يارىپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
全局 页头二级导航栏广告
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: ئەيدىز داۋالاش كېسەل
جەمئىي مىكروبلوگ 974 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 141|ئىنكاس: 0

ئالى مەكتەپلەردە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-11-14 16:43:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
QQ截图20161111092554.jpg
ئالى مەكتەپلەردە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى لېكسىيەسى سۆزلەندى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ بىرلىشىپ چىقارغان ھۆججىتىگە ئاساسەن،  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن،  2016-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى ھەرقايسى ئالى مەكتەپلەردە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۇسۇلىدا خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئىككى تىلدىكى لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى باشلاندى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونۇم رايۇنىمىزدا ھەر يىلى يېڭىدىن كۆپىيىۋاتقان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى 4000 دىن يۇقىرى بولىۋاتىدۇ. بىر قىسىم مەكتەپلەردە، بولۇپمۇ ئالى مەكتەپلەردە ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى تېز ئېشىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئېڭى كۈچلۈك بولماي قالدى. مەكتەپ بولسا، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مۇھىم ئورۇن. ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ساغلاملىقى ۋە جەمىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك.
دۆلەت ۋە ئاپتونۇم رايۇن مەكتەپلەردە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە ئىنتايىن ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەكتەپلەردە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى بىلىمى تەربىيەسى خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسىنى ھەرقايسى مەكتەپلەردە ئومۇمىيۈزلۈك، چوڭقۇر، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، مەكتەپلەرنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئالى-ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىگە يېڭى قۇبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارغا ئاز دېگەندە بىر سائەت ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈنۋېرسال بىلىملىرى تەربىيەسى بىرىشنى مائارىپ ۋەزىپىسى دەپ قاراپ قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئالى مەكتەپلەردە ھەر مەۋسۈمدە ئاز دېگەندە بىر سائەت ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش مەخسۇس لېكسىيەسى سۆزلەشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
2016-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى رايۇنى بىلەن سانجىدىكى مەكتەپلەردىن شىنجاڭ تۆمۈريول كەسپى تېخنىكا ئىنىستوتى، شىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد ئۈنۋېرىستېتى، شىنجاڭ قاتناش كەسپى تېخنىكا ئىنىستوتى،  شىنجاڭ تەڭرىتاغ كەسپى تېخنىكا ئىنىستوتى، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستوتى، شىنجاڭ سانائەت قۇرۇلۇش ئىنىستوتى، شىنجاڭ ساقچى ئىنىستوتى، شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستوتى، سانجى كەسپى تېخنىكا ئىنىستوتى، شىنجاڭ يېزائىگىلىك كەسپى تېخنىكا ئىنىستوتى، ئۈرۈمچى كەسپى ئۈنۋېرىستېتى، شىنجاڭ ئېنىرگىيە كەسپى تېخنىكا ئىنىستوتى، شىنجاڭ يىنىك سانائەت كەسپى تېخنىكا ئىنىستوتى، شىنجاڭ تەنتەربىيە كەسپى تېخنىكا ئىنىستوتى، شىنجاڭ زامانىۋى كەسپى تېخنىكا ئىنىستوتى، شىنجاڭ قۇرۇلۇش كەسپى تېخنىكا ئىنىستوتى قاتارلىق  15 مەكتەپتە  ئون مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىغا ئۇيغۇر تىلىدا 20 مەيدان ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى لېكسىيەسى سۆزلەندى.
  ئوقۇغۇچىلارغا ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ رەسىملىرى كۆرسۈتۈلۈپ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئاقىۋىتى چۈشەندۈرۈلدى. "كېسەلنى يۇشۇرساڭ ئۆلۈم ئاشكارا" بولۇشنىڭ ئالدى ئېلىنىپ، ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالىدىن مەلۇمەت بېرىلدى. ئەيدىزنىڭ قان ئارقىلىق، جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق، ئانىدىن بالىغا يۇقۇشتىن ئىبارەت مۇھىم يوللىرى تەپسىلى چۈشەندۈرۈلدى. ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جىنسىيەت جەھەتتە پاك بولۇش بىلەن بىللە، گاندۇن ئارقىلىق ئەيدىزنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئالاھىدە مۇھىم ئورۇنغا قۇيۇلۇپ تەكىتلەندى. يەنە ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ زەھەر چېكىدىغانلارنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قۇيۇلۇپ، خىلمۇ-خىل زەھەرلەردىن يىراق تۇرۇشنىڭ زۆرۈرلىكىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قۇيۇلۇپ سۆزلەپ ئۆتۈلدى.


















كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|Archiver|يانفۇن|يارپ مۇنبىرى ( 新 ICP 备 10001843号-2

GMT+8, 2017-1-20 03:18 , Processed in 0.131118 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed

© 2001-2013 Comsenz Inc. Template By 【 www.Yurtimiz.com 】

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش