يارىپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
全局 页头二级导航栏广告
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: ئەيدىز داۋالاش كېسەل
جەمئىي مىكروبلوگ 974 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 167|ئىنكاس: 1

سورۇنلاردا تاماكا چېكىشنى كونترول قىلىش نىزامى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-11-24 10:40:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرىدۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى: مەملىكەت بويىچە ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىشنى كونترول قىلىش نىزامى بۇ يىل ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن



  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى تەشۋىقات مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ماۋ چۈنئەن 22-نويابىر مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھازىرغىچە 20 نەچچە شەھەردە ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چەكمەسلىك قانۇن-بەلگىلىمىسى تۈزدى، مەملىكەت بويىچە ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىشنى كونترول قىلىش نىزامى قانۇن چىقىرىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، يىل ئىچىدە ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشى مۇمكىن.

  ماۋ چۈنئەن شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 9-نۆۋەتلىك دۇنيا ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىشنى كونترول قىلىش، تاماكىنىڭ ئىنسانلارغا بولغان زىيىنىنى ئازايتىش ___ پۈتۈن دۇنيانىڭ ئورتاق تونۇشى شۇنداقلا ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم قۇرۇلۇش.

  ئىگىلىنىشچە، شاڭخەي شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يېقىندا يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «شاڭخەي شەھىرىنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىشنى كونترول قىلىش نىزامى»نى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىغان. شاڭخەي شەھىرى كېلەر يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىشنى كونترول قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىدىكەن، ئۆي ئىچى ئاممىۋى سورۇنى، ئۆي ئىچى خىزمەت ئورنى، ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىدا تاماكا چېكىش چەكلىنىدىكەن. بۇ تەدبىر دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى چېنفېڭ فۇجېننىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان.
مەنبە: خەلق تورى



ۋاقتى: 2016-12-1 13:03:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىزراق ئەمەلىيلەشسە بوپتىكەن  ،  لىكىن  مىنىڭچە  بۇ نى يولغا قويماق سەل تەس  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|Archiver|يانفۇن|يارپ مۇنبىرى ( 新 ICP 备 10001843号-2

GMT+8, 2017-1-20 03:21 , Processed in 0.123566 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed

© 2001-2013 Comsenz Inc. Template By 【 www.Yurtimiz.com 】

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش