يارىپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: ئەيدىز داۋالاش كېسەل
جەمئىي مىكروبلوگ 974 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 223|ئىنكاس: 0

شۈكرانى: ھاراقكەش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-10-18 15:05:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
                  ھاراقكەش
                            (ساتىرا)


زۇنۇنجان مەمتىمىن شۈكرانى



بارلىقىنى ھاراققا سېتىۋەتكەن ھاراقكەش،
ئ‍ۆزلىرىنى زابويغا قېتىۋەتكەن ھاراقكەش.

بوتۇلكىدا كەسكەنمۇ كىندىكىڭنى، بىلمىدىم،
ھاراقنىڭلا ئ‍وتىدا يېنىۋەتكەن ھاراقكەش.

ھاراق دېگەن ئ‍ىبلىسنىڭ بۇرادىرى، ئ‍ەلچىسى،
ئ‍ۆزنى شەيتان قوينىغا ئ‍ېتىۋەتكەن ھاراقكەش.

ئ‍اناڭمۇ شۇ داداڭمۇ، ئ‍ايالىڭ شۇ بالاڭ شۇ...
ھاراق ئۈچۈن ھەممىدىن چېنىۋەتكەن ھاراقكەش.

  خازان قىلىپ ياشلىقنى، ئ‍ېكەك سېلىپ جېنىڭغا-
سەن ھاياتقا نىمانچە قېنىۋەتكەن ھاراقكەش؟!

نەسىھەتسىز قالمىدىڭ، تېخى  ۋەدەڭ كەم ئ‍ەمەس،
ھەپتە ئ‍ۆتمەي ۋەدىدىن تېنىۋەتكەن ھاراقكەش.

مەس-ئەلەس بوپ، نەچچە رەت ئ‍ۆيىمغۇ بۇ دەپ قىلىپ،
ئ‍ېشەك بىلەن ئ‍ېغىلدا يېتىۋەتكەن ھاراقكەش.

داغدام يولدا يۈرەلمەي، ھايات پەيزى سۈرەلمەي،
ھالاكەتكە يولىنى چېتىۋەتكەن ھاراقكەش.

  رومكىسىدىن ھاياتنىڭ،  قەدىرسىزلا، بىمەھەل،
تاۋۇتىغا تامچىلاپ تېمىۋەتكەن ھاراقكەش!



2-ئاۋغۇست



كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|Archiver|يانفۇن|يارپ مۇنبىرى ( 新 ICP 备 10001843号-2

GMT+8, 2017-1-20 03:21 , Processed in 0.118205 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed

© 2001-2013 Comsenz Inc. Template By 【 www.Yurtimiz.com 】

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش