يارىپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
全局 页头二级导航栏广告
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: ئەيدىز داۋالاش كېسەل
جەمئىي مىكروبلوگ 974 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 221|ئىنكاس: 0

ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈپ چىقالايدىغان بارماق دېسكا ياساپ چىقىلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-11-15 13:02:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئالىملار ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈپ چىقالايدىغان بارماق دىسكا ياساپ چىقتى، توغرىلىق نىسبىتى %95كە يېتىدۇ.
بۇ ئۈسكۈنە يۇقىرى دەرىجىدە توپلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بىمارنىڭ قېنى تەركىبىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ سانىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش لايىھەسى ئۈنۈمىنى باھالاش خىزمىتىنى  ئاچقۇچلۇق سانلىق مەلۇمات بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ.
دوختۇر قان ئەۋرىشكىدىكى بايقالغان ئەيدىز ۋىرۇسنىڭ سەۋىيەسىگە ئاساسەن، بىمارنىڭ دورىنى توختاتسا بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىپ، ھازىرقى داۋالاش لايىھەسىنىڭ ئۈنۈمى بولغان بولمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلالايدۇ.
تەتقىقاتچىلار بۇ خىل تېخنىكىنى جىگەر ياللۇغى ۋە باشقا كېسەللىك ۋىرۇسلىرىنى تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
نۆۋەتتە DNA ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىسى پيوگېمىيە (يىرىڭ ۋىرۇسى) كېسىلىنى داۋالاش ۋە ئانتىبىئوتىكلارغا تايىنىشچانلىقنى تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىلگەن.
بۇ بارماق دىسكا توغرا بولغان سانلىق مەلۇمات بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، يەنە ئوتتۇز مىنۇت ئىچىدە ئەيدىز ۋىرۇسنىڭ نەتىجىسىنى چىقىرىپ بېرەلەيدىغان بولۇپ، تەكشۈرۈش باسقۇچىنى نەزەرگە ئالغاندا نەتىجىسىنى 20 مىنۇتتىلا بىلگىلى بولىدىكەن.
ئادەتتە دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتكەندە نەتىجىسىنى ئۈچ كۈندە بىلگىلى بولىدۇ، بۇنىڭدا ئاساسلىقى قان ئەۋرىشكىنى چوقۇم تەجرىبىخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەجرىبە قىلىش  لازىم. بۇنىڭغا قارىغاندا بۇ تېخنىكا بىر چوڭ ئىلگىرىلەش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يەنە بىر تىلغا ئالمىسا بولمايدىغان سەۋەب شۇكى، بۇ خىلدىكى تەجرىبىخانىلار  كۆپ قىسىم ئەيدىز ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش بىرقەدەر ئېغىر بولغان دۆلەت ۋە رايونلاردا ئاساسىي جەھەتتىن يوق دېيەرلىك.
بۇ تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى يانفون ئۆزىكى قوزغىتىش پىروگراممىسىغا تايىنىپ، ناھايىتى ئاز مىقداردىكى قان ئەۋرىشكىسى ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈپ چىقالايدۇ.
قان ئەۋرىشكىسىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بايقالغان ھامان كىسلاتالىشىش رېئاكسىيەسى پەيدا قىلىدۇ. بىر تەرەپ قىلغۇچى ئۆزەك بۇ سىگنالنى ئېلېكتىر سىگنالغا ئايلاندۇرۇپ كومپيۇتېر ياكى باشقا ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.
يېقىنقى بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشتە بۇ ئۈسكۈنە نەچچە مىڭلىغان ئەۋرىشكىلەر ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، توغرىلىق نىسبىتى %95كە يەتكەن.
تەتقىقاتچىلار پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى دورا تەتقىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن قاچان مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.



كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|Archiver|يانفۇن|يارپ مۇنبىرى ( 新 ICP 备 10001843号-2

GMT+8, 2017-1-20 03:20 , Processed in 0.124010 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed

© 2001-2013 Comsenz Inc. Template By 【 www.Yurtimiz.com 】

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش