يارىپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
全局 页头二级导航栏广告
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: ئەيدىز داۋالاش كېسەل
جەمئىي مىكروبلوگ 974 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 237|ئىنكاس: 0

ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار تاماكىنى بالدۇر تاشلىشى كېرەك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-11-15 13:07:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

تاماكا چېكىش سالامەتلىككە زىيانلىق، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق. ئامېرىكىدىكى ئەڭ يېڭى بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تاماكا چېكىشنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ ئۆمرىگە پەيدا قىلىدىغان زىيان ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ زىيىنىدىن كۆپ ئىكەن. تەتقىقات مەسئۇلى، ئامېرىكا ماسساچۇستسس ئىشتاتى ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىسىدىن كىرىشنا رىدى بىر باياناتىدا: «ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ۋىرۇسقا قارشى تۇرىدىغان دورا يېسە، لېكىن بىرلا ۋاقىتتا يەنە تاماكا چەكسە ئۇنداقتا بۇ ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى تاماكا چېكىشكە ئالاقىدار كېسەللىك بىلەن ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن» دېدى.
ئامېرىكىنىڭ «يۇمۇقلۇق كېسەل ژۇرنىلى»نىڭ ئەڭ يېڭى سانىدا ئېلان قىلىنغان بۇ تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ۋىرۇسنى يۆتكەپ خاتىرىلەشكە قارشى داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ چوڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىشى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئۆمرىنى كۆرۈنەرلىك ئۇزارتقان، لېكىن تاماكا چېكىش ئۇلاردا ئاسانلا يۈرەك كېسىلى، راك كېسىلى ۋە ئېغىر ئۆپكە كېسىلى قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
رىدى قاتارلىقلار ھېسابلاش مودىلىدىن پايدىلىنىپ ئامېرىكىدىكى ئالاقىدار يۇقۇملۇق كېسەللىك ئىلمى سانلىق مەلۇماتلىرىنى تەھلىل قىلىپ، تاماكا چېكىشنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئۆمرىگە بولغان تەسىرىنى مۆلچەرلىدى. نەتىجىدە دورا ئىچىدىغان ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇملانغۇچىلىرى تاماكا چەكسە ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن 8 يىلدىن ئارتۇق ئۆمرى قىسقىراپ، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئۆزى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئوتتۇرىچە ئۆمۈر زىيىنىنىڭ 2 ھەسسىسىگە تەڭ ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار تاماكا چېكىشنى توختاتسا ئۇلارنىڭ ئۆمرىگە بولغان زىياننىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆزگەرتەلەيدىكەن، تاماكىنى قانچە بالدۇر تاشلىسا ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولىدىكەن.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|Archiver|يانفۇن|يارپ مۇنبىرى ( 新 ICP 备 10001843号-2

GMT+8, 2017-2-26 11:43 , Processed in 0.123073 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed

© 2001-2013 Comsenz Inc. Template By 【 www.Yurtimiz.com 】

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش