يارىپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
全局 页头二级导航栏广告
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: ئەيدىز داۋالاش كېسەل
جەمئىي مىكروبلوگ 974 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 790|ئىنكاس: 2

ئەيدىزنىڭ داۋاسى چىقامۇ؟ ئەنگىلىيە يېڭى داۋالاش ئۇسۇلىنى سىناق ق...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-10-18 23:18:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 10-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى خەۋىرى،  
شىياڭگاڭ «مەدەنىيەت گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەيدىز كېسىلى ھازىرچە داۋاسى يوق كېسەل، شۇڭلاشقا مېدىتسىنادا پەقەت ئارىلاشما دورا ئارقىلىق كېسەللىك ئەھۋالىنى كونترول قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىۋاتىدۇ. بىراق يېقىندا ئەنگىلىيەدىكى ئەڭ داڭلىق بەش ئۇنىۋېرسىتېت ئالىملىرى ئەنگىلىيە خەلق ساغلاملىق مۇلازىمىتى (National Health Service) مەركىزىنىڭ ياردىمى ئاستىدا، ئەيدىز كېسىلىنى داۋالايدىغان يېڭى بىر خىل داۋالاش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئەيدىز كېسىلىنى پۈتۈنلەي داۋالاشتىن ئۈمىد بار ئىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، كېلىنكىدا سىناق قىلىشنى قوبۇل قىلغان تۇنجى ئەيدىز كېسىلى بىمارىنى تەكشۈرگەندە، قېنىدىن ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بايقالمىغان، بىراق ئالىملار يەنە بىر مەزگىل كۆزىتىش ھەمدە بۇرۇنقى ئارىلاشما دورا ئارقىلىق كېسەلنى كونترول قىلىش ئۇسۇلىنى تەڭ قوللىنىش ئارقىلىق، كېسەللىك ئەھۋالىنى ۋە بىمارنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالىنى مۇقىملاشتۇرىدىكەن.
خەۋەر قىلىنىشىچە، ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن ئىممۇنلۇق ھۈجەيرىنى يۇقۇملاندۇرىدىغان بولۇپ، ئادەم بەدىنىنى كېسەل زاۋۇتىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدىكەن. ھازىر بۇ خىل ئەھۋالغا ئارىلاشما دورا ئارقىلىق كېسەللىك ئەھۋالىنى مەلۇم باسقۇچتا كونترول قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدىغان بولسىمۇ، بىراق بەدەن ئىچىگە يوشۇرۇنىۋالغان ۋىرۇسنى پۈتۈنلەي چىقىرىپ تاشلاش مېدىتسىنا ساھەسىدىكى ئەڭ قىيىن مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
يېقىندا ئەنگىلىيە ئوكىسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى (Oxford)، كامبىرج ئۇنىۋېرسىتېتى (Cambridge)، لوندون ئىمپىرىيە ئىنىستىتۇتى (Imperial College London)، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى (University College London) ۋە لوندون پادىشاھ ئىنىستىتۇتى (King's College London) قاتارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلار ھەمكارلىشىپ، يېڭى بىر خىل داۋالاش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، دەسلەپتە ئەيدىز كېسىلى بىمارىغا ۋاكسىنا ئەملىگەن ۋە بۇ ئارقىلىق ئىممۇنت سىستېمىسىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتكەن، ئاندىن يەنە دورا ئارقىلىق يوشۇرۇنىۋالغان ئەيدىز ۋىرۇسىنى كۈچەيتكەن، ئاخىرىدا ئاشكارا ھالدا ئۆتكەن ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئىممۇنت ھۈجەيرىسى ئارقىلىق ئۆلتۈرگەن.
لوندون پادىشاھ ئىنىستىتۇتى ئىچكى كېسەللەر بۆلۈم مەسلىھەتچى دوختۇرى فېتلېر (Fettler) مۇنداق دېدى، كەلگۈسى بەش يىلدا تېخىمۇ كۆپ سىناق ئېلىش ئارقىلىق بۇ يېڭى داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ ئۈنۈمى مۇقىملاشتۇرىلىدۇ، بىراق بىز ھازىر مېدىتسىنادىكى ئارلاشما دورا داۋالاش ئۇسۇلىنى ۋاقتىنچە توختىتىپ قويماسلىققا دەۋەت قىلىمىز. كەلگۈسىدە يېڭى داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ ئۈنۈمى مۇقىملاشتۇرۇلغاندا، ئەيدىز كېسىلىنى پۈتۈنلەي داۋالىغىلى بولىدىغانلىقى مۇقىملاشتۇرۇلغاندا ئاندىن ئارىلاشما دورا داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلسە بولىدۇ.
يېڭى داۋالاش ئۇسۇلى سىنىقىنى قوبۇل قىلغان ئەيدىز كېسىلى بىمارى مۇنداق دېدى، ئەگەر ماڭا ئېلىپ بېرىلغان سىناق دۇنيادىكى ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرىنى پۈتۈنلەي ساقايىتىشقا ياردەم بېرەلىسە، مەن بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇشال بولغان بولاتتىم.


ۋاقتى: 2016-10-20 10:37:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى خەۋەر ئىكەن، تېزراق دورىسى چىققان بولسا، ئۇنۈملۈك داۋالاش ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولسا بەك ياخشى بولاتتىكەن.
ۋاقتى: 2016-12-22 19:14:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىلك كۈچۈرۈش ئوپىرىتاتسىيەسى قىلسا ئەيدىز ۋىروسىدىن قۇتۇلغىلى بولامدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|Archiver|يانفۇن|يارپ مۇنبىرى ( 新 ICP 备 10001843号-2

GMT+8, 2017-2-26 11:40 , Processed in 0.125082 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed

© 2001-2013 Comsenz Inc. Template By 【 www.Yurtimiz.com 】

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش