يارىپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
全局 页头二级导航栏广告
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: ئەيدىز داۋالاش كېسەل
جەمئىي مىكروبلوگ 974 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 332|ئىنكاس: 0

بىماردىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنى %97 ئازايتالايدىغان دورا ياساپ چىقىلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-11-15 13:05:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بېتا تورى 5-نويابر خەۋىرى،
ئەنگلىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى»نىڭ 3-نويابردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە ئالىملىرى بىر خىل يېڭى تىپتىكى دورىنى ياساپ چىققان بولۇپ، سەككىز كۈن ئىچىدە بىمارنىڭ تېنىدىكى HIV ۋىرۇسىنى %97 ئازايتالايدىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ نەتىجە HIV ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر ۋە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى داۋالاشتىڭى يېڭى ئۇسۇلنى بارلىققا كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەيدىزنىڭ ئازابىنى يەتكۈچە تارتقان كىشىلەرگە ئۈمىد بېغىشلايدىكەن. HIV ۋىرۇسى CD4 دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئاق قان ھۈجەيرىسىگە ھۇجۇم قىلىدۇ، ئادەم تېنى ئادەتتە CD4 ئارقىلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە تاقابىل تۇرىدۇ. HIV ۋىرۇسى CD4نىڭ ئىچكى مېخانىزمىدىن پايدىلىنىپ بۇ ھۈجەيرىلەرنى ئۈنۈملۈك ھالدا كونترول قىلىدۇ ھەمدە ئادەم تېنىدە ئۆزىنى كۆپلەپ نۇسخىلايدۇ، بۇ جەرياندا CD4 بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. بىمارنىڭ قان سۇيۇقلۇقىدىكى CD4نىڭ مىقدارى 200 دانە/كۇب مىللىمېتىردىن ئازلاپ كەتكەن ھامان، ئەيدىز كېسىلىگە ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن.
«ئىسرائىلىيە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئېرۇسالم ئىبراي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالىملىرى بۇ يېڭى دورىنى 10 نەپەر ئەيدىز بىمارىنىڭ قان سۇيۇقلۇقىدىكى پىروبېركىغا كىرگۈزگەن بولۇپ، ئالىملار تەرىپىدىن «Gammora» دەپ ئاتالغان ئاكتىپ تەركىب ۋىرۇس DNAسىنىڭ بىرقانچە قوشۇمچە نۇسخىسى (ئالاھىدە ئەھۋالدىكى بىر ياكى ئىككى)نى يۇقۇملانغان CD4 ھۈجەيرىسىگە كىرگۈزۈپ، بۇزۇلغان ئاق قان ھۈجەيرىسىنىڭ «تېز سۈرەتتە ھەرىكەت قىلىشى» ۋە ئۆزئۆزىنى ۋەيران قىلىش ھالىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى توسىدىكەن.
ئالىملار داۋاملىق تۈردە Gammoraنى ئىشلىتىپ سىناق قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار بۇ خىل تەركىبنىڭ يۇقۇملانغان HIV ھۈجەيرىسىنى تېز سۈرئەتتە ئۆلتۈرەلىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئەيدىز بىمارى نۆۋەتتە ھەركۈنى دورا ئىچىش ئارقىلىق كېسەللىك ئەھۋالىنى كونترول قىلىدۇ، ئالىملار تېخى ئەيدىز كېسىلىنى داۋالايدىغان ئۈنۈملۈك ئۇسۇلنى تاپالمىدى. 2015-يىلى يەرشارىدا تەخمىنەن مىليوندىن كۆپرەك ئادەم ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتتى.
تەتقىقاتچى ئابراھام لوفت ئىسرائىلىيە 2-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان چاغدا مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئۇسۇلىمىزدا بۇ ھۈجەيرىلەرنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقىلى بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ۋىرۇس  قايتا پەيدا بولمايدۇ، چۈنكى ھۈجەيرە بولمىسا ۋىرۇس توشۇغۇچىسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.»





كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|Archiver|يانفۇن|يارپ مۇنبىرى ( 新 ICP 备 10001843号-2

GMT+8, 2017-1-20 03:22 , Processed in 0.123536 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed

© 2001-2013 Comsenz Inc. Template By 【 www.Yurtimiz.com 】

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش