يارىپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
全局 页头二级导航栏广告
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: ئەيدىز داۋالاش كېسەل
جەمئىي مىكروبلوگ 974 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1201|ئىنكاس: 1

پەقەت بىرلا قېتىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
رەھىمە ئابدۇراھمان  

                                           پەقەت بىرلا قېتىم


u=2487905828,1071591781&fm=21&gp=0.jpg

ھېكايە

دۇكانغا مال چۈشۈرۈپ بەكمۇ چاراپ كەتكەن ئالىم، دۇكاننى تاقاپ ھارغىن ھالدا توكسېكىلىتىنى ئالدىرىماي ھەيدەپ ئۆيگە قاراپ ماڭدى. ئۆيدە ئادەم بولمىسا نېمە دېگەن زىركىشلىك. قېيىنئاپاممۇ-زە «ئىككى ئارىلىق بولۇپ قالىمەن دەپ ھەم ئىككىنچى تۇغۇتى بولسىمۇ ئۆزەملا باقاي، سىز ئانىسىنى باققان بىلەن بالىغا قارالمايسىز بالام» دەپ مەريەمنى ئەكەتمىگەن بولسا، بۇ توكسېكىلىت ئۆيگە قاراپ ئۇچقان بولاتتى ھېي! چۈشتە تاماققا بارمىغان بولسام ھازىر شۇ ياققىلا بارغان بولاتتىم، بېرىۋېرەي دېسەم سەت تۇرارممۇ دەپ خىجىل بولغان. يېڭى تۇغۇلغان ئوغلۇم، گېپى چۈچۈك قىزىمنى ئويلىسام يۈرەكلىرىم ئېيتىشىپ كېتىدىكەن دېگەن خىياللاردا ئۆيگە كېلىپ قالغان ئالىم، چاي قاينىتىپ ئىچىپ بولۇپ بوران ئۇچۇپ تۇرغان ئۆيدا ئولتۇرغۇسى كەلمىدى. ئۇ ئىشىكىنى تاقاپ، نىشانسىز ھالدا كۆچا ئايلىنىپ ماڭدى. ئۇ ماڭا-ماڭە ناھىيە سىرتىغا چىقىپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ پۇتلىرى كالۋالىشىپ كېتىۋاندەك ماغدۇرسىز، بۇيۇنلىرى قېتىپ ئاغرىپ تۇراتتى. ئۇ يول ياقىسىدىكى بىر قاتار ساتىراشخانلاردا ئون سوم بەرسە ئۇۋلاپ قويدىغان مۇلازىمەتنىڭمۇ بارلىقىنى ئاغىنىلىردىن كۆپ ئاڭلىغان، لېكىن بىر قېتىممۇ كىرىپ باقمىغان ئىدى، بۈگۈنكى چارچاش ئۇنى بىر قەدەم بىر قەدەمدىن ساتىراچخانىلار تەرەپكە ئېلىپ كەلگەن ئىدى.
ئۇ يېرىم كېچىدە ئۆيگە قايتىپ كەلدى. پۇت قوللىرى ئېغىر يۇك ئارتىۋالغاندەك ئېغىرلىشىپ كەتكەن ئىدى. ئالىم مۇنچىدا پاكىز بولمايۋاتقاندەك شۇنچىك ئۇزۇندىن ئۇزۇن يۇيۇندى، «ساراڭ بولدىممۇ نېمە؟ ھەي مەن قانداق بولۇپ بۇ ئىشنى قىلدىم. ئۇ ئالۋاستىلار ماڭا ئەپسۇن ئۇقىدىمۇ قانداق، ھېلىقى تەملىك دەملەنگەن چېيىدا بىرەر ئويۇن بارمۇ قانداق» ئۆز-ئۆزىگە كايىيتى. ئۇ قاتتىق گۈناكار ئادەمدەك ئايالى مەريەمنى، تاتلىق بالىلىرىنى كۆرۈشكە خىجىل بولغاندەك، يۇز كېلەلمەيدىغان ئىش قىلغاندەك، قېينئاپىسىنىڭ ئۆيىگىمۇ بېرىشقا پېتىنالماي قالغان ئىدى. ئىچىنى قانداقتۇر بىر قۇرت يەپ كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى. قورۇققانغا قوش كۆرۈنۈپتۇ دېگەندەك، نەچچە كۈن ئۆتۈپلا ناھىيىلىك تېلىۋېزىيە خەۋىرىدە، ئۇ قايسى كۈنى بارغان ساتىراشخانلارنىڭ مېھمان كۈتۈشتەك قانۇنسىز قىلمىشى پاش قىلىنغانلىقىنى، ساتىراشخانىلار پېچەتلىنىپ، مۇلازىملاردا يۇقۇملىق كېسەل ۋېرۇسى بار دېگەن گۇماندا تەكشۈرلىۋاتقانقانلىق خەۋىرىنى كۆرۈپ تەنلىرى شۇركىنىپ سوغۇق تەر چىقىپ كەتتى، كاللىسىغا كەلگەن ئەنسىز خىيالدىن ئۆزىمۇ قۇرقۇپ كەتتى ھەم «پەقەت بىرلا قېتىمغۇ مۇمكىن ئەمەس» دەپ ئۆز ئۆزىنى تىنچلاندۇردى.
ئۇ ئىشلار ۋاقىت ئوتكەنسىرى سۇغا چۈشكەن كۆپۈكتەك ئۇنتۇلۇپ كېتىلگەن ئىدى، ئالىم تىرىشىپ ئىگىلىك يارىتىپ ھال كۈنىمۇ ياخشى بولۇپ خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۋاتقاندا، ئاخىرى قورۇققان يەردە جىن بار دېگەندەك، ئالتە يىلدىن بۇرۇنقى كۆڭۈل خوشىنىڭ، ياق بىر قېتىملىق ئېزىشنىڭ قاباھەتلىك نەتىجىسى چىقىپ قالدى.
ئالىم يېقىندىن بېرى تولا زۇكامداپ ھالسىزلانغاندەك بولۇپ، بەدەنلىرى ئېغىرلىشىپ، مەريەمنىڭ زورلىشى بىلەن دوختۇرخانىغا كۆرۈنىشكە باردى. دوختۇرخاندىكى قان تەكشۇرۇشتە، ئەيدىزنىڭ ئالامتلىرى بايقالغان ھامان، دوختۇخانا تىزلىك بىلەن يۇقۇملۇق كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتىغا ئۇقتۇرۇش قىلغان ئىدى. يۇقۇملۇق كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتىدىكى خادىملار ئۇنىڭغا كېسەللىك ئاھۋالىنى ئۇقتۇرغاندا، ئۇنىڭ كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ، ئورۇندۇقتىن يىقىلىپ كەتكىلى تاس قالغان ئىدى. دوختۇرنىڭ :
-ئۆيدىكىلەرنىمۇ ئەكىلىپ قەرەللىك تەكشۇرتىڭ، دېگەن ئاخىرىقى گېپىدىن تەنلىرى شۈركۈنۈپ كەتتى. مۇمكىنمۇ دېدى ئۇ دوختۇرنىىڭ دېئاگۈنىزىغا ئىشەنمىگەن ھالدا، مەن «پەقەت بىرلا قېتىم» ئېزىپ، ئۆيدىكىلەرگە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشنى قىلغان.
دوخۇر:
- قاننىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ ئاكا، بۇ كېسەل بىر قېتىمدا يۇقمايدۇ دېيەلمەيمىز، ئېمۇنۇت كۈچى ئاجىز بولسا يۇقۇملىنىشى تىز بولىدۇ. ..
ئۇنىڭ قۇلىقىغا دوختۇرنىڭ گېپى كىرمەيتتى، بىرسى پېقىرىتىپ قويۋەتكەندەك كىچىككىنە ئىشخانا توختىماي پېىقىرايتى.
ئۇ مەس ئادەمدەك دەلدۇگۈنۈپ، ماشىنىسىغا چىقىپ ئولتۇردى. قۇلاق تۈۋۋىدە «ئەيدىز ۋېرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپسىز، دېگەن شىددەتلىك ئاۋاز »توختىماي ئاڭلىناتتى. ئۇ ماشىنىسىى ئېغىر ھەركەتتە ئالدۇرۈپ ھەيدەپ ناھيە سىرتىدكى داۋاملىق بالىلىرىنى ئېلىپ بېرىپ چۈگىلىتىپ كېلىدىغان، ئېچىش تەرەققىياتنىڭ قەدىمى يەتمىگەن، تەبئىي پېتى ساقلىنىپ قالغان كۆل بويىغا باردى. ئۇ بىشىنى قامالاپ قاتتىق يىغلىدى. ئۇ كۆلگە چۈشۈپ كىچىك ۋاقتىدىكىدەك سۇغا شۇڭغۇپ پۇتۇن مەينەتچلىكىنى كۆل سۇيىدە يۇيۋەتمەكچىمۇ بولدى-يۇ يالتايدى. ھەي! كۆل سەن بولساڭمۇ بۇلغانما، مەن سېنى بۇلغىسام بولمايدۇ دەپ كەينىگە قايتتى، مۇلايىم، يۇۋاش ئايالى بالىلىرى كۆز ئالدىغا كېلىۋېلىپ قاتتىق ئازاپلىناتتى. بۇ كېسەل مەن بىلەن كەتسۇن، مەريەم بالىلار ئۈچۈن بولسىمۇ ساغلاپ بولىشى كېرەك، مەن نېمىشقا راك كېسلى بولمىدىم، نېمشقا ماشىنام سوقۇلاپ ياكى تاغ غولاپ ئاستىدا قالمىدىم، ئايالىم بالىلىرىمغا نېمە دەيمەن؟ ئۇلار مېنى نېمە دەپ چۈشۈنۈپ قالىدۇ؟ مەن ئۆزەمنى مۇشۇ كۆل سۇيىدە ياق پۇتۇن دۇنيادىكى دېڭىز-ئوكياننىڭ سۇيىدا يۇيساممۇ پاكىز بولالمايمەن. ئۆزەمنى ئاقلىشىم مۇمكىن ئەمەس، ئاھ، خۇدا! ماڭا نېمە كۈنلەرنى كۆرسىتىۋاتىسەن. بۇ چاقچاقمۇ، بۇ چۈشۈممۇ. مەن نەچچە يىلدىن بىرى جاپا تارتىپ ئىگىلىك تىكلەپ، ئەمدى راھەت كۆرىدىغان چاغدا بۇ پاسكىنا كېسەلدە يۇقۇملاندىممۇ؟ مېنىڭ ئاشۇ بىر قېتىملىق ئازغۇنلىقىم بىلەن ئۆزەمنى تۇتىۋالالماسلىقىم ھاياتىمنى- گۈزەل كەلگۈسۈمنى دوغا تىككىنىم بولۇپ قالدىمۇ؟ ئاھ !خۇدا. مەن نېمانچە بىتەلەي، مەن نېمانچە بىچارە ئايالىمنىڭ، بالىلىرىمنىڭ، دوستىرىمنىڭ يۈزىلىرىگە قانداق قارايمەن. ئۇنىڭ يىغىلىرىدىن ئەتراپتىكى ياۋا غازلار چۈچۈشۈپ غاقىلداپ كەتتى. قانچلىك ئۈزۈن يىغلىدى، قانچىلىق ئولتۇردى بىلمەيدۇ. ئۆلىۋېلىش خىياللىمۇ كاللىسىدا چاقماق چاققاندەك پەيدا بولدى. يامغۇر ياقاننىمۇ سەزمەي قالغان ئالىم يانفۇنىڭ توختىماي جىرىڭشىشىدىن ئېسىگە كېلىپ تېلېفۇنى ئالدى. تېلېفۇن ئوغلىدىن كەلگەن ئىدى.
-دادا قەيەرلەردە يۈرىسەن، ئاپام سەندىن ئانسىرەپ كېتىۋاتىدۇ، تىزرەك قايتىپ كەلگىنە. ئالىم كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ ماشىنىسنى ئوت ئالدۇرۇپ، ئىچى-ئىچىدىن ھەسرەتلىك تىنىپ ئۆيگە قاراپ ماڭدى. ئۇ بالىلىرىغا چىدىماي قېلىۋاتاتتى.
ئۆيدە ئايالى مەريەم، ئۇ ئامراق تاماق لەغمەننى ئېتىپ ساقلاپ ئولتۇرغان ئىدى. ئالىم گەپ-سۆزسىز بىشىنى كۆتۈرمەي لەغمەننى يەپ بولۇپ ئورۇنىدىن تۇرماقچى بولۇۋېدى. مەريەم بىر نەچچە تال رەڭلىك تابلىتكا دورىنى ئۇنىڭغا سۇنۇپ قايناقسۇ ئەكىلىپ:
-دورىڭىزنى ۋاقتىدا ئىچىڭ، ئۇنچىۋالا قورقۇپ ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتمەي روھلۇقراق بولۇڭ. بالىلارغا سىز بولمىسڭىز بولمايدۇ، سىز بۇ ئۆينىڭ تۈۋرىكى ھاياتىڭىزنى قەدىرلەڭ، تېخىمۇ ئۈمدلىك بولۇپ ياخشى ياشاڭ...
ئالىم مەريەمگە قاراپ قېتىپ تۇرۇپلا قالدى. مەريەمنىڭ كۆز ئەتراپى قارداپ كەتكەن بولۇپ يىغلىغىنى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى. گەپنىڭ ئاخىرىنى قىلالمىغان مەريەم شىرەنى ئاتلاپ دېگۈدەك ئوتۇپ، ئالىمنىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ كەپتەردەك بۇقۇلداپ يىغلايتتى.
ئالىم ئۆزىنى قويدىغان يەر تاپالمىدى، ئۇنىڭ يۈرىكى قاتتىق ئاغرىپ كەتتى. مەريەم ئالىمنىڭ قان تەكشۈر نەتىجىسىنى دوختۇرغا كۆرسەتكەندە دوختۇر:
- ئالىم نېمىڭىز بولىدۇ؟ سىلەر «يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتى»غا بېرىپ قايتا تەكشۈرۈش قىلىپ بېقىڭلار، ئەيدىزنىڭ ئالامەتلىرى باردەك قىلىدۇ. سىزمۇ تەكشۈرتۈڭ دېگەن چاغدا ئۇ قۇلىقىغا ئېشەنمەي قالدى. يەر يېرىلىپ، ئاسمان كۆمتۈرلۇپ چاقماق چاققاندەك بولۇپ كەتكەن ئىدى. مەريەم ئۆزىنىمۇ قان تەكشۈرتكەن بولۇپ بالىلارنىڭ تەلىيىگە موجىزە يۈز بىرىپ ئۇ يۇقۇملانمىغان ئىىدى. مەريەمگە ئۈزۈك ماس كەلمەي دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن گاندۇن ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان بولغاچقا يۇقۇملانمىغان ئىدى. ئۇ بۇ مۆجىزىدىن خوش بولسىمۇ سۆيۈملۈك يولدىشىنىڭ بۇ نىجىس كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغىنىغا ئېچىنىپ، تۇيدۇرماي ھەسرەتلىك كۆز يېشى قىلىۋاتقىنىغا نەچچە كۈن بولغان ئىدى. ئۇ «يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش پۇنكىتىدىكى»لەرنىڭ «ئېرىڭىزنىڭ يۇقۇملىنىپ قېلىشىنى سىزمۇ قوبۇل قىلماي ئامال يوق. ئېرىڭىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ، ئېرىڭىزنىڭ تېلېفۇن نۇمۇرىنى قالدۇرۇڭ، ئۆزىمىز ئالاقىلىشايلى» دەپ بىر بولاق دورا ھەم نەچچە قاپ گاندۇننى تۇتقۇزۇپ يولغا سالغاندا يۈرىكى پۇچىلىنىپ قان يىغلىغان، ئېيتقۇسىز ئازاپلانغان ئىدى.
ئالىم مەريەمنىڭ يۇقۇملانمىغىنىنى ئاڭلىغاندا «ئاھ خۇدا! قۇدرىتى ئۇلۇغ خۇدا! ئوت ئىچىدە پاختىنى ساقلاپ قاپسەنغۇ، ساڭا يۈزمىڭ تەشەككۈر بالىلىرىم ئۈچۈن مەريەم بولسىمۇ ساق قاپتۇ ساڭا مىڭ رەھمەت».
ئالىم كېچىچە قىززىتىپ جۆلۈيتى. "پەقەت بىرلا قېتىم" ئىدى. پەقەت بىرلا قېتىم. مەريەم ئۇن-تۈنسىز كۆز يېشى قىلىپ ئېرىنىڭ بىشىنى بىلەكلىرىگە ئېلىپ چىڭ قۇچاغلىدى. ئالىم مېھرى-مۇھببەتنىڭ كۈچىنى مانا بۈگۈن ھېس قىلىۋاتقاندەك مەريەمنى بۈگۈن تونۇپ يېتىۋاتقاندەك ئىللىق سىزىم ئۇنىڭ نېرىپلىرىنى سەزگۈرلەشتۇرگەندەك قىلاتتى. ياق، ياق ياشىشىم كېرەك، ھاياتنى تېخىمۇ سۆيۈپ ياشىشىم كېرەك. ئۇ مەريەمنى باغرىغا چىڭ بسىپ تۈرۈپ:
-مېنى كەچۈر، مەن « پەقەت بىر قېتىملا» دەپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى.
بىلىپ بىلمەي قىلىنغان شۇ «پەقەت بىرلا قېتىم» بېشىغا نى-نى ئىشلار كەلگەندە، ئەرلىكىگە ئېلىپ كۆز يېشى قىلمىغان بەردەم ئەرنى، مىڭ قېتىم، ياق بىر ئۆمۈر يىغلىتىپ قويۇشقا كامىل بولغان ئىدى. ھەي ئەپسۇس ئاشۇ «بىرلا قېتىم» قانچىلىغان كشلەرنىڭ بىشىغا چىقىپ ھاياتىنى نابۇت قىلغاندۇ! ! ! .




ۋاقتى: 2016-11-24 10:38:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىسى  بەك قالتىس قويۇلغان ئەسەر ئىكەن .
پەقەت  بىر  قىتىم  نۇرغۇن يامانلىقلارغا  سەۋەپ بولىدۇ  ، پەقەت بىر قىتىملا  زەھەر چىكىپ بىقىش  زەھەرگە خۇمار قىلسا  ، مانا مۇشۇنداق پەقەت بىر قىتىملا  زىنا قىلىش  ئەيدىز بىلەنيۇقۇملۇنۇشقا سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ .
تىمىڭىزغا  رەھمە ت!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|Archiver|يانفۇن|يارپ مۇنبىرى ( 新 ICP 备 10001843号-2

GMT+8, 2017-1-20 03:21 , Processed in 0.138779 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed

© 2001-2013 Comsenz Inc. Template By 【 www.Yurtimiz.com 】

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش