يارىپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: ئەيدىز داۋالاش كېسەل
جەمئىي مىكروبلوگ 974 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 312|ئىنكاس: 0

ئىقرارنامە - ئەكبەر جاپپار دەردى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
  ئەكبەر جاپپار دەردى               
  ئىقرارنامە
(ھېكايە)
ھۆرمەتلىك ساقچى ئەپەندىم ، سىز نەچچە كۈندىن بىرى مېنى سوراق قىلىمەن دەپ بەك ئاۋارە بولۇپ كەتتىڭىز ،يا مەنمۇ قىلغان ئەتكەنلىرىمنىڭ ھەممىسىنى تولۇق تاپشۇرىۋەتمەپتىمەن ، ئويلىسام بۇ قىلغىنىم تازا ياخشى بولماپتۇ ،ھېلىمۇ ياخشى ھازىر مەدەنىيەتلىك قانۇن ئىجرا قىلىش ، جاۋابكارلارنى قىيناپ ئىقرار قىلدۇرماسلىق سىياسەتلىرى يولغا قويۇلىپتىكەن ،   بولمىسا  سىز  نەچچە كۈندىن بىرى بەدەنلىرىمنىڭ ساق  يەرلىرىنى  قويماستىڭىز ھەقىچان . ئاخشام سوراقتىن كىيىن   يەنە قالغان  جىنايەتلىرىنىڭنى  ئوبدان ئويلان، ئەتە يەنە  سوراق  قىلىمەن  دېگەن ئەمەسمىدىڭىز ، كېچىدىن بىرى كۆپ ئويلاندىم .   ئاخىرى   بولدى  سىزنىمۇ ، ئۆزەمنىمۇ ئەۋارە قىلماي بارلىق قىلمىشلىرىمنى  تولۇق تاپشۇرۇۋېتىپ   مېنى ئارامىدا ياشىغىنى قوپمايۋاتقان جىنايەت دېگەن  ئىپلاستىن  پاك - پاكىز قۇتۇلۇپ  ، بۇندىن كېيىن توغرا يولدا ماڭاي  دېگەن   ئويغا كېلىپ بۇ ئىقرارنامىنى يېزىۋاتىمەن  . سىلەردە « ئىقرار قىلغانلارغا كەڭچىلىك ، جاھىللىق قىلغانلارغا قاتتىق جازا » دەيدىغان گەپ بار ئەمەسمۇ، مەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن   جىنايىتىمنى تاپشۇرغاندىكى، دېلورىمنى تەپتىش مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ  بەرگەندە  ،  پوزىتسىيەمنىڭ ئالاھىدە ياخشى بولغانلىقىنى    ئەسكەرتىپ قويارسىز .
گەپنى باشتىن  باشلاي   . مەن ئەقلىمگە كەلسەم ئانام يوق ئىكەن ، دادامنىڭ  دېيىشىچە مەن  بىر ياشقا  كىرگەندە    ئۇلار  ئاجرىشىپ كېتىپ مېنى دادام ئېلىپ قاپتىكەن .  مەن بىر يىرىم ياشقا كىرگەندە دادام بۇ شەھەرگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قاپتۇ  . ئۇ شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ھازىرغىچە ھارۋا سۆرەپ باققاللىق قىلىپ  كېلىۋاتىدۇ   . ھېلىمۇ ئېسىمدە مەن مەكتەپ يېشىغا توشقاندا دادام مېنى  بىز ئىجارە ئالغان ئۆينىڭ تەۋەلىكىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە  ئېلىپ بارغان ، ئۇلار نوپوسۇڭلار بۇ شەھەردە ئەمەس ئىكەن ، بالىنى  ئوقۇتۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن نوپوسىڭلارنى يۆتكەپ كېلىڭلار دەپ مەكتەپكە ئالمىدى . شۇنىڭ بىلەن دادام  بولدى بالام  ئوقۇمىساڭ ئوقىما ، مەنمۇ بىر ھەرپ تونۇمايمۇ جىنمنى بېقىپ كېلىۋاتىمەنغۇ  دېدى . مەنمۇ خۇشال بولۇپ دادامغا ياردەملىشىپ باققاللىق قىلدىم . ئەمدى  ئويلىسام  مەن شۇ چاغدىلا شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىشكە باشلاپتىكەنمەن  . مەن تۆت ياشقا كىرگەندە دادام شەھەرلىك بىر خوتۇنغا ئۆيلەندى  . ئۇ خوتۇن مېنى ھە دېسە يېتىم ئوغلاق ،مەينەت ، قارنى يامان شۇم دەپ تىللاپ كۈن بەرمەيتتى ، داداممۇ  خام نەشىنى تولا چېكىپ ئەقلى بۇلغىنىپ كەتكەن سېپى ئۆزىدىن   بەڭگە بولغاچ ،  مەن بىلەن ئانچە    كارى يوق ئىدى . ئويلاپ باقسام مەن تۇنجى قېتىم جىنايەت ئىشلەپ قولۇم پۇل كۆرگۈچى تويغۇدەك بىرەر ۋاق  مېزىك تاماق يەپ  ، يېڭى كىيىم دېگەنلەرنى كىيىپ  باقماپتىكەنمەن  . دادامنىڭ تاپقان پۇلى ئۆگەي ئانامنىڭ كىيىم كىچىكى ۋە ئۆزىنىڭ چېكىدىغان نەشىسىگە ئاران يېتەتتى . 12 ياشقا كىرگەن ۋاقتىمغۇ دەيمەن ، بىر كۈنى دادام ماڭا سەن ھارۋىغا قاراپ تۇر دەپ دائىم بىرگە  نەشە چېكىدىغان ،قاسىم بەڭگە دېگەن چۆپقىتى بىلەن بازارنىڭ كەينىدىكى ئەسكى تامنىڭ ئارقىسىغا كېتىشتى  . بىرەر خېرىدار كەلسە قوغۇندىن بىرنى سېتىپ پۇلىنى دادامغا بەرمەي تىقىۋېلىپ خەجلىمىسەم دەپ نىيىتىمنى بۇزۇپ ئولتۇرسام بىرمۇ خېرىدار كەلمىدى . ھارۋىغا يۆلىنىپ مۈگىدەپ قاپتىمەن  . بىر چاغدا  دادام كېلىپ ئويغىتىپ  ،بالام   سودىنى سەن قىلساڭ  بولغىدەك   قوغۇنلارنى قانچە پۇلغا ساتتىڭ  دەيدۇ ، قوغۇن ساتمىدىم دېسەم ھارۋىدىكى قوغۇنلار قېنى دېدى ، قارىسام ھارۋىدا سېسىق قوغۇندىن ئىككىسىلا قاپتۇ ، قارشى تەرەپتىكى باققال  دادامغا قوغۇنلارنى ئىككى بالىنىڭ تاغارغا سېلىپ ئىلىپ كەتكەنلىكىنى دەپتى ، دادام قۇلاقلىرىمنى تارتىپ ئۇرۇپ ماڭ ، سەندەك لىڭتاسما بالام يوق ، ئىككىنچى كۆزۈمگە كۆرۈنگۈچى بولما  دەپ قوڭۇمغا تېپىپ ھەيدىۋەتتى  . شۇ چاغدا مەن ئەقلىمگە كېلىپ كۆرۈپ باقمىغان ئۆز   ئانامنىڭ يېنىغا كېتىشنى ئويلىغان بولساممۇ ،دادامدىن ئۇنىڭ باشقا بىر شەھەرلىك ئادەمگە ياتلىق بولۇپ يۇرتتىن كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغاچ  ئۇنى نەدىن تاپىمەن ، تاپقان بىلەنمۇ مېنى تونۇمدۇ تونۇمامدۇ ،  بولدىلا نېمە بولسام بولارمەن دەپ  يىغلىغانچە شەھەرنىڭ چېتىگە چىقىپ،  بىر كۆۋرۈكنىڭ ئاستىغا كىرىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن . بىر چاغدا ئويغانسام قاراڭغۇ چوشۇپ كېتىپتۇ ، قانداق قىلسام بولار دەپ تىمىسقىلاپ يۈرسەم كۆۋرۈكنىڭ ئۇ چېتىدە كىچىك بالىلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى  .  ئۇلارنىڭ يېنىغا بارسام  مېنى كۆرۈپلا ، ۋاي پايلاقچى قېچىڭلار دەپلا گۇلدۇرلىشىپ قېچىپ كېتىشتى .  شۇ كۈندىن باشلاپ ئۈچ كۈنگىچە ئانچە - مۇنچە بازارغا كىرىپ دادامنىڭ تونۇش باققالىرىدىن پۇل سوراپ ،    نان ئېلىپ  يەپ كۆرۈك  ئاستىدا  ياتتىم . ئۈچىنچى كۈنى قاراڭغۇ چۈشۈشكە ئاز قالغاندا كۆرۈك يېنىغا كېتىۋاتسام مەن ياشلىقىم بىر بالا ، مەندىن چوڭراق بىر بالا  يۈگۈرۈشكىنىچە  كۆرۈك ئاستىغا كېرىپ كېتىشتى . ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن كىرسەم ئىككىسى ئالدىغا بىرمۇنچە پۇلنى قويۇۋېلىپ   ساناۋېتىپتۇ، ئۇلار مېنى كۆرۈپ    يېنىغا كەلگىنى قويماي نېرى كەت ، بولمىسا تايىقىڭنى يەيسەن دەپ چالما ئېتىپ يېقىن   كەلتۈرمىدى .   ئۇلارغا دادامنىڭ ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرۋەتكەنلىگىنى ، مۇشۇ كۆۋرۈكنىڭ ئاستىدا  يىتىۋاتقانلىقىمنى  دېسەم ، ھىلىقى يېشى چوڭ بالا ئۇنداق بولسا ئەتىدىن باشلاپ  بىز بىلەن بىرگە بازار ئوينامسەن دېدى . ئۇنىڭ بازار ئوينايمىز دېگىنى كىشىلەرنىڭ يانچۇقىنى كولاش ئىكەن ، نېمە ئىلاج قورسىقىمنى بېقىش ئۈچۈن ئەتىسىدىن باشلاپ ئۇلار بىلەن بىرگە بازارغا چىقىپ دەسلەپكى ئىككى ئايدا ئۇلار باشقىلارنىڭ يانچۇقىنى  ، سومكىسىنى كولاپ نەرسىلىرىنى ئوغۇرلىغاندا  كۆزەتچىلىك قىلىپ بەردىم . ئىشتىن بالدۇر بىكار بولغان كۈنلىرىمىز ئۇلار ماڭا كۆۋرۈكنىڭ ئاستىدا ، كىشىلەرنىڭ مەيدە يانچۇقىدىكى    ، قويۇن يانچۇقىدىكى ، ئىشتاننىڭ ئارقا يانچۇقۇمدىكى   ، كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقان سومكىدىكى  پۇللارنى قانداق ئىلىش ،  يانچۇق ۋە سومكىلارنى قانداق كېسىش ،كېتىۋاتقان ۋېلسىپىتنى قانداق توختىتىش ... قاتارلىق ئۇسۇللارنى بىر بىرلەپ ئۆگىتىشكە باشلىدى .شۇنداق قىلىپ مەن بىر يىلغا قالماي ھىلىقى ئىككى ئۇستام يانچۇقچىدىنمۇ چەپدەس ،   شەيتاننىڭ يانچۇقىدىكى پۇلنىمۇ  چاندۇرماي ئېلىۋالالايدىغان بىر يانچۇقچى بولۇپ يېتىشىپ چىقتىم  . يېنىمدا پۇل بولغاچ ئۆيگىمۇ يېقىن يولىمىدىم  . گاھى كاتتا مېھمان سارايلاردا ، گاھى ئەسكى  سامانلىقلاردا يېتىپ شۇ ھۈنەر بىلەن جېنىمنى قىيلانماي  بېقىپ كەلدىم .تاپقان پۇللىرىمنى ئانچە- مۇنچە دادامغا بېرىپ تۇردۇم  . داداممۇ مېنىڭ ئاسان پۇل تاپىدىغان كوچىغا  كىرىۋالغانلىقىمدىن خۇشال ئىدى .
     ساقچى ئەپەندىم ، بەلكىم سىزمۇ بىزنىڭ بۇ ھۈنەرنى  قارا يۈرەك ، چاققان ،كاللىسى ئىشلەيدىغان ،ئادەم قىلمىسا ئەپلەشتۇرەلمەيدىغانلىقىنى بىلىسىز ، مەن ھۈنەردە كامالەتكە يەتكەندىن كىيىن ، دۇكان ئايرىپ ھازىرغىچە مەندىن ئېشىپ چۈشكىدەك  شاگىرىتلاردىن  ھېسابلاپ كۆرسەم     150 نى تەربىيىلەپتىمەن  . 10 قېتىمدەك ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كىرىپ ئۇ يەردىكى كاتتا يانچۇقچىلاردىن نۇرغۇن تەجرىبىلەرنى  ئۈگۈنۈپتىمەن  ،  ئۈرۈمچىدىمۇ نەچچە يىل  تۇرۇپتىمەن . سىزگە راست گەپنى قىلسام مەن يانچۇقچىلىق ھۈنىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان 7 يىلدىن بىرى  ،   سىزنىڭ ئالدىڭىزغا تۇنجى  كىرىپ قىلىشىم  بولغان بىلەن ، باشقا يەرلەردە   25 قېتىمدەك  تۇتۇلۇپ نەچچە قېتىم ھەر خىل جازالارغا تارتىلغان . 15  قېتىمدىن كۆپرەك پۇلىنى ئوغرىلىغان كىشىلەر تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ قىلىپ ،  ئىت يېمەيدىغان تاياقلارنى يەپ  تاپقان خىلى كۆپ پۇللۇرۇم دوختۇرخانىلاردا   داۋالىنىش بىلەن تۈگىدى . ئاخشام يەرگە جىجاپ تۇرۇپ  ھېسابلىسام 7 يىلدىن بىرى  يەكشەنبە  كۈنلىرى مال بازىرىدا  قوي ، كاللا ، ئىشەك ... قاتارلىق نەرسىلەرنى سېتىپ  پۇللىرىنى ئىشتىنىنىڭ لېپىزى ، بەلۋېغى ، قويۇن يانچۇقى  قاتارلىق جايلارغا سېلىپ ئۆيىگە مېڭىشقا تەمشىلىۋاتقان 60 تىن ئارتۇق گول  دېھقاننىڭ 70 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق   . ئاخشاملىرى رېستۇرانلارنىڭ ئالدىدا  دەلدەڭشىپ ئۆيىگە كېتىۋاتقان 40 تىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يانچۇقىدىن 15 مىڭ يۇندىن ئارتۇق  ، بازارلاردا  نەرسە كۆرۈۋاتقان  1000 دىن ئارتۇق  ئادەملەرنىڭ  يوچۇقلىرىدىن كېسىپ ئېلىش ، قىسىپ ئىلىش ، ئالداپ ئېلىش ... قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن 4 يۈز مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ، يىللاردىن بىرى ئۆزەم بازار قىلىدىغان شەھىرىمىزدىكى  10 - يول بىلەن 15 - يولنىڭ ئاپتوبۇسلىرىدىن ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن  تەخمىنەن 1500 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ  2 يۈز مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلىنى ئوغۇرلاپتىمەن . ھە راس ئۇنتۇپ قالغىنى تاس قاپتىمەن، بەلكىم سىزمۇ بىلىسىز بىز يانچۇقچىلار باشقىلارنىڭ پۇلىنى سېتىش ئارقىلىقمۇ  ھېچقانداق جاپا تارتماي نۇرغۇن پۇللارغا ئېرىشىمىز ، بىر قېتىم ھەپتىدەك ئوقىتىم   ئاقماي چوڭراق ئىشتىن بىرنى قىلاي دەپ شەھىرىمىزدىكى يېز ئىگىلىك بانكىسىنىڭ ئالدىدا ئولجا كۈتۈپ ئولتۇرسام ،  بىر يەرنىڭ  بوغالتىرىمىكىن دېدىم  ، بىر ئادەم بانكىدىن 3 يۈز مىڭ يۈەن پۇلنى ئېلىپ سومكىسىغا سېلىپ ئاقسۇغا بارىدىغان ئاپتوبۇسقا چىقتى ، مەنمۇ  ئۇ ئاپتوبۇسقا چىقىپ ئاقسۇغا بارغۇچى ئۇنىڭ سومكىدىكى پۇلنى ئالالماي ناھايىتى ئاچچىقىم كەلدى  . ئاقسۇغا كېلىپ  ھىلىقى ئادەم بىلەن تەڭ ئاپتوبۇستىن چوشۇپ تۇرساق، شۇ يەرلىك سەمەت يانچۇق ئۇچراپ قالدى ، ئۇنىڭغا  300   مىڭ يۈەن پۇل بار ماڭا يۈز مىڭ يۈەن نەخ پۇل بېرىپ ئېلىۋالەمسەن دېسەم ، ئۇ خۇشاللىقىدا ماقۇل دەپ يۈز مىڭ يۈەننى نەخ  سانىدى  ،ھىلىقى ئادەمنى ۋە قولىدىكى پۇل بار سومكىنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىپ قويۇپ يۇرتۇمغا قايتىپ ،ئاپتۇبۇسدىن چوشۇپ تۇرسام ئۈرۈمچىدىكى ياسىن يانچۇق ئۇچراپ ئۈرۈمچىدىن بىر ئادەمنىڭ سومكىسىدىكى 5 يۈزمىڭ يۈەن پۇلنى ماراپ كېلىپ تېخى ئالالمىغانلىقىنى 100مىڭ  يۈەن  بەرسەم سېتىپ بېرىدىغانلىقىنى دېدى ، شۇنداق قىلىپ ياسىن يانچۇققا  100 مىڭ  يۈەن بېرىپ ئۇ كۆرسىتىپ قويغان ئادەمنى پايلاپ يۈرسەم، ئۇ ئادەم چۈشتىن كېيىن ئاپتوبۇس بىلەن خوتەنگە ماڭدى ، مەنمۇ ئۇ چىققان ماشىنىغا چىقىپ خوتەنگە بىرگە بېرىپ ئەتىسى كەچ بولغىچە ئۇنى پايلاپ يورۇپ پۇلنى ئالالماي خوتەنلىك ھامۇق يانچۇققا ئۇ پۇلنى  200 مىڭ يۈەنگە سېتىۋېتىپ قايتىپ كەلدىم . ئويلىسام 7 يىلدىن بىرى پۇل سېتىش ئارقىلىقمۇ 1 مىليونغا يېقىن پۇل تېپىپتىمەن .
ساقچى ئەپەندىم ، سىز تۈنۈگۈن مېنى سەن تىجارەتچىلەرنىڭ ئالدىدىكى تەنزىلەردىن  نەچچە قېتىم نەرسە كېرەك  ئوغۇرلىدىڭ ؟ 20- يولنىڭ ئاپتوبۇسىدا نەچچە قېتىم يانچۇقچىلىق قىلدىڭ ؟  تاپقان پۇللىرىڭنى قايسى بانكىغا قويدۇڭ؟ دەپ نەچچە قېتىملاپ سورىدىڭىز ، سىز  بىز يانچۇقچىلارنى تازا چۈشەنمەيدىغان ئوخشايسىز  ، يا بۇ كەسىپكە يېڭىدىن ئالمىشىپ كۆردىڭىزمۇ ، مەن سىزگە دېسەم باشقىلارنىڭ يانچۇقىدىن  نەرسە كېرەك ئوغرىلايدىغان يانچۇقچىلار ، ھەرگىزمۇ تىجارەتچىلەرنى ئالدىدىكى تەنزىلەردىن نەرسىلەرنى ئوغۇرلىمايمىز ، ئۇنداق ھۈنەرنى  قىلىدىغانلار ئايرىم ، ئۇلارنى   كۆتۈرمىچى دەيمىز   . شەھىرىمىزدە  كىچىك كۆتۇرمىچىلەردىن ئىدرىس ، سىدىق   ۋە  ئۇلارنىڭ شېرىكلىرىلا بار .ئۇنداق ئىشلارنى ئاشۇلار قىلىدۇ .    20 - يولنىڭ ئاپتوبۇسىغا كەلسەك ، مەن يانچۇقچىلىق قىلغان تارىخىمدا شەھىرىمىزدىكى 10- ۋە 15 - يولنىڭ ئاپتوبۇسىدىن باشقا ئاپتوبۇسلاردا يانچۇقچىلىق  قىلمىدىم . ھەر قايسى يوللاردا يانچۇقچىلىق قىلىدىغانلار ئايرىم ، بىز كۆڭلى قارا  يانچۇقچى بولساقمۇ ئالدىراپ  كەسىپداشلار ئوقەت قىلىدىغان يەرگە بارمايمىز ، ئېزىپ تېزىپ بېرىپ قالساق بولىشىغا تاياق يەيدىغان گەپ .تاپقان پۇللارنى قايسى بانكىغا قويدۇڭ دېگىنىڭىز قىزىق ، بىزلەر ، مىڭلاپ يۈزلەپ ،  پۇل تېپىپ تۇرغان بىلەن ئەزەلدىن بانكىغا قويمايمىز، تاپقان پۇللارنىڭ كۆپ قىسمىنى ئەل ئاغىنىلەر بىلەن  ھەر خىل كەيىپ - ساپا   ، قىمار ئويناش ، كۆپ قىسىملىرىمىز ئاق چىكىش بىلەن  خەجلەپ تۈگەتسەك ،قالغان قىسمىنى  بىرەرىمىز تۇتۇلۇپ   قالغاندا جەرىمانە ... قاتارلىقلارغا تۆلەش بىلەن تۈگىتىمىز . ئاتا - ئانىمىز ئۇرۇق تۇغقانلارغۇمۇ ئاساسى جەھەتتىن بەرمەيمىز . باشقىلارنى قاقشىتىپ تەر ئاقتۇرماي تاپقان پۇلنىڭ   قانداق بەرىكىتى بولسۇن دەيسىز . بىزلەر ئاساسى جەھەتتىن ئاشۇ ھۈنەر بىلەن جەمئىيەتتە كۆپ ياشىيالمايمىز . ئامەت قاچقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە قولۇڭلارغا چۈشۈپ  مۇشۇنداق   ئىقرارنامە يېزىپ ئولتۇرىمىز .
  ھۆرمەتلىك ساقچى ئەپەندىم ،   مەن يانچۇقچىلىق قىلىش تارىخىمدا قىلغان  جىنايەتلىرىمنى ئاساسى جەھەتتىن تولۇق يېزىپ  بولدۇم  ،  جىنايەتلىرىم يۇقىرىلاردىن كۆپ چىقسا چىقىدۇكى ھەرگىز ئاز ئەمەس ، يىللاردىن بىرى كىشىلەرنى قاقتى-سوقتى قىلىپ نۇرغۇن ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلغان قىلمىشىم ئۈچۈن ئەسلى ماڭا ئۆلۈم جازاسى بەرسىمۇ ئازلىق قىلىدۇ . بىراق ئۆلۈشنى ئويلىسام قورقۇنچلۇقتا پۇتۇن بەدەنلىرىمنى تەر بېسىپ كېتىۋاتىدۇ . مەن باشتا دېگەندەك ماڭا كەڭچىلىك بىلەن جازا بېرىشنى ئويلىشىپ  باقساڭلار   ، مەن  شىنجاڭدىكى يانچۇقچىنىڭ %95 نى ئاساسى جەھەتتىن تونۇيمەن    ئۇلارنىڭ  نەدە ، قانداق ئۇسۇل بىلەن يانچۇقچىلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلىمەن ، سىلەرگە ياردەملىشىپ ئۇلارنى تۇتۇشۇپ بېرىپ بىر خىزمەت كۆرسەتسەم دەيمەن ، قانداق بولامدۇ ، بۇ تەلىپىمنى ئويلىشىپ باقارسىلەر .
  گەپنىڭ قىسقىسى ،يۈرىكىمدىكى گەپنى قىلسام ، مەن يىللاردىن بىرى قىلغان   ئىشلىرىمغا كۆپ پۇشايمان قىلدىم ، نەچچە قېتىم ئەگەر دادام بىلەن ئانام ئاجرىشىپ  كەتمەي  بىر ئۆيدە بولغان بولسا ، مەكتەپتە ئوقىغان بولسام ، دادام دېگەن نەشىكەش  ئۆيدىن قوغلاپ چىقارمىغان  ، كۆرۈك ئاستىدا ھېلىقى يانچۇقچىلار بىلەن ئۇچرىشىپ قالمىغان بولسام  بۇ يولغا كىرىپ قالماستىم ، دېگەنلەرنى ئويلاپ ئىچ - ئىچىمدىن بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتىم .ئەمدى پۇشايمان قىلغان بىلەنمۇ بىكار ،دە .
                       2006 – يىلى سىنتەبىر


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|Archiver|يانفۇن|يارپ مۇنبىرى ( 新 ICP 备 10001843号-2

GMT+8, 2017-2-26 11:41 , Processed in 0.128712 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed

© 2001-2013 Comsenz Inc. Template By 【 www.Yurtimiz.com 】

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش