يارىپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: ئەيدىز داۋالاش كېسەل
جەمئىي مىكروبلوگ 974 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 443|ئىنكاس: 1

ئەكبەر جاپپار دەردى-كۈتۈلمىگەن تراگېدىيە( ھېكايە )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-10-21 18:38:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دەردى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-10-21 18:39  

                                              كۈتۈلمىگەن تراگېدىيە
                                                         ئەكبەر جاپپار دەردى
                                                              ( ھېكايە )

                          


      داۋۇت ئاكىنىڭ يېشى بۆلۈمىدىكى ھەممەيلەندىن چوڭ بولۇپ ، ئۇ مېنىڭ ئۇدۇلۇمدىكى ئۈستەلدە ئولتۇراتتى . ھەر كۈنى ئىشقا بۆلۈمىدىكى ئۈچەيلەندىن ۋاقچىراق كېلەتتى . بىز بىلەن قىزغىن سالاملاشقاندىن كېيىن بولسا كرېسلوغا تاشلىنىپ تاكى بۆلۈم باشلىقى كېرىپ كۈندىلىك ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرغىچە يېنىچە ئولتۇراتتى . ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ بىر نەرسە يازمىغان ۋاقىتلاردا ئاساسەن كرېسلودا بېلىچە ئولتۇرۇپ گېزىت كۆرەتتى . تۈز ئولتۇرغىنىنى كۆرمەيتتۇق .
بىر كۈنى ئاشخانىدىكى باشقا خىزمەتداشلىرىمىز بىر ئىش بىلەن سىرىتقا چىقىپ كېتىپ ئىككىمىز يالغۇزلا قالدۇق . بۇ كۈنى داۋۇتكامنىڭ يازىدىغان ماتېرىيالى يوقمۇ قانداق كرېسلودا بېلىچە ئولتۇرۇپ گېزىت كۆرۈشكە باشلىدى . ئىچىمدە ، بىچارىنىڭ بېلى بەك ئاغرىيدىغان ئوخشايدۇ . دوختۇرخانىدا داۋالاتسا بولمامدىغاندۇ دەپ ئويلاپ :
ــــ داۋۇتكا بېلىڭىز بەك ئاغرىيدىغان ئوخشايدۇ ھە ؟ دەپ سورىدىم ، ئۇ گېزىتتىن  كۆزىنى ئۈزۈپ ماكا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئاددىيلا : « ھەئە » دەپ جاۋاب بەردى . مەن ئۇنىڭ كۈلۈمسىرىشىدىن بۇ بەل ئاغرىقىنىڭ بىر سىرى بولسا كېرەك دەپ خىيال قىلىپ ئىچكىرىلەپ سورىدىم :
دوختۇرغا كۆرۈنۈپ باقسىڭىز بولمامدۇ ، قاچانلاردىن بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانتىڭىز ؟
ــــ دوختۇرغا كۆرۈندىم ، كۆپ كۆرۈندىم دەڭا ئۇكام ، بىراق ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمىدى - داۋۇتكام تېخىمۇ بەكرەك كۈلۈشكە باشلىدى . مەن ئۇنىڭ كۈلكىسىنىڭ بۇنىڭ بىر قىزىقارلىق ئىش سەۋەبىدىن بولغان كېسەل ئىكەنلىكىنى پەملەپ ئۇنىڭدىن زادى نېمە بولۇپ بەل ئاغرىقى تېپىۋالغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالدىم . ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ بېلىنى تۇتۇپ ئالدى - كەينىگە ئېگىلىپ بىر ھەركەت قىلىۋالدى . مەن يانچۇقۇمدىن ئىككى تال تاماكا چىقىرىپ تۇتاشتۇرۇپ ئۇنىڭغا تەڭلەۋېتىپ ئۇنى سۆزلەشكە ئالدىراتتىم . ئۇ ئىشىك تەرەپكە بويۇنداپ بىر قارىۋېتىپ باشقا ئادەم يوقلۇقىغا ئىشەنگەندىن كېيىن سۆزلەشكە باشلىدى :
بۇ ئىشلارنى دېسەم بىر كۈلكىلىك ئىش ئۇكام . بۇنىڭدىن 28 يىل بۇرۇن ۋىلايەتلىك مالىيە سودا مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ ناھىيىلىك ئاشلىق ئىدارىسىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىندىم . ئىدارىدە يىگىرمىدەك كادىر بولۇپ چۈشلۈك تاماقنى ئىدارىنىڭ ئاشخانىسىدىن يەيدىكەن . مەن ئىشقا چۈشۈپ بىر ئايدىن كېيىن ئىدارىدە مېنى قوشۇمچە ئاشخانىنىڭ زاپخوزلىقىنى قىلىپ بېرىشكە بەلگىلىدى . ئۇ چاغدا مەن 23 ياشلاردىكى ناھايىتى تېمەن بىر يىگىت ئىدىم . ئىدارە باشلىقى تۆۋەنگە چۈشۈپ كەتكەن بىر كۈنى ئاشخانىغا كېرەكلىك نەرسىلەرنى ئېلىپ كېتىۋاتسام ئىدارە باشلىقىمىزنىڭ ئايالى خانقىز دەرۋازا ئالدىدىكەن . ئۇ ئوتتۇز ياشلار چاممىسىدىكى قاش كۆزلىرى ئويناپ تۇرىدىغان ئايالى ئىدى . ئۇ مېنى كۆرۈپ ، ئاشخانىدا خېمىرتۇرۇچ بار يوقلىقىنى سورىدى . مەن بار دېسەم ئۇ ئۆيگە ئازراق ئەكىرىپ بېرىشىمنى ئېيتتى . مەن نەرسە كېرەكلەرنى ئاشخانىغا جايلاشتۇرۇپ قويۇپ خېمىرتۇرۇچنى ئېلىپ چىقسام ئۇ ئۆيىگە كېرىپ كېتىپتۇ . بېرىپ ئىشىكنى چەكسەم ئۇ چىقىپ خېمىرتۇرۇچنى قولۇمدىن ئالدى ۋە مېنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى . مەن ئۆيگە كىرگىنى ئۇنىمىدىم . ئۇ ئاخىرى بىر نەرسىنى ئېسىگە ئالغاندەك :
ــــ ھە راست ، ئۇكام بىر ئىشكاپ بار ئىدى يۆتكىيەلمەي تۇراتتىم ، يۆتكىشىپ بېرىڭا - دېدى . مەن باشلىقنىڭ ئايالى بولغاندىكىن يۆتكىشىپ بېرەي دەپ ئۆيگە كىردىم . ئۇ مېنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ داستىخان سالدى . مەن بىر پىيالە چاينى ئىچىپ بولۇپ چىقىپ كېتىشكە ئالدىراپ يۆتكەيدىغان نەرسىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى سورىدىم . ئۇ خاپا بولۇپ : ــ ئەجەپ ئالدىراپ كەتتىڭىز ، تۇرسۇن بار چاغدا كىرسىڭىز تالانى ئۇنتۇپ قالغاندەك ئولتۇرىدىكەنسىز ، مەن سىزنى بىر نېمە قىلامدىكەنمەن ؟ - دەپ ئىچىدىكى ئۆيگە كېرىپ كەتتى . مەن نېمە دېيىشىمنى بىلمەي ئولتۇرغاندا ئۇ چىقتى . قارىسام قولىدا بىر بوتۇلكا ئاق ھاراق ، ئۇ قاشلىرىنى ئوينىتىپ ھاراقنى ماڭا سۇنۇپ :
ــــ بۇنى بۇگۇن بازاردىن ئالدىم . تېۋىپتىن بىر دورىنى ئالسام « بۇ دورىنى يەپ ھەر كۈنى بىر رۇمكىدىن ھاراق ئىچىپ بېرىڭ » دەيدۇ . مەن ھاراق ئىچىپ باقمىغان قانداق ئىچىشنى بىلمىدىم . سىز بىر رۇمكا ئىچىپ ماڭا كۆرسىتىپ قويۇڭ ، تۇرسۇننى كېلەمدىكىن دېسەم كەلمەيۋاتىدۇ ، ئاڭلىسام يەنە ئىككى كۈندىن كېيىن كېلىدىكەن - دېدى . راستىنى ئېيتسام ئۇنىڭ قاش - كۆزلىرىنى ئوينىتىپ نايناقلىشىدىن بۇنداق قىلىشنىڭ بىر ئويۇن ئىكەنلىكىنى سەزگەن بولساممۇ ، ئەگەر مەن ئويلىغاندەك بولمىسا خاپا بولۇپ قالمىسۇن دەپ ماقۇل بولدۇم . ئۇ بۇتۇلكىنى ئېچىپ بولدى دەپ تۇرساممۇ لىق ھاراق قۇيدى . پات - پات ھاراق ئىچىپ تۇرىدىغان بولغاچقا « مانا مۇنداق ئىچىدۇ » دەپ بىرلا كۆتۈرۈۋېتىپ پىيالىنى داستىخاندا قويۇشۇمغا ھويلا ئشكى قېقىلىپ ئىدارە باشلىقىمىزنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى . مەن ئىشىك تەرەپكە ماڭدىم ، دەل شۇ چاغدا خانقىز ئالدىمنى توسۇپ :
ــــ ھوي ساراڭ نەگە بارىلا ، تۇرسۇن سىلنى كۆرسە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ . تېزدىن يوشۇرنىۋالسىلا - دەپ ئالاقزادە بولۇپ كەتتى . دېمىسىمۇ ھەرقانداق بىر كىشى ئايالى بىلەن بىرسىنىڭ بۇنداق كەچتە ئىشكىنى تاقاپ قويۇپ ھاراق ئىچىۋاتقانلىقىنى كۆرسە گۇمانلىنىدۇ - دە ، مەنمۇ تىپىرلاپ قالدىم . ئاڭغىچە قولىدىكى ھاراقنى يوشۇرۇپ ئۈلگۈرگەن خانقىز ئۇيان - بۇيان بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن ئۆينىڭ بۇلۇڭىدا قويۇپ ئۈستىگە يوتقان -كۆرپە تىزغان بىر چوڭ ساندۇقنىڭ ئۈستىنى بىكارلىدى - دە ، تېز - تېز » دېگەن مەنىدە ساندۇقنى ئىشارەت قىلدى . كىيىم بىر تەرەپكە يىغىلىپ قالغان ساندۇقنىڭ ئىچىگە كىردىم . ئالدىراشلىقتا بىكار يەرگە كاسامنى سېلىپ پۇتۇمنى كىيىم ئۈستىگە ئېلىپ يېتىپتىمەن . خانقىز ساندۇقنى يېپىپ « پەقەت چاندۇرماڭ » دەپ قويۇپ ساندۇقنىڭ ئۈستىگە بىر نەرسىلەرنى ئالدى . بالىياتقۇدىكى بوۋاقتەك تۈگۈلۈپلا قالغاندىم . پەقەت پۇتۇم بىلەن بېشىم ئېگىزدە ئىدى . نىيىتىم تۈز تۇرۇپ ئاشۇ ھالغا چۈشۈپ قالغىنىم ئۈچۈن خانقىزدىن قاتتىق رەنجىدىم . بۇ ئۆيگە كىرىپ قالغانلىقىمدىن كۆپ پۇشايمان قىلدىم .
بىركەمدە ئۆيدە ئۇيان - بۇيان ماڭغان ئاۋاز بىلەن ئىدارە باشلىقى تۇرسۇننىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى . بارا - بارا بەل ۋە بويۇنلىرىم سىرقىراپ ئاغرىشقا باشلىدى . بېشىمنى ئاستا ھەركەتلەندۇرۇپ تۇرغان بولساممۇ بېلىمنى مىدىرلىتىشقا زادى ئىمكان بولمىدى . مىىدىرلىتاي دېسەم سىزىلىپ قېلىپ رەسۋا بولۇشتىن قورقتۇم . ئەر - خوتۇن بىر نېمىلەرنى دەپ خىلى ئۇزاققىچە پاراڭ سېلىشقاندىن كېيىن جىمىپ قېلىشتى . بىلىمنىڭ ئاغرىقىدا ئۇلارنىڭ پاراڭلىرى قۇلىقىمغىمۇ كىرمىدى . ئىدارە باشلىقى سىرىتقا چىقىپ كەتسە ساندۇقنى ئېچىۋېتەر دېگەن ئۈمىدتە ياتتىم . تەلىيىمگە ساندۇقنىڭ ئۇ يەر - بۇ يەرلىرىدە يوچۇقلىرى بار ئىكەن تەسلىكتە بولسىمۇ نەپەس ئېلىپ تۇردۇم .خانقىزنى « ھۇ نومۇسسىز ئىپلاس ئەجەپ كۈنگە قويدۇڭ خەپ !» دەپ قارغاپ ئولتۇرىۋەرسىم . ساندۇق ئېچىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن خانقىزنىڭ تاتلىق ئىڭراشلىرى ئاڭلانغىنى تۇردى .ئۇنىڭ ئاۋازى قۇلىقىمغا ئىتنىڭ غىڭشىغىنىدەك ئاڭلىناتتى .يەنە ئۆز جېنىم  
بىلەن بولاتتىم . بىر چاغدا قۇلاق سالسام ئىڭراشلىرى توختاپ ئۆينىڭ ئىچىدە ماڭغان ، بىر نەرسىلەر يېنىك تاراڭلىغان ئاۋاز ئاڭلاندى . يەنە ئۆز جېنىم بىلەن بولۇپ كېتىپتىمەن . كۈچلۈك خورەك يەنە دىققىتىمنى تارتتى ، خانقىز ئۇخلىمىغان بولسا ساندۇقنى ئېچىۋېتەر ، مېنىڭ ئۆلۈپ قېلىشىمدىن ئەنسىرەپ بولسىمۇ بىر ئامالىنى قىلار دەپ خىلى ئۇزۇن كۈتتۈم . خورەككە يانداش يېنىك پۇشۇلدىغان ئاۋاز رېتىمى ئۆزگەرمىدى . قارىغاندا ئۇمۇ ئۇخلاپ قالغاندەك قىلاتتى . « ھۇ خۇدا ئۇرغان ھاماقەت ، كۆر كۆرگۈلۈكنى » دەپ ئۆزۈمگە كايىپ تېرىك تۇرۇپ دوزاق ئازابىنى بىر كېچە تارتىپ ئاران دېگەندە تاڭنى ئاتقۇزدۇم . تاڭنىڭ ئاتقىنىنى ئۆي ئىچىدە ئاڭلانغان ئاۋازلاردىن بىلىپ تۇردۇم . ئادەم دېگەننىڭ جېنى چىڭ نەرسە ئىكەن  . ئاشۇ ساندۇق ئىچىدە ئۆلمەي بىر كېچىنى ئۆتكۈزگىنىمگە ئەقلىم يەتمەيدۇ . ئىدارە باشلىقىنىڭ ئىشقا مېڭىشىنى كۈتتۈم . ئۇنىڭ ئۈستىگە چوڭ كىچىك تەرىتىم قىستاپ ئارامسىزلاندۇراتتى . قانچە قىينالساممۇ ئىدارە باشلىقىنىڭ چىقىپ كەتكىنىنى بىلىش ئۈچۈن ئۆيدىكى ئاۋازلارغا قۇلاق سالدىم . بىر كەمدە ئىدارە باشلىقىنىڭ جانغا راھەت بېغىشلايدىغان بىر جۈملە سۆزى ئاڭلاندى :
ــــ مەن چۈشتە كەلمەيمەن ، تاماق قىلىپ يەۋەر ، ئەمسە مەن كەتتىم .
ئۇھ ! پۇت قولۇمغا شۇنداق جان كىردى . خۇشاللىقىمنى تەبرىكلەپ ۋارقىلغىلى  بولغان بولسا - ھە ؟!
بىردەمدىن كېيىن ساندۇق ئۈستىدىكى نەرسىلەر ئېلىنىپ ساندۇق ئېچىلدى . خانقىز  ساندۇق يېنىدا ماڭا قاراپ تۇرۇپتۇ . بېشىمنى كۆتۈرۈپ بېلىمنى رۇسلاي دېسەم پەقەتلا رۇسلىيالمىدىم . بىردەم مىدىرلاپ ساندۇقنىڭ گىرۋىكىنى تۇتۇپ ئۆرە بولدۇممۇ يەنە يىقىلىپ چۈشتۈم . خانقىز بۇ ھالىمنى كۆرۈپ قولۇمدىن تارتىشقا باشلىدى . شۇ چاغدا ئۇنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولساممۇ بىر غەزەپ بىلەن جان كىرىپ ئۇنىڭ قولىنى سىلكىپ ئىتتىرىۋەتتىم - دە ، ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم . ئىشىك يېنىغا بارغاندا ئۇ نومۇس قىلماي « بەك سەت تۇردى . بىر كۈنى كۆڭلىڭىزنى ئېلىپ قويارمەن خاپا بولماڭ ھە !» دېمەسمۇ ، ئاغزىمغا تۈكۈرۈكۈمنى يىغىپ « تۈفى ! ئىپلاس » دەپ يۈزىگە تۇكۈرۈۋېتىپ ئىشىكتىن چىقتىم . شۇنىڭدىن بېرى بېلىم ئاغرىيدىغان بولۇپ قالدى ئۇكام .
داۋۇتكامنىڭ قىزىقارلىق ھېكايىسى تۈگىگەندىن كېيىن ئىككىمىز تەڭلا قاقاھلاپ كۈلۈشۈپ كەتتۇق .      
       1999 - يىلى 12 - ئاي


ۋاقتى: 2016-11-24 10:25:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي  توۋا   جاھاندا  مۇنداقمۇ ئىشلار بولىدىكەن  دىسە  .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|Archiver|يانفۇن|يارپ مۇنبىرى ( 新 ICP 备 10001843号-2

GMT+8, 2017-1-20 03:18 , Processed in 0.128320 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed

© 2001-2013 Comsenz Inc. Template By 【 www.Yurtimiz.com 】

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش