يارىپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
全局 页头二级导航栏广告
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: ئەيدىز داۋالاش كېسەل
جەمئىي مىكروبلوگ 974 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 376|ئىنكاس: 3

ئەيدىز يېنىمىزدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-11-14 16:40:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئەيدىز يېنىمىزدا


رەھىمە ئابۇراھمان


يېقىندا سالاملىرىمىز خېلى قويۇق ئۆز ۋاختىدا خىزمەتتە خېلى ئۇتۇق قازانغان بىر يىقىنىمىزنىڭ ئۆلۈم خەۋرىنى ئاڭلاپ، تېخى ياشتى، راك كېسەل بولغان بولسا كېرەك، ئەجەل دېگەن ياشقا باقمايدېكەن دەپ ئۆيلىدىم. ئۇنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپ ھاياتىدىن ئايرلغىنىنى بىلگىنىمدە كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم بولدى. تۇرمۇشتىكى بەختسىزلىكى ئۇنى چۈشكۈنلەشتۇرۇپ، ئاخىرىدا ئۇنىڭ جېنىغا زامىن بولۇپ گۈزەل ئىستىبالىنىمۇ يەرلىكىگە بىرگە ئېلىپ كەتكەت ئىدى.
ئۇنىڭ بىر ئۇنسىز يىغلاۋاتقان بىر تۇققانلرىغا، ئوماق پەرزەنتلىرىگە قانداق تەسەللى بېرىشنى بىلمەي ئازاپلاندىم. ئۇ ياش ئىدى، ئۇنىڭ قانداق يول بىلەن بۇ نىجىس كېسەل بىلەن يۇقۇملانغىنى بىلمىسەممۇ، لېكىن ئەتراپتا بولىۋاتقان سۆز –چۆچەكلەر ئارامىمنى بۇزاتتى. ئۇنىڭ ۋاقىتسىز بۇ گۈزەل دۇنيا بىلەن خوشلاشقىنىغا ئىچى –ئىچىمدىن قايغۇرۇپ چوڭقۇر ھىسداشلىق قىلدىم.
مەن ئەيدىزنى بىزدىن نەچچە كۈنلۈك يېراق ئۆكيانلاردىكى كېسەل، بىز بىلەن نېمە مۇناسىۋېتى بار، بىزنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىمىز يۇقىرى، خۇددى سارىستەك بىزگە يۇقمايدۇ دەپ ئۆيلايتتىم. مانا كۆز ئادىمدكى بۇ ئشلار ئەيدىزنىڭ بىز بىلەن چىگرىسىز ھالەتتە ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىم.
يېقىندىن بىرى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتلىرىنى ھەم مۇناسېۋەتلىك ماترىيالنى كۆرۈش جەريانىدا ئەيدىزنىڭ بۇسىغىمىزدا بىزگە قانلىق كۆزلىرنى تىكىپ شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىرىنى بىلىپ قىلىپ شۇركۈنۈپ كەتتى.
ئەيدىز-ئېنسانلارنىڭ سالامەتلىكى ۋە ھاياتىغا زىيان سېلىۋاتقان ئاستا خارەكتېلىلىك يۇقۇملۇق كېسەللىك بولۇپ، دۇنيادا 35 مىليۇن 300مىڭ كىشى ئەيدىز ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرگۈچى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 2مىليۇن 100مىڭ كىشى 10يشتىن 19ياشقىچە بولغان ياش ئوسمۇرلەر ئىكەن. ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز ئەيدىزنىڭ ئېغىر زېينىغا ئۇچراۋاتقان رايۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ، ھازىر 38000 ئەتراپىدا يۇقىلانغۇچى ھەم ۋىرۇس ئېلىپ يۈرگۈچى بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە %70 جېنسىي يولدىن، %20 زەھەرلىك چېكىملىك چكىشىتىن، %6 ھەم جىنىسلىقتىن، 2% ئانىدىن بالىغا يۇققان بولۇپ يۇقىرقى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا يەنىلە نورمال بولمىغان مۇناسۋەتلەردىن يۇقۇملىنىشى ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ.
يىقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئەر –ئاياللىق نېسبىتىنى. ئانالىز قىلىش نەتىجىسىدىن قارىغاندا ئاياللارنىڭ hiv يۇقۇملىنىش نىسبىتى يىلسىرى يۇقۇرلىغان، يەنى ئەرلەرنىكىدىن ئېشىپ كەتكەن.
ئەيدىز ئۆلۈش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان بىر تۈرلۈك ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەللىك، نوۋەتتە داۋالاپ ساقايتىدىغان ھېچقانداق دورا ۋە ئۇسسۇل يوق، ئەمما ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ.
ئەيدىز بىزنىڭ يېنىمىزدىلا ئىكەنلىكىنى ئەستىن چىقارمايلى. بىزدا بىر گەپ بار، جىنسى مۇناسۋەتتە گاندۇن ئىشلەتكەنى «پەلەي كېيىپ پولۇ يىيىش، شاكىلى بىلەن كەنپىت يېېيىش» دېگەندەك بۇ بىر ئەخمەقلىق ھاياتىمىزنى بىر قېتىملىق خوشلىقىمىز ئۈچۈن دورغا تىكىش بولماي نېمە ؟
ئىھتىمال ئەيدىز چېچىڭىزنىڭلا ئارسىدا كۆز قىسىۋاتقاندۇ ياكى تېنىڭىزدە ئېقىۋاتقاندۇ، بۇ نەسىھەت ئەمەس رىياللىقتۇر خالاس.
ئائىلە جەمئىيەتنىڭ بىر ھۈجەيرىسى، جەمئىيەتنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ قورغاننىڭ شۇقەدەر مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئاياندۇر. ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ قورغاننىڭ مۇستەھكەم بولۇشى ئائىلە ئەخلاقى بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى، بىرەر دەقىقە ساداقەتسىزلىك، پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا سالىدىغان پىخسىكىمىزدىكى يەڭگىللىك ئۈچۈن شەپقەتسىز بەدەل تۆلىنىدىغانلىقىدەك ئاچچىق رىئاللىق كۆز ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ.
جەمئىيىتىمىز كىشىلىرىنىڭ پاكىز ۋە گۈزەل ئەخلاققا ئىگە بولۇپ ئۆز ئائىلىمىزگە مەسئۇل بولۇشىز، زەھەردىن يىراق تۇرۇپ بىشىمزدا دېۋەيلەپ تۇرغان ئەيدىزدىن ساقلىنىشىمىز كېرەك. بىخۇتلۇق قىلىپ جېنىمىزنى تۇتۇپ بەرمەيلى. ھايتىمىزنى قەدىرلەيلى.



ۋاقتى: 2016-11-22 04:03:34 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
aydis. bilan  yukumlanguqi  xunqa tez   ulupkitamdigandu    mankanqilik  omurkorarman  ha؟
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-11-24 10:54:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ayrilik يوللىغان ۋاقتى  2016-11-22 04:03
aydis. bilan  yukumlanguqi  xunqa tez   ulupkitamdigandu    mankanqilik  omurkorarman  ha؟

ۋىرۇسكا قارشى دورا يىسىڭىز ساغلام ياشاۋېرىسىز، دورىنى ھۆكۈمەت ھەقسىز بېرىدۇ.
ۋاقتى: 2016-11-26 15:10:41 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارپ يوللىغان ۋاقتى  2016-11-24 10:54
ۋىرۇسكا قارشى دورا يىسىڭىز ساغلام ياشاۋېرىسىز، دورىن ...

minig toykilgum   bar.  idi.    ozam  aksuda. 24  yax
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|Archiver|يانفۇن|يارپ مۇنبىرى ( 新 ICP 备 10001843号-2

GMT+8, 2017-2-26 11:43 , Processed in 0.127084 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed

© 2001-2013 Comsenz Inc. Template By 【 www.Yurtimiz.com 】

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش