يارىپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
全局 页头二级导航栏广告
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: ئەيدىز داۋالاش كېسەل
جەمئىي مىكروبلوگ 974 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 231|ئىنكاس: 0

ئىممۇنىتېتلىق داۋالاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەيدىز كېسىلىنى داۋالىغىل...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-11-15 12:58:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى 11-نويابىر خەۋىرى
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىممۇنىتېتلىق داۋالاش ئۇسۇلى ئارقىلىق راك كېسىلىنى داۋالاش تەتقىقات قىزىق تېمىسى بولۇپ قالدى. ئامېرىكا «يېڭى ئېنگلاند مېدىتسىنا ژۇرنىلى»نىڭ ئەڭ يېڭى سانىدا ئېلان قىلىنغان بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشچە، بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەيدىز كېسىلىنى داۋالىغىلى بولىدىكەن.
ئامېرىكا پېنسىۋالنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتچى خادىملىرى 24 نەپەر ئەيدىز كېسەل ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرگۈچىلەرگە VRC01 ئىسىملىك نېيترال ئانتىبىئوتىك ئوكۇل ئۇردى. نەتىجە شۇنى كۆرسەتتىكى، ئۇ بىخەتەر ھالدا ئىممونت سىستېمىسىنى كۆپ مىقدارداVRC01ئانتىبىئوتىك دورا ئىشلەپچىقارغۇزالايدىكەن، بۇ ئارقىلىق دورا توختىتىلغاندىن كېيىن ئەيدىز كېسەل ۋىرۇسىنىڭ قايتا ئەسلىگە كېلىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرىدىكەن. بىراق بۇنىڭ يېتەرسىزلىكى شۇكى، بۇ خىل كېسەل ۋىروسىنى چەكلەش بىمارلارنىڭ تېنىدە پەقەت  8 ھەپتە ئەتراپىدا داۋاملىشالايدۇ.
بۇ تەتقىقاتقا مەسئۇل پېنسىۋالنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بالنىست تەجرىبە مەركىزىنىڭ مۇدىرى بىر پارچە باياناتتا مۇنداق دېدى، بۇ تەجرىبىدە پەقەت بىر خىل ئانتىبىئوتىكلا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۇلار ئەگەر تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ئىقتىدارلىق ئانتىبىئوتىكلارنى ئىشلەتسە، ئىممۇنىتېتلىق داۋالاش ئۇسۇلى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىشقا ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز يىراق بولمىغان كەلگۈسىدە ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارنىڭ بەدىنىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىۋېتەلمەيمىز، بىراق ئىقتىدار خاراكتېرلىك داۋالاش بولسا مۇۋاپىق بولغان ئوتتۇراھال نىشاندۇر.»
ئەيدىز كېسىلىنى ئىقتىدار خاراكتېرلىك داۋالاش بولسا ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرگۈچى داۋالاشنى توختاتقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بەدىنىدە گەرچە ئاز مىقداردىكى كېسەل ۋىرۇسى بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ كېسەللىك ۋىروسى پۈتۈنلەي كونترول قىلىنىدۇ، ھەمدە تەكشۈرگەندە بايقالمايدۇ، بەدەننىڭ تۈرلۈك فىزىئولوگىيىلىك فۇنكسىيەلىرى نورمال ھالەتكە كېلىدۇ.
بىراق، تۈرلۈك تەتقىقاتلار يەنە شۇنى بايقىدىكى، نۇرغۇنلىغان تەجرىبە ئوبيېكتلىرى ئېلىپ يۈرگەن ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسىنىڭ ئۆزىمۇ ھەر خىل ئانتىبىئوتىكلارغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، بۇ ئانتىبىئوتىكلارنى ئاساس قىلغان ئەيدىز كېسىلى ئىممۇنىتېتلىق داۋالاشنىڭ  توسالغۇسىدۇر.
ھازىرغىچە ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسنىڭ يامراپ كېتىشىگە قارشى تۇرۇپ داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە ئومۇملىشىشى ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىنىڭ ئۆمرىنى ناھايىتى زور دەرىجىدە ئۇزارتتى، بىراق بۇ خىل ئۇسۇل ئەيدىز كېسىلىنى تۈپ يىلتىزىدىن داۋالاپ ساقايتالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسنىڭ يامراپ كېتىشىگە قارشى تۇرۇش دورىلىرىنى كۈندە 1 قېتىم ئىستېمال قىلىش كېرەك، نۇرغۇن بىمارلار بۇنى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرالمايدۇ، دورىنى توختىتىپ قويغاندىن كېيىن، كېسەل ۋىروسى تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە قايتىپ قايتىدۇ.



كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|Archiver|يانفۇن|يارپ مۇنبىرى ( 新 ICP 备 10001843号-2

GMT+8, 2017-1-20 03:18 , Processed in 0.120030 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed

© 2001-2013 Comsenz Inc. Template By 【 www.Yurtimiz.com 】

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش