يارىپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: ئەيدىز داۋالاش كېسەل
جەمئىي مىكروبلوگ 974 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1295|ئىنكاس: 3

يارپ تورىنىڭ مەكتەپتىكى زەھەر ۋە ئەيدىز توغرىسىدىكى لېكسىيەسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
612_副本.jpg
624_副本.jpg
2015-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن،  شىنجاڭ ئايال كادىرلار مەكتىۋىدە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن يىغىلغان يۈز نەپەر ئايال كادىرغا زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى توغرىسىدا ناھايىتى ئەھمىيەتلىك لېكسىيە سۆزلەندى. 629_副本.jpg 625_副本.jpg
608_副本.jpg

618_副本.jpg
لېكسىيەدە ئالدى بىلەن  ئىككى قېتىم «مەملىكەت بويىچە ئون چوڭ زەھەر چەكلەش ئەربابى» بولۇپ سايلانغان، يارپ ئامبۇلاتۇرىيىسىنىڭ مەسئۇلى، شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورىنىڭ قۇرغۇچىسى دوختۇر ئەخمەت قۇربان بۇ قېتىمقى لېكسىيەنىڭ قىممىتى بىلەن لېكسىيە سۆزلىگۈچىلەرنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتتى. 622_副本.jpg
   603_副本.jpg
ئاندىن 2013-يىلى «مەملىكەت بويىچە ئون چوڭ زەھەر چەكلەش ئەربابى» بولۇپ سايلانغان، «4-ماي ياشلار مىدالى»غا ئېرىشكەن زاھىدە تۇرسۇن زەھەر ۋە ئۇنىڭ ئېغىر ئاقىۋىتى توغرىسىدا لېكسىيە بايان قىلدى.
598_副本.jpg
ئۇنىڭدىن كىيىن شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورىنىڭ باشلىقى سۇلتان مەقسەت ئەيدىز ۋە ئۇنىڭدىن قانداق مۇداپىئەلىنىش توغرىسىدا
609_副本.jpg
مىساللار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ناھايىتى جانلىق بىر مەيدان لېكسىيە بايان قىلدى.
607_副本.jpg
611_副本.jpg
ئاخىرىدا يەنە ئەخمەت قۇربان كۇرسانتلارنىڭ زەھەر ۋە ئەيدىز توغرىسىدا سورىغان ھەر خىل سۇئاللىرىغا قايىل قىلارلىق ھالدا جاۋاپ بىرىپ چىقتى.
622_副本.jpg

بۇ قېتىمقى لېكسىيەنىڭ ئاخىرىدا  يەنە بىر قىسىم كۇرسانتلار مەخسۇس زىيارەت قىلىندى.
632_副本.jpg
شايار ناھىيە تارىم يېزىلىق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى پاتىگۈل مۇنداق دېدى:
ئەيدىزدىن ئىبارەت يۇقۇملۇق كېسەللىككە بولغان تۇنۇشۇم تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى. ئەتراپىمىزغا ھەم ھەر تەرەپلەردىكى تازىلىققا ناھايىتى دىققەت قىلىشىمىزنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلدىم. قايتىپ بارغاندىن كىيىن مۇشۇ ھەقتە كىتاب-ماتىرىياللارنى كۆپرەك كۆرۈپ، تەشۋىقات بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كىشىلەرنىڭمۇ بولۇپمۇ دېھقان-چارۋىچىلارنىڭمۇ ھۇشيار سەگەك بولۇپ، جەمىيەت-مىللەت دۈچ كېلىۋاتقان خىرىسقا تەڭ تاقابىل تۇرىشىمىزنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلدىم.
646_副本.jpg
مارالبېشى ناھىيە شامال يېزىلىق ئاياللار بىرلەشمىسىدىن پەرىدەم ئەخەت مۇنداق دېدى:
644_副本.jpg
مەن بۇ قېتىملىق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، زەھەرنىڭ زىيىنى توغرىسىدىكى لېكسىيەنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، بۇ جەھەتتىكى نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم. مەن يۇرتقا قايتقاندىن كىيىن، بۇ يەردە ئۆگەنگەن بىلىملەرنى ئاساسى قاتلامدىكى كەڭ ئاممىغا ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ئەيدىز ۋە زەھەرنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىمەن.
649_副本.jpg
قىزىلسۇ ئوبلاستىدىن كەلگەن گۈلجىمىلەم ئەمەت مۇنداق دېدى:
642_副本.jpg
ئەتراپىمىزدا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەرگە بولغان تەشۋىقات-تەربىيىلەش خىزمىتىنى ئىشلەپ كىلىۋاتقان بولساقمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ سىرتقا بولغان نەپرىتى يەنىلا مەۋجۇت. پارتىيە-ھۆكۈمەت يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ھەر يىلى نۇرغۇن مەبلەغ ئاجرىتىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا، كەڭ ئاممىنىڭ، پۈتكۈل جەمىيەتنىڭ مېھرىبانلىقىنى قوزغاپ، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان كىشىلەرگە بولغان تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش ھەم ئۇلارغا جەمىيەتتىكى ياخشى كىشىلەرنىڭ ئەھمىيەتلىك ئىش-ئىزلىرىنى
ئەمەلىي كۆرسۈتۈش ئارقىلىق، باشقا كىشىلەرگە يۇقۇش-يۇقتۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك.





606_副本.jpg
614_副本.jpg
620_副本.jpg
631_副本.jpg
636_副本.jpg
638_副本.jpg
641_副本.jpg
615_副本.jpg
ۋاقتى: 2015-7-3 17:59:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئەھمىيىتى بار ، مىللەتنىڭ ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك لېكسىيەلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئۇيۇشتۇرۇپ ، ئەيدىز ۋە زەھەر بىلەن بولغان خەلق ئۇرۇشىنىڭ ھەقىقىي ئالدىنقى سېپىنى ھاسىل قىلىپ ، كەڭ خەلقنىڭ بۇ نېجىس كېسەللەرگە بولغان تونۇشىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرساق ، ئالدىنى ئېلىش ، ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىش جەھەتتە بەلگىلىك رول ئوينايدۇ دەپ ئويلايمەن ، ئىشلىرىڭلار تېخىمۇ روناق تاپسۇن ....
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-7-4 12:19:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركتاي يوللىغان ۋاقتى  2015-7-3 17:59
مۇشۇنداق ئەھمىيىتى بار ، مىللەتنىڭ ساغلاملىقىغا مۇناس ...

ياخشى تىلەكلىرىڭىزگە رەھمەت ئەركتاي! شۇنداق زەھەر بىلەن ئەيدىزگە قارشى تۇرۇشنى كۆپ خىل ئۇسۇللار بىلەن قانات يايدۇرغاندا، جۈملىدىن مۇشۇنداق جانلىق لېكسىيە پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرغاندا، كىشىلەرنىڭ ئەيدىزگە بولغان ھۇشيارلىقىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىغانلىقىغا ياردىمى بولماي قالمايدۇ.
لېكسىيە ھەقىقەتەن ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولدى. ئايال كادىرلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن سورىغان سۇئاللىرىنىڭ قۇيرىقى ئۈزۈلمەي قالدى. يىغىنغا-ئۆگىنىشكە قاتنىشىش، ماتىرىيال كۆرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىن كەڭ يېزىلاردىكى دېھقانلارغا قارىغاندا، ئەيدىز توغرىسىدىكى ئۇچۇر-مەلۇماتلاردىن كۆپرەك خەۋەردار بولىدىغان -بولالايدىغان مۇشۇ لېكسىيەگە قاتناشقان ئايال كادىرلارنىڭ شۇنچىۋالا سۇئاللارنى سوراپ كەتكەنلىكىگە قارىغاندا، خەلقىمىزدە ئەيدىز بىلىملىرىدىن يىتەرلىك خەۋەردار بولالمىغان-بولالمايۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئاز ئەمەسلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
ۋاقتى: 2015-7-5 18:43:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكمۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بوپتۇ، باسقان ئىزىڭلاردىن گۈللەرگە ئۇنسۇن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|Archiver|يانفۇن|يارپ مۇنبىرى ( 新 ICP 备 10001843号-2

GMT+8, 2017-1-20 03:20 , Processed in 0.179895 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed

© 2001-2013 Comsenz Inc. Template By 【 www.Yurtimiz.com 】

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش