يارىپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
全局 页头二级导航栏广告
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: ئەيدىز داۋالاش كېسەل
جەمئىي مىكروبلوگ 974 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 280|ئىنكاس: 0

زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ تۈرلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
QQ截图20161102110522.jpg


    زەھەرنىڭ تۈرى كۆپ، دائىرىسى كەڭ، تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلىمۇ ئوخشاپ كەتمەيدۇ. زەھەرنىڭ كېلىش مەنبەسىگە ئاساسەن زەھەرنى تەبىئىي زەھەر، يېرىم بىرىكمە زەھەر ۋە بىرىكمە زەھەر دەپ 3 چوڭ تۈرگە ئايرىيمىز.
  تەبىئىي زەھەر ئادەتتە ئۆسۈملۈكتىن بىۋاستە ئايرىۋېلىنىدىغان زەھەرنى كۆرسىتىدۇ . مەسىلەن، ئەپيۇن. يېرىم بىرىكمە زەھەر ئادەتتە تەبىئىي زەھەر بىلەن خىمىيىلىك ماددىلارنى ئارىلاشتۇرۇشتىن ھاسىل بولغان زەھەر، مەسىلەن، خروئىن. بىرىكمە زەھەر ئادەتتە پۈتۈنلەي ئورگانىك ماددىلارنى بىرىكتۈرۈشنى ئارقىلىق ھاسىل بولغان زەھەر، مەسىلەن، بېنزول پروپىلئامىن تۈرىدىكى زەھەرلەر.
زەھەرنىڭ ئادەم مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىغا تەسىر قىلىش رولىغا قاراپ، تورمۇزلىغۇچى زەھەر، غىدىقلىغۇچى زەھەر، ساختا سېزىم پەيدا قىلغۇچى زەھەر دەپ 3 تۈرگە ئايرىلىدۇ. تورمۇزلىغۇچ زەھەر ئاساسەن مەركىزىي نېرۋىنى تورمۇزلاپ تىنچلاندۇرۇش، بوشاشتۇرۇش رولى بار. مەسىلەن، ئەپيۈن تۈرىدىكى زەھەرلەر. غىدىقلىغۇچى زەھەر نېرۋا سىستېمىسىنى غىدىقلاپ ھاياجانلىنىش، جانلىنىپ كېتىشتەك ھالەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، بېنزىن پروپىل ئامىن تۈرىدىكى زەھەرلەر. ساختا سېزىم پەيدا قىلىدىغان زەھەرلەر ئاساسەن ئادەمنى تاققا-تۇقا قىلىپ تەپەككۇرنى قالايمىقانلاش تۇرىدۇ. مەسىلەن، مېسكالىن.
  زەھەرنىڭ خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن ناركوز دورا تىپىدىكى زەھەر، روھىي كېسەل دورا تىپىدىكى زەھەر دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. ناركوز تىپىدىكى زەھەرلەر نېرۋا سىستېمىسىنى ناركوز قىلىش خۇسۇسىيىتى ئىگە بولۇپ ئۇزاق ئىشلەتكەندە بەدەنگە كۆنۈۋېلىشچانلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، ئەپيۇن. روھىي كېسەل دورا تىپىدىكى زەھەر نېرۋا سىستېمىسىغا تەسىر قىلىپ كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدۇ ياكى جىمىقتۇرىدۇ. ئۆزلۈكسىز ئىشلەتكەندە خۇمار قىلىپ قويىدۇ. مەسىلەن، بېنزول پروپىل ئامىن تۈرىدىكىلەر.
  زەھەرنىڭ مودا بولۇش ۋاقىت تەرتىپىگە قاراپ، ئەنەنىۋى زەھەر ۋە يېڭى زەھەر دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. ئەنەنىۋى زەھەر ئاساسەن ئەپيۇن، خىروئىن قاتارلىق بالدۇرراق مودا بولغان زەھەرلەرنى كۆرسىتىدۇ. يېڭى زەھەر ئاساسەن مۇشۇ ئەسىردىن بۇيان مودا بولۇۋاتقان، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا تارقىلىۋاتقان مۇز زەھىرى، گىلىدىڭلاتقۇ قاتارلىق خىمىيەلىك بېرىكتۈرۈلگەن زەھەرلەرنى كۆرسىتىدۇ.



كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|Archiver|يانفۇن|يارپ مۇنبىرى ( 新 ICP 备 10001843号-2

GMT+8, 2017-2-26 11:40 , Processed in 0.126343 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed

© 2001-2013 Comsenz Inc. Template By 【 www.Yurtimiz.com 】

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش