىلەن تىبابەتتەئىشلىتىلىدىغان%70لىك ئىسپىرت، %0.3لىك پىرېكس ۋودورود ئېرىتمىسى، %10لىكھىپوخلورىد كىسلاتا،%10لىك ئاقارتقۇچ،%5لىك لىزول قاتارلىق دائىم كۆرۈلىدىغاندېزىنفېكسىيە دورىسىغىمۇ سەزگۈر بولىدۇ، ئۇنى بەش مىنۇتتىلا يوقاتقىلى بولىدۇ."

  ياڭ جېڭروڭ مۇنۇلارنىبىلدۈردى: ھەممىمىزگە ئايانكى، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئۈچ چوڭ تارقىلىش يولى بار: يەنى،جىنسى ئالاقىدىن يۇقۇش، قان ئارقىلىق تارقىلىش، ئانىدىن بالىغا يۇقۇش."ئەگەرسىزدە جاراھەت بولمىسا، ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان بىمارنىڭ كىيىمىنى كىيگەنتەقدىردىمۇ، سىزگە يۇقمايدۇ. ئەگەر بۇ كىيىملەرنى يۇغان ياكى ئۇزۇن ۋاقىتقىچەتوشۇغان بولسىڭىز، ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇشىدىن ئەنسىرىشىڭىز تېخىمۇھاجەتسىز." ئەيدىز كېسىلى ئەيدىز كېسىلىگە يۇقۇملانغانلارنىڭ كىيىملىرىنىكىيىشتىن يۇقىدۇ، دېگەن خەۋەرلەرنى تارقاتقان ئورۇن ۋە كىشىلەرگە، ياڭ جېڭروڭمۇنۇلارنى بىلدۈردى، بۇنىڭ ھەممىسى ساۋاتى كەمچىللىكنىڭ ئىپادىسىدۇر، بۇ،كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشىغا پايدىسىز بولۇپلا قالماستىن، يەنە كىشىلەرنىڭئەيدىز كېسىلىگە بولغان كەمسىتىش ۋە قورقۇشىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ.

  بۇ " كىيىم-كېچەكئەخلەتلىرى" ئۈستىدە، شېنجېن شەھىرى كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىشمەركىزى دېزىنفېكسىيە قىلىش ۋە كېسەل يۇقتۇرىدىغان جانلىقلارنىڭ ئالدىنىئېلىش-تىزگىنلەش بۆلۈمىدىن ۋېي فاڭ دوكتور كۆپچىلىكنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنۇلارنىدېدى: بۇ ئەتكەسچىلىك قىلىنغان كونا كىيىم-كېچەكلەردە كېسەل كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغاننۇرغۇن قوزغاتقۇچ بار بولۇپ، كېسەلگە قارشىلىق كۈچى ئاجىز بولغان كىشىلەرنىڭبەدىنى ئەگەر بۇ خىل قوزغاتقۇچلار بىلەن ئۇچراشسا، ئۇنىڭ ئۈچەي ۋە نەپەس يولىقاتارلىق ئەزالىرى كېسەلگە گىرىپتار بولىدۇ.



ۋاقتى: 2016-12-14 19:41:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىڭىزغا  تەشەككۈر !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|Archiver|يانفۇن|يارپ مۇنبىرى ( 新 ICP 备 10001843号-2

GMT+8, 2017-1-20 03:18 , Processed in 0.123072 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed

© 2001-2013 Comsenz Inc. Template By 【 www.Yurtimiz.com 】

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش