يارىپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
全局 页头二级导航栏广告
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: ئەيدىز داۋالاش كېسەل
جەمئىي مىكروبلوگ 974 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1215|ئىنكاس: 15

مەسلەھەت سورايمەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-10-4 22:59:42 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار، بەش ئاي بورۇن مەلۇم بىر ساتراچخانىغا كىرىپ ساقال ئالدۇرغان ئىدىم، يىڭى تىغ ئالماشتۇرغان ئىدى، ئىڭىكىمنى شۇنداق سەت قىرىپ تىرەمنى سۇيىۋىتىپتۇ، شۇنىڭدىن باشلاپ ئەيدىزدىن قورقۇشقا باشلىدىم، مەن مۇشۇ كەمگىچە ئايالىمدىن باشقا قىزلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلىپ باقمىغان، 34ياشقا كىردىم، ھەم دۆلەت كادىرى، بۇ ئىشنى ئايالىمغا دىسەم خىيالىغا كىرىپ چىخمىدى، بىللە بولمايلى دىسەم يوق ئىشنى تاپدىكەنسەن دەپ كۈزۈمگە كىرۋالدى، شۇ ئىشتىن كىيىن 2 ھەپتىدىن باشلاپ توختىماي 170 كۈنگىچە تەكشۈرتۈپ كەلدىم، ھەممسى ساق، تەكشۈرتكۈنۈمنى ئايالىم بىلسە نىمىشقا تەكشۈرتىسەن دەپ ئۈرۈشۇپ كىتىپ بارىدۇ، شۇنۇڭدىن باشلاپ ئايالىم توختىماي زۇكامدايدۇ، مىنىڭ ئىككى يۇتام توختماي ئاغرىيدۇ ھەم ئەسۋە زۇكام ھەممىسى چىقتى. ئىنتايىن چىرايلىق ئىككى قىزىم بار ئىدى، مىنڭ ئەخلاقىم ئىنتايىن ياخشى، ھازىر قورقۇنۇچ ئىچىدە توختىماي تاماكا چىكىمەن. مەسلەھەت بەرگەن بولساڭلار، ئىمونىت كۈچۈم ئەزەلدىن تۈۋەن ئىدى، ئىنتايىن بەخىتلىك ئائىلەم بار ئىدى. ھەي، قانداق قىلسام بۇلار، يەنە تەكشۈرۈتسەم بۇلارمۇ ياكى…


ۋاقتى: 2016-10-15 18:38:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دەردى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-10-15 18:40  

يىڭى تىغ ئالماشتۇرغان ئىدى،  دەپسىز ، ھەم ئالماشتۇرمىغان تىغ بولغاندىمۇ ئەيدىز بىمارىغا ئىشلەتمىگەن بولسا  سىزنىڭ گۇمانلىنىشىڭىز ئارتۇقچە - يېڭى تىغنى ئالماشتۇرغان بولسا ئۇ نەس كېسەلدىن گۇمانلىنىش  تىخىمۇ ھاجەتسىز ، كاللىڭىزغا كىرگۇزىۋالماي خاتىرجەم خىزمىتىڭىزنى قىلىۋىرىڭ ، بەك ئەنسىرىسىڭىز بىر مەزگىلدىن كېيىن قايتا تەكشۈرتىپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ ، مىنىڭچە سىز يۇقۇملانمىدىڭىز . - دەردى
ۋاقتى: 2016-10-20 12:00:03 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
7 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم يارىپ مۇنبىردىكى ئ‍ەزىز قىرىنداشلار ھەممىڭلارنىڭ مۇشۇ ۋاقتى خەيىرلىك بولسۇن ،مەن  بۇ يىل يەنى 7-ئ‍اينىڭ 17-كۈنى چەكلەنگەن مىۋىنى يەپ سالغانتىم شۇ كۈنىلام بەك پۇشايمان قىلدىم  ئ‍ەيدىز بوپ قالامەنمۇ دەپ ئ‍ەمەس شۇ ھارام ئ‍ىشنى نىمىشا قىپ سالغاندىمەن دەپ پۇشايمان قىپ يۈرەتتىم شۇ ئ‍ىشنى قىلپ بىرە ئ‍ايچە بولغان ۋاقىتتىغۇ دەيمەن تۇيۇقسىز زۇكامداپ،ئ‍ۇ ئ‍ىشنى قىلىشتىن بۇرۇنمۇ ئ‍ۆزەمدە بۇرۇن ياللۇغى بولغاچ ھە دىسىلا تۇمۇقىغاندەك بۇرنۇمدىن سۇ ئ‍ىقىپ چۈشكرۈپلا تۇراتتىم،   بىشىم قىيىم  كۆڭلۈم ئ‍ىلىشىپ شۇنىڭ بىلەن بولالماي شەھىرىمىزدىكى چوڭ دۇختۇرخانىغا بىرىپ تەكشۈرتسەم قىزىل قىنىڭ ئ‍ۆرلەپ كىتىپتۇ دەپ بىر ھەپتە بالنىستقا ئ‍الدى ،بالنىستا يىتىش جەريانىدا ئ‍ەيدىزنى تەكشۈرتسەم ساق چىقتىم شۇ مەزگىل ساق بىر ئ‍اي بولغان مەزگىل ئ‍ىدى ، ئ‍ۇ يەردىن خىلە ساقىيىپ چىقتىم ، بىراق كۈندىن كۈنگە ئ‍ۇ نىجىس كىسەلنى ئ‍ويلاپ كىچىلىرى تەرلەپ ئ‍ۇخلىيالمايدىغان بولۇپ قىلغانل ، توردۇن ئ‍ەيدىز توغۇرلۇق ماتىرياللارنى كۆرۈپ تىخىمۇ يۈرۈگۈم ئ‍ەنسىز سۇقۇشقا باشلىدى ، مەندە قىززىش يوق ئ‍ىدى قالغان ھەممە ئ‍الامەتلەر كۆرۈلدى ئ‍ەڭ قورقۇنۇشلۇق يىرى بەدەنلىرىمنى ئ‍ۇششاق قىزىل نەرسىلەر بىىشقا باشلىدى ، شۇنىڭ بىلەن غەيرەتكە كېلىپ 9-ئ‍اينىڭ 18-كۈنى يەنە تەكشۈرەتتىم ساق چىقتىم ، توردا 6ھەپتە ئ‍ۆتكەندە تەكشۈرتۈپ ساق چىقسىڭىز خاتىرجەم بولسىڭىز بولدۇ دەپ يىزىقلىقكەن لىكىن مەن ئ‍ۆزەمدىكى بۇ ئ‍الامەتلەرگە قاراپ قەتئىي خاتىرجەم بولالمىدىم ، سىلەردىن سۇراپ باقسام دەسلەپتە قىزىل قاننىڭ ئ‍ۆرلىشى ئ‍ەيدىزنىڭ ئ‍الامىتىمۇ ، شۇ ئ‍ىشنى قىلغاندىن تارتىپ كىچە كۈندۈز ئاللاھقا تەۋبە ئ‍ىستىخفار ئ‍ىتىۋاتىمەن ،كۆڭلۈمنىڭ پەقەت ئ‍ارامى يوق كۈنلۈرۈم ۋەھىمە ئ‍ىچىدە ئ‍ۆتىۋاتماقتا  ، مىنىڭ ئ‍ىلگىرى ئ‍ەيدىز توغۇرلۇق بىلىمىم راسلا كەمچىلكەن مەن بۇلارنى مۇشۇ مۇنبەرگە كىرىپ ئ‍اندىن بىلدىم توۋۋا بۇرۇنراق مۇشۇ مۇنبەرلەنى كۆرۈپ باقسام بولمامدۇ ھە ، ئ‍ەگەر بۇرۇن بۇ مۇنبەردىكىلەرنى كۆرگەن بولسام ھەرگىز ئ‍ۇ قەدەمنى باسماس بولغان بولاتتىم، قەلبىمدە مىڭبىر پۇشايمان  ھەتتاكى بۇرۇن نۇر تورىدىكى باشقا مەزمۇنلارنى كۆرۈپ ئ‍ەيدىز توغۇرلۇق مەزمۇنلارنى كۆرمەپتىكەنمەن كۆز ئ‍الدىمدا تۇرسىمۇ مەن ھەقىقەتەن دۆتكەنمەن… تۈنۈگۈن 10-ئ‍اينىڭ 18-كۈنى نەق ئ‍ۈچ ئ‍اي بولغان ئ‍ىدى مەن يەنە تەكشۈتتۈم نەتىجىسىنى ئ‍ەتە چۈشتىن چىقىدۇ دىگەنتى مانا ئ‍ەتىمۇ كەلدى بۈگۈن چۈشتىن كېيىن نەتىجىسىنى ئ‍الغىلى بارىمەن ، ئ‍اللاھ خالىسا ، ساق چىققاي دەۋاتىمەن كۆپچىلىك ماڭا دۇئا قىپ قويساڭلا ،  مەن قىلغانلىرىمغا ھەقىقەتەن پۇشايمان قىلدىم … مىنىڭ ئ‍ايالىم 4ياشقا كىرگەن بالام بار توۋۋا نىمىشقىمۇ شۇ ئ‍ىشنى قىلغاندىمەن توۋۋا … قالغىنى ئاللاھقا ئ‍امانەت  ئۈزەمنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم قىرىنداشلار …
ۋاقتى: 2016-10-20 12:00:40 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھقا شۈكرى ، بۈگۈنمۇ يوق دەپ چىقتى ، سىلەردىن سۇراپ باقسام مىنىڭ بۇ قىتىمقى تەكشۈرتۈشۈم ئ‍ۈچ ئ‍اي توشقاندا تەكشۈرتۈشۈم ئ‍ىدى ، ئ‍ەمدى تەكشۈرتمىسەممۇ بولامدۇ ماڭا ئ‍ىنىق جاۋاپ بەرگەن بولساڭلا قىرىنداشلىرىم
ۋاقتى: 2016-10-21 18:48:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك قورقۇپ  كەتمەڭ سىز بىلەن مۇناسىۋەت قىلغان ئادەمنىڭ ئاشۇنداق كېسىلى بولمىسىلا ئەنسىرەش ھاجەتسىز ، شۇنداقتىمۇ بۇندىن كېيىن ئۇنداق « چەكلەنگەن مىۋىنى » يېمەڭ ،  گۇماندىن ساقىت بولاي دېسىڭىز بىر مەزگىلدىن كېيىن يەنە تەكشۇرتىپ بىقىڭ
ۋاقتى: 2016-10-21 19:06:19 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ﯧﺒﻮﻻ ﯞﺍﻛﺴﯩﻨﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ    ﺋﻮﺗﺘﺎﯞﺍ ﺳﻪﻳﺸﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﺎﻧﺎﺩﺍ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﺒﻮﻻ ﯞﯨﺮﯗﺳﯩﻨﻰ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯧﺰﻻ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻠﯘﻕ ﻛﯩﻠﯩﻨﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﺳﯩﻨﺎﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺟﺎﻛﺎﺭﻟﯩﺪﻯ, ﺑﯘ ﯞﺍﻛﺴﯩﻨﺎ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺳﻪﮪﯩﻴﻪ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﺒﻮﻻ ﯞﯨﺮﯗﺳﯩﻐﺎ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﺍﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﯞﺍﻛﺴﯩﻨﺎ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻟﺪﻯ. ﯞﺍﻛﺴﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻛﻠﯩﻜﻰ 11-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﻮﺗﺘﺎﯞﺍﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻥ ﭘﯧﺪﺍﺋﯩﻴﻨﯩﯔ ﺗﯧﻨﯩﺪﻩ ﺳﯩﻨﺎﻕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﮪﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺑﺎﻳﺎﻧﺎﺗﺘﺎ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯧﻠﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﺳﯩﻨﮕﺎﻟﺪﺍ ﺳﯩﻨﺎﻕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ. ﺳﯩﻨﺎﻕ ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﻣﯧﺮﻙ ﺩﻭﺭﺍ ﻳﺎﺳﺎﺵ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﮪﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻘﯩﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺑﺎﺵ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﻰ Cecile Tremblay ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ: «ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯧﺒﻮﻻ ﯞﯨﺮﯗﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: HIV ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯧﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻛﻠﯜﻛﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﮪﯩﻢ. ﺑﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﻰ ﯞﯨﺮﯗﺱ ﺷﯩﺪﺩﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﺋﻪﯓ ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ, ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻤﻤﯘﻧﯩﺘﯧﺖ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﺑﯘﺯﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ». ﺋﯧﺒﻮﻻ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﺗﻪﻥ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﮪﻪﻣﺪﻩ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺋﺎﻏﺮﯨﺶ, ﻗﯘﺳﯘﺵ, ﺋﯩﭽﻰ ﺳﯜﺭﯛﺵ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﺎﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.  ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺳﻪﮪﯩﻴﻪ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ, ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﭽﻪ ﮪﺎﻳﺎﺕ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ %50 ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ, ﺋﻪﻣﻤﺎ ﯞﯨﺮﯗﺱ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯧﺒﻮﻻ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ %90 ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﯜﺷﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ. 2014-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﯩﺪﺍ 11000 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﯜﺷﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ.  2015-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻗﻪﺩﻩﻣﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻘﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ, ﺋﯧﺒﻮﻻ ﯞﯨﺮﯗﺳﯩﻨﯩﯔ ﯞﺍﻛﺴﯩﻨﯩﺴﯩﻰ ﺋﻪﯓ ﺩﻩﺳﻠﻪﭖ ﻛﺎﻧﺎﺩﺍ ﺋﺎﻣﻤﯩﯟﻯ ﺳﻪﮪﯩﻴﻪ ﺋﻮﺭﮔﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﮔﯟﯨﻨﯩﻴﻪﺩﯨﻜﻰ ﻧﻪﻕ ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺴﯩﺪﻩ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻨﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﻗﻮﻏﺪﯨﻐﺎﻥ.  ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﮊﯗﺭﻧﺎﻝ «ﺳﯚﮔﻪﺕ ﻳﻮﭘﯘﺭﻣﯩﻘﯩﺴﯩﻤﺎﻥ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪ ﭘﯩﭽﯩﻘﻰ»ﺩﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺳﻪﮪﯩﻴﻪ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ «ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻟﻰ ﭘﺎﺭﻻﻕ» ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ.  ﺏ ﺩ ﺕ ﺳﻪﮪﯩﻴﻪ ﺋﻮﺭﮔﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺑﺎﻳﺎﻧﺘﯩﺪﺍ «ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺋﯧﺒﻮﻻ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﯞﺍﻛﺴﯩﻨﯩﺴﯩﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺸﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ» ﺩﯦﻴﯩﻠﺪﻯ.  ﻛﺎﻧﺎﺩﺍ ﮪﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ «ﺑﯘ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺑﯘ ﻳﯩﻞ ﻛﯜﺯﺩﻩ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ» ﺩﯦﺪﻯ.
ۋاقتى: 2016-10-21 19:07:02 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارشى تەرەپ ماڭا سەل گۇمانلىق بىلىنىپ قالدى،
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-10-22 02:55:49 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىلدىغاننى قىۋىلىپلا ئەتىسىدىن باشلاپ قورقۇپ يۈرۈيدىكەن،قىلىشتىن بۇرۇن ھىچنىمىنى بىلمەيدۇ،ئەتىسىدىن باشلاپ ئەيدىز ئىسىگە كىلىدۇ،ھەي توۋا
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-10-22 03:32:28 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە ئەخشاش مەسۇلىيەتسىز ئادەملەرنىڭ كاساپىىتدىن ئەيدىز توختىماي يامراۋاتىدۇ،ماڭا ئوخشاش ئىككى بالىغا ئاتا بولغان خۇتۇنىدىن باشقا قىزلارنىڭ قۇلىنىڭ ئۇچىنى تۇتۇپ باقمىغان ھەم تۇتمايدىغان ئادەمنىڭ ساتىراچخانىدا ساقال ئالدۇرۇپ ئىڭەكنى كەستۈرۈپ ئەيدىز ۋەھىمىسگە چۈشۈپ قېلىشىمغىمۇ سىلەردەك ھالال خۇتۇن باللىرنى بۇيۇن قىستۇرۇپ قۇيۇپ سىرىتتا مەينەت ئىشەكلىگە پۇل خەشلەپ  بەش مىنۇتلۇق ھاۋايى ھەۋەسكە ئەيدىزنى تىگىشىپ ئۇنى بىگۇنا خۇتىنىغا  يۇقتۇرۇپ ئۇنى قان ۋە باشقا يول ئارقىلىق سىرىتتكى بىگۇنا كىشلەرگە يۇقتۇردىغان سىزگە ئوخشاش ساپاسىز مەسۇلىيەت تۇيغىسى( ئەدەملەر)  سەۋەپچى، گىپىپ ئېغىر كەتسىمۇ خاپا بولماي ئويلىنىپ بېقىڭ،             پ
ۋاقتى: 2016-10-22 11:04:54 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز دىمىسىڭىزمۇ قىرىندىشىم ھەقىقەتەن بەك پۇشايماندا مەن ھازىر،  ئ‍ەيدىز ۋەھىمىسى چۈشمەستىن بۇرۇن شۇ نىجىس ئ‍ىشنى قىلغىنىمغا ئىنتايىن پۇشايمان قىلغانتىم ھەي …
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|Archiver|يانفۇن|يارپ مۇنبىرى ( 新 ICP 备 10001843号-2

GMT+8, 2017-2-26 11:34 , Processed in 0.137061 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed

© 2001-2013 Comsenz Inc. Template By 【 www.Yurtimiz.com 】

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش