يارىپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
全局 页头二级导航栏广告
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: ئەيدىز داۋالاش كېسەل
جەمئىي مىكروبلوگ 974 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 224|ئىنكاس: 0

دىللارنى چەككەن دىلدار ئەركىننىڭ ئاۋازى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
QQ截图20161101095321.jpg

«يۈرىكىم يىغلايدۇ»



"سۆيۈملۈك ئاتىلار، مېھرىبان ئانىلار! سىلەر مەكتەپكە بارغۇچە يۇم - يۇم يىغلاپ كېتىۋاتقان بىر قىزنى ئۇچراتقانمىدىڭلار! ئۇ دەل مەن.
سىلەر بىر ئىللىق ئائىلە مېھرىگە تەشنا بولۇپ ياشاۋاتقان 10 ياشلىق بىز قىزنى بىلەمسىلەر؟ ئۇ دەل مەن بولىمەن.
سىلەر ھېيت - ئايەملەردە، بالىلار بايراملىرىدا، تۇغۇلغان كۈنىدە ئىچ - ئىچىدىن تۆكۈلۈپ - تۆكۈلۈپ يىغلايدىغان بىر قىزنى تونۇمسىلەر؟ ئۇ قىز دەل مەن بولىمەن.
سىلەر بىلمەيسىلەر. مەن قانىتى بوغۇچلانغان بىچارە قۇشقا ئوخشايمەن. چۈنكى مەن ھەممە ساۋاقداشلىرىمنىڭ چىرايلىرىدا جىلۋىلىنىپ تۇرىدىغان بەختىيارلىق كۈلكەمدىن ئايرىلىپ قالدىم. ھەممە دوستلىرىم پەخىرلىنىپ تۇرۇپ تىلغا ئالىدىغان دادامدىن ئايرىلىپ قالدىم. يەنە ئۆزۈم تەشنا بولغان، مەن ھېچ يەردىن ئېرىشەلمەيدىغان، ئېرىشمىسەم ئەسلا بولمايدىغان ئاتىلىق مېھىر - مۇھەببەتتىن ئايرىلىپ قالدىم. مەن 10 ياشقا توشماي تۇرۇپ، ئون گۈلۈمنىڭ بىرى ئېچىلماي تۇرۇپ سىلەر بىلمەيدىغان قايغۇ - ھەسرەتلەرگە يەم بولدۇم.
مەن كوچىلاردا ماڭغىنىمدا، بىر مېھرىبان دادىنىڭ ماڭا ھەمراھ بولۇشىنى قانچىلىك ئارزۇ قىلىدىغانلىقىمنى بىلەمسىلەر؟ مەن مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىققىنىمدا، باشقا بالىلارنىڭ دادىلىرىغا ئوخشاش، دادامنىڭ ماڭىمۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇشىنى قانچىلىك ئارزۇ قىلىدىغانلىقىمنى بىلەمسىلەر؟ مۇئەللىم ھەر كۈنى يوقلىما قىلغاندا، دادامنىڭ ئىسمىنى ئاتىسا قانچىلىك جىددىيلىشىپ ئۈنسىز ئېسەدەپ كېتىدىغانلىقىمنى سىلەر بىلەمسىلەر؟ سىلەر مېنىڭ ئاتا - ئانىلار يىغىنلىرىدا ئۆكسۈپ - ئۆكسۈپ يىغلاپ كېتىدىغانلىقىمنى، باغچىلاردا بالىلىرىنى ئوينىتىۋاتقان دادىلارنى كۆرگىنىمدە پىنھان جايلارغا مۆكۈنۈپ تۇرۇپ، ئۇزاقتىن - ئۇزاق ئېسەيدىغانلىقىمنى، بالىلار دادىلىرى توغرۇلۇق پەخىرلىنىپ سۆزلىگىنىدە مېنىڭ گاچا بالىدەك ھېچنېمە دېيەلمەيلا قالماستىن، يۈرىكىم ئېچىشىپ، ئۈنسىز يۇم - يۇم ياش تۆكىدىغانلىقىمنى چوقۇم بىلمەيسىلەر!
ئاپام ماڭا: «قىزىم كىيىملىرىڭنى پاكىز يۇيۇپ قويدۇم، كىيىۋال!» دەيدۇ - يۇ، چاندۇرماي كۆزىگە ياش ئالىدۇ. مەنمۇ تولىمۇ خۇش بولغان قىياپەتتە كىيىملىرىنى كىيىپ مەكتەپكە ماڭىمەن، يولبويى ئېسەدەپ يامغۇردەك تۆكۈلىمەن. بەلكىم شۇ دەقىقىلەردە ئاناممۇ ئۆيدە ئۈنسىز يىغلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن! چۈنكى ئاناممۇ ماڭا باشقا ئانىلارغا ئوخشاشلا ئەڭ ئېسىل، ئەڭ يارىشىملىق كىيىملەرنى كىيگۈزۈپ، مېنىڭ تاتلىق كۈلكەمدىن ھۇزۇرلانغۇسى كېلىدىغاندۇ؟ ئالدىمغا قىزىم ئوينىسۇن، يېسۇن دەپ ھەر خىل ئويۇنچۇقلارنى ۋە قۇۋۋەت يېمەكلىكلىرىنى تەق قىلىپ بەرگۈسى كېلىدىغاندۇ؟ يەنە باشقا ئانىلارغا ئوخشاش قىزىم ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغاندا ئەسقاتىدۇ، دەپ ھەر ئايدا گۈزەل ئارزۇلار بىلەن بانكىغا پۇل قويۇشنى ئويلايدىغاندۇ؟ بىراق بۇ خىل ھۇزۇر، بۇ خىل خۇشاللىقلارمۇ ئاپام ئۈچۈن بىر چۈشكە ئايلانغان! چۈنكى مېنىڭ دادام − مەن نەپرەتلىنىپ تۇرۇپ سېغىنىدىغان، قېيداپ تۇرساممۇ باغرىغا بېشىمنى قويۇپ ئەركىلىگۈم كېلىدىغان، ھالاكەت يولىغا ئاتلانغان بولسىمۇ، ھىدىنى قانماي پۇرىغۇم كېلىدىغان دادام بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ۋەيران قىلىۋەتتى.
مومام كىچىك چېغىمدا «قوزام! سەن بىزنىڭ خۇشلۇقىمىز، بالىسى بار ئۆي بازارغا ئوخشايدۇ» دېگەنىدى. بىراق دادام ئاشۇ قاينام - تاشقىنلىققا تولغان كىچىككىنە بازارنى كۆز يېشىغا تولغان مازارغا ئايلاندۇردى. بۇ يەردە يەنىلا ئەڭ كۆپ يىغلاۋاتقىنى مەن ھەم ئاپام!
مەن بۇلتۇر بوۋامنىڭ سەھرادىكى ئۆيىگە چىققىنىمدا يەنىلا يىغلاپ قايتتىم. بىراق يىغلىغىنىمنى ئانامغا كۆرسەتمىدىم، ئانامنى يەنىلا مەن بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ يىغلىمىسىكەن، بىردەم بولسىمۇ قايغۇ - ئەلەمنى ئۇنتۇسىكەن دەپ ئويلىدىم. بىراق بوۋامنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا دانلاپ يۈرگەن توخۇلارغا قاراپ كۆز ياشلىرىم سەلدەك ئاقتى. چۈنكى چۈجىلەرمۇ مېكىيان ۋە خورازنىڭ ھىمايىسىدە تولىمۇ خۇشال - خۇرام ياشايدىكەن. خوراز ئۆز چۈجىلىرىنىڭ خۇشلۇقى، ئامانلىقى، دانلىشى ئۈچۈن ئۇلارنى قاتتىق قوغدايدىكەن، ھىمايە قىلىدىكەن، ئۇلارغا چوڭقۇر كۆيۈنىدىكەن! مەن ئويلاپ قالدىم: مېنىڭ دادامدا ئاشۇ خورازچىلىكمۇ ۋىجدان ۋە مەسئۇلىيەت يوقمىدۇ؟ دادامنىڭ قەلبىدىكى چۈجىلەرچىلىكمۇ يوقمىدى؟ دەل مۇشۇ سوئاللار مېنى يىغلاتتى. ياش تۆككۈزدى، چوڭقۇر ئېسەدەتتى!
بىراق مېنىڭ قەلبىمدە دادامنىڭ ئورنى يەنىلا ئىنتايىن يۇقىرى! دادام بولمىسا خۇشاللىققا باھانەم يوقكەن. راستىنى ئېيتقاندا، كۈلۈپ ياشاشقا سەۋەب تاپالمايدىكەنمەن. ئۇنى بەكمۇ سېغىنىدىكەنمەن.
سۆيۈملۈك ئاتىلار، مېھرىبان ئانىلار! سىلەر دادامنى كۆرسەڭلار ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ قويۇڭلار. ئۇ قايتىپ كەلسۇن! سىلەر دادامغا: «قىزىڭ بوسۇغۇدا يىغلاپ ئولتۇرۇپ، ھازىرمۇ سېنى ساقلاۋاتىدۇ» دەپ قويۇڭلار!
جېنىم دادا! زۇلمەت قوينىدىكى دۇنيا قۇياشنىڭ كۈلۈپ چىقىشىغا ئىنتىزار بولغىنىدەك، بىزمۇ سېنىڭ بوسۇغىدىن كۈلۈپ كىرىشىڭگە شۇنچە تەشنا بولۇۋاتىمىز. "



"مۇھەببەت سىز بىلەن بىللە" ناملىق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىلىۋىزىيە سەنئەت كېچىلىكىدە، "يۈرىكىم يىغلايدۇ" تېمىسىدىكى نەسىرنى شۇ نەسىرنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتكەن ھالدا، ئازاپلىق يىغىسى ۋە قايغۇلۇق نىداسى بىلەن كۆزىدىن يامغۇردەك ياش ئاقتۇرۇپ ناھايىتى تەسىرلىك ئوقۇشقا كىرىشىپ كېتىپ، نەق مەيداندىكى مېھمانلارنى ھەم تېلىۋىزور ئالدىدىكى كۆرۈرمەنلەرنىمۇ تەسىرلەندۈرۈپ، كۆزلىرىدىن ئىختىيارسىز ھالدا يامغۇر كەبى ياش ئاقتۇرىۋەتكەن، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى سىياقىدىكى بىر قىز ئاشۇ ئاۋازى بىلەن ئەل-يۈرتنىڭ يۈرەك-تارىنى چەكتى.
ئاۋاز دېگەن گاچا بولۇپ قالمىغان ھەممە ئادەمدە بار، نەسىرنى باشقىلارمۇ ئوقۇيالايدۇ. ئەمما، نەسىرنىڭ ئىچىگە كىرىپ ئوقۇشمۇ بىر ماھارەت، سەنئەت، پاراسەت ھېساپلىنىدۇ. دېمىسىمۇ، بۇ قىز تىلىۋىزوردا نەسىرنى ئوقۇغاندا، ئۆزىنى دادىسىز بىچارە قىزغا ئوخشۇتۇپ، خۇددى راست شۇنداق ھالغا چۈشۈپ قالغاندەك ئوقۇغاچقا، بىر قىسىم كىشىلەر كىيىن كوچىدا ئۇنى ئۇچراتقاندا ساددىلىق بىلەن كۆڭۈل بۆلگەندەك قىلىپ، "دادىڭىز يوقمۇ، سىز يىتىم قىزمۇ" دېگەندەك، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سۇئاللارنى سورىغان بولۇپ، ئۇ قىز ئۆزى تىلىۋىزوردا ئوقۇغان نەسىرنىڭ بۇنداق چۈشەنچە پەيدا قىلدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.
تىلىۋىزوردا رولغا چىقىپ، جەمىيەتتىكى كىشىلەرگە خۇددى رولغا چىققان ۋاقىتتىكىدەك تەسىر كۆرسەتكەن، شۇنداقلا ساۋاغداشلىرى ئارىسىدا- مەكتەپتە ئاپىرىن ئېيتىشقا، قايىللىققا ئېرىشىپ، تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆز رولىنى ھەر تەرەپلىمە جارى قىلدۇرىۋاتقان بۇ قىز بىلەن، 2016-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى ئوقۇۋاتقان مەكتىپىگە بېرىپ كۆرۈشتۈم.
ئۇ- تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان، ئەمما ئاۋازى زەھەر چەكلەش، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش پائالىيەتلىرى بىلەن ياش-ئۆسمۈرلەر ئارىسىدىكى "مەن ۋە مېنىڭ غايەم" تېمىسىدىكى ھەم ئاساسى قاتلامدىكى ھەر خىل لېكسىيە سەھنىلىرىدە ناھايىتى جانلىق، تەسىرلىك، ھېسسىياتلىق، ھەم ئاكتىپ ئۈمىدۋار، ئۈلگۈلۈك ھالەتتە ياڭراپ تۇرىۋاتقان، بولۇپمۇ زەھەر چەكلەش بىلەن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدىيەسىدىكى روھى ۋولقان كەبى پارتلاپ تۇرىۋاتقان، كىچىكلىكىگە قارىماي يۇرت-مەھەللىسىدىكى-كۆز ئالدىدىكى چۈشكۈنلۈك، غايىسىزلىك سەۋەبى بىلەن زەھەر چېكىۋاتقان، زەھەر چېكىپ ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىۋاتقان، زەھەر چېكىپ ياش تۇرۇپلا ئۆلۈمگە ئاتلىنىپ ئاتا-ئانا، خوتۇن-بالىلىرىنى يالغۇز، تۇل، يىتىم قالدۇرىۋاتقان، ھاياتلىق مەسئۇلىيىتىدىن قېچىپ، ساغلاملىق بەختىدىن مەھرۇم قېلىۋاتقان قېرىنداشلىرىنى ئويغۇتۇش ئۈچۈن، پىدائىلىق روھىنى نامايەن قىلىپ كېلىۋاتقان، ئۈزلۈكسىز ئاكتىپ ئېنىرگىيە تارقىتىش يولىدا كېتىۋاتقان بىر قىز ئوقۇغۇچى بولۇپ، ئۇ غۇلجا شەھەرلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 3-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان، سىنىپىدىكى ئەللىك نەچچە ساۋاغداشلىرىغا قارىتا سىنىپ باشلىقلىق مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان، ھەر خىل سەھنىلەردە نوتۇق-لېكسىيەلەرنى سۆزلەۋاتقان، يېزىقچىلىق ئىقتىدارى بىلەن نوتۇق-لېكسىيەلىرىنىڭ مەزمۇنلىرىنى ئۆزى يازالايدىغان، مۇزىكا ئورۇنلىيالايدىغان، ناخشا ئېيتالايدىغان، دىكتور-رىياسەتچىلىكنىمۇ قىلالايدىغان، سەھنىدە ھەر خىل رولمۇ ئالالايدىغان، جۈملىدىن، مۇشۇ ياش باسقۇچىدا ئەدەبىيات-سەنئەتكە مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردە كۆپ خىل ئىقتىدارىنى ئادەتتىن تاشقىرى ھالدا نامايەن قىلىپ كېلىۋاتقان دىلدار ئەركىندۇر.
ياخشى نىيەت يەردە قالمايدۇ. ئىشلىگەننىڭ يۈزى يۇرۇق بولىدۇ. ئۆزىگە ئىشەنگۈچىلەر قىلىپ باقمىغان ئىش دېمەي، قىلىش توغرا كەلگەن ئىشقا دادىللىق بىلەن يۈزلىنىپ ياخشى ئۈنۈم-قىممەت يارىتالايدۇ. يول ماڭغانسىرى ئېچىلىدۇ، يول مېڭىشتىن قورقىمىغانلارنىڭ يولى بارغانسىرى ئېچىلىپ كېتىدۇ. يول ئاچالىغانلار يۈرەكلىك كېلىدۇ، قايىللىق قوزغايدۇ، ئاپىرىنلىققا ئېرىشىدۇ. ياخشى ئۈلگە ئاكتىپ ئېنىرگىيە پەيدا قىلىدۇ.
مەكتەپتە نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇيدۇ، ئەمما ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيە-روھى بىر-بىرسىدىن پەرىقلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئوخشىمايدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ غايىسى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا، ئوخشاش مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلار ئارىسىدا ئوخشىمىغان ئوقۇغۇچىلار كېلىپ چىقىدۇ. ساۋاغداشلىرىنى قايىل قىلىدىغان، پەخىرلەندۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار بولىدۇ، ساۋاغداشلىرىغا ئۈلگە بولالايدىغان، ئاكتىپ ئېنىرگىيە تارقىتالايدىغان ئوقۇغۇچىلار بولىدۇ.
دىلدار ئەركىن يېشى ھەم جىسمىدىن ھالقىپ دېگۈدەك، ئەنە شۇنداق ھەر تەرەپلىمە ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلىپ قىلىپ كېلىۋاتقان ئوقۇغۇچى بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ زەھەر چەكلەش بىلەن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ پىدائىسى بولىدىغانلىقىنى قارار قىلىپ بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى:
- زەھەر چەكلەش بىلەن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەممىمىزنىڭ ئۈستىمىزگە ئېلىشىمىزغا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىمىز بولغاچقا، بۇ جەھەتتە كۈچ چىقىرىش ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىش ھېساپلىنىدۇ. بىزنىڭ يۇرت-مەھەللىمىزدە، ئەتراپىمىزدا زەھەر چېكىۋاتقان، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان كىشىلەرنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. زەھەر چېكىپ ياش تۇرۇپلا ئۆلۈپ كېتىپتۇ دېگەن شۈم خەۋەرلەرنمۇ بەزىدە ئاڭلاپ قالىمىز. ئۇلار نېمىشقا زەھەر چېكىدۇ؟ قانداق يوللار بىلەن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالىدۇ؟ مۇشۇ سۇئاللار ئىچى قاينايدىغان ھەرقانداق ئادەمنىڭ كۆڭلىنى بىئارام قىلىدۇ.
مەن ئوقۇغان نەسىرمۇ ھالاكەت يولىغا كىرىپ قالغان دادىسى ئانا-بالا بىلەن كارى بولمايۋاتقان بىر قىزنىڭ ئاھۇ-نالىسى بولۇپ، قىز دادىسىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە تەشنا بولىدۇ. بالا دادىسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئىزدەيدۇ.
شۇڭا، ئەتراپىمىزدىكى-يۇرت-مەھەللىمىزدىكى تەڭتۈشلىرىمىزنى، قېرىنداشلىرىمىزنى ھەر خىل زەھەرلەرگە ئۆگىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتى يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن كۈچەيتىشىمىز، زەھەرگە ئۆگىنىپ قېلىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئېسىدىن چىقمايدىغان ھالدا ھېس قىلدۇرىشىمىز كېرەك. شۇنداقلا، جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنى مەيلى زەھەر چېكىش ھەم ئەخلاقسىزلىق بىلەن ناشايان ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىش سەۋەپلىك ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئاقىۋىتىگە دۇچار بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ھەر جاي-ھەر زاماندا ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىشىمىز كېرەك. مۇشۇنىڭ ئۈچۈن پىدائى بولۇش ساۋاپلىق ئىش بولغاچقا ئەرزىيدۇ.
توغرا، زەھەر چەكلەش ۋە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى بار. ھەرقانداق مەسئۇلىيەت ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتى بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، باشقىلارنىڭمۇ ئۆزئارا بىر-بىرسىنىڭ ئالدىدا مەسئۇلىيىتى بولىدۇ. زەھەر چېكىۋاتقانلار بىلەن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىۋاتقانلار بىزنىڭ يېنىمىزدىكى، ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەر ئارىسىدا يۈرىۋاتقان بولغاچقا، خالىس نىيەت بىلەن باشقىلارغا زەھەر چېكىش بىلەن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنىڭ خەتەرلىك ئاقىۋىتىنى ھەر دائىم يەتكۈزۈپ تۈرىشىمىز كېرەك.



كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|Archiver|يانفۇن|يارپ مۇنبىرى ( 新 ICP 备 10001843号-2

GMT+8, 2017-1-20 03:23 , Processed in 0.132641 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed

© 2001-2013 Comsenz Inc. Template By 【 www.Yurtimiz.com 】

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش