يارىپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
全局 页头二级导航栏广告
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: ئەيدىز داۋالاش كېسەل
جەمئىي مىكروبلوگ 974 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 270|ئىنكاس: 0

ئۆزەمنى قوغداپ ئەيدىزدىن يىراق تۇرىمەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۆزەمنى قوغداپ ئەيدىزدىن يىراق تۇرىمەن


دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، ئىتتىپاق مەركىزى كومىتېتى، گوۋۇيۇەن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسى يېتەكچىلىك قىلغان؛ جۇڭگو جىنسى-ئەيدىز كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەمىيىتى، جۇڭگو ساغلاملىق تەربىيەسى مەركىزى، ئىتتىپاق مەركىزى كومىتېتى ھوقۇق-مەنپەئەت بۆلۈمى، جۇڭگو ئالى مائارىپ ئىلمىي جەمىيىتى ئويۇشتۇرغان؛ شىنجاڭ ئۈنۋېرىستېتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسى ھەمكارلاشقان؛ "ياشلىق باھارىمغا ئۆزەم ئىگە بولىمەن" تېمىسىدىكى 2015-2016-يىللىق قىزىل لىنتا ياشلىق باھارى مەكتەپ ھەركىتى پائالىيىتى 2016-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچتە شىنجاڭ ئۈنۋېرىستېتىدا ئۆتكۈزۈلدى.





جۇڭگو جىنسى-ئەيدىز كېسىلى جەمىيىتىنىڭ باش كاتىپى ۋاڭ شىنلۇن خانىم تەبرىك سۆزى قىلدى.
بۇ قېتىمقى "ئۆزەمنى قوغداپ ئەيدىزدىن يىراق تۇرىمەن" تېمىسىدىكى سۆھبەتكە مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ئېنگىلىز تىلى قانىلىنىڭ رىياسەتچىسى تىيەن ۋېي رىياسەتچىلىك قىلىپ، بېيجىڭ زۇئەن دوختۇرخانىسى جىنسى-ئەيدىز كېسەل ئامبۇلاتۇرىيىسىدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان سۈن لىجۇن خانىم ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق سەھىيە –پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ كۈزەتكۈچىسى ۋاڭ شاۋخۇا بىلەن سۇئال-جاۋاپ شەكلىدە ئېلىپ بېرىلدى.


ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرىغا نىسبەتەن جەمىيەتتىكىلەرنىڭ چۈشەنچىسى قانداق، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن يەنە داۋاملىق ئارىلىشىشقا بولامدۇ-يوق، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار قانچىلىك ياشىيالايدۇ، دېگەن مەزمۇندىكى سۇئاللار توغرىسىدا ئورتاقلىشىش ئېلىپ بېرىلىپ، ئەيدىزدىن يىراق تۇرۇش ئۈچۈن گاندۇن ئىشلىتىش ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا قۇيۇلۇپ تەكىتلەندى. ماشىنىغا چىققانلار زىيان-زەخمەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بىخەتەرلىك تاسمىسى (بىزىندە) تاقىشى كېرەك بولغاندەك، جىنسى ئالاقە ئارقىلىق تارقىلىشى ھەممىدىن مۇھىم ھالەتكە يەتكەن ئەيدىزدىن ساقلىنىش ئۈچۈنمۇ، بىخەتەرلىك قاپچۇقى (گاندۇن) ئىشلىتىشنىڭ زۆرۈرلىكى بۈگۈنكى سۆھبەتنىڭ مۇھىم ھالقىسىغا ئايلاندى.




بۇ قېتىمقى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش پائالىيىتىگە يەنە ئادىل مىجىت بىلەن گاۋ جەنشىندىن ئىبارەت ئىككى داڭلىق سەنئەتكارلارمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
ئادىل مىجىت خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە ئىككى تىلدا رايۇنىمىزنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى توغرىسىدا قىممەتلىك پىكىر بايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئوبراز ۋاكالەتچىسى بولغانلىقى، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات پائالىيىتىنى ئالى مەكتەپلەردە ھەم ھەرقايسى يۇرتلاردىكى يېزا-بازارلاردا تېخىمۇ كۈچەيتىپ كەڭ قانات يايدۇرۇشنىڭ ناھايىتى زۆرۈرلىكىنى مۇھىم ئورۇنغا قۇيۇپ تەكىتلىدى.







كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|Archiver|يانفۇن|يارپ مۇنبىرى ( 新 ICP 备 10001843号-2

GMT+8, 2017-1-20 03:22 , Processed in 0.122900 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed

© 2001-2013 Comsenz Inc. Template By 【 www.Yurtimiz.com 】

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش