يارىپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
全局 页头二级导航栏广告
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: ئەيدىز داۋالاش كېسەل
جەمئىي مىكروبلوگ 974 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 3384|ئىنكاس: 6

ئەيدىز بىمارلىرىنى ئالداپ دورا سېتىش ئەھۋاللىرى يۈز بەرمەكتە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                        ئەيدىز بىمارلىرىنى ئالداپ دورا سېتىش ئەھۋاللىرى يۈز بەرمەكتە

ئىسكەندەر جېلىل

5404a6b774ba168c32c502.jpg
  
بۈگۈن ئىشخانىدا ئولتۇرسام، ئىدارىمىزدىكى ئەيدىز ئىشلىرىغا مەسئۇل ئاچىمىز بىر قۇتا دورىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ، كۆرۈپ بېقىشىمنى ئېيتتى. چۈشەندۈرۈشلىرى ساپلا ئىنگلىزچە بولغاچقا، نېمىگە ئىشلىتىدىغان دورا ئىكەنلىكىنى بىلەلمەپتۇ. ھېلىمۇ ياخشى ئالىي مەكتەپتە ئېنگلىزچە ئۆگىنىپ قويۇپتىكەنمەن، گاھى چاغلاردا ئۆزۈمگە ئەسقاتسا، گاھى چاغلاردا مانا مۇشۇنداق خىزمەتلەرگە ۋە باشقىلارغىمۇ ئەسقېتىۋاتىدۇ.
دورىنىڭ نامى (korean panax ginseng) ئىكەن، ئېنگلىزچە چۈشەندۈرۈشىنى ئوقۇسام، بۇ ئەسلى ئادەمنىڭ فىزىئولوگىيىسىنى ياخشىلايدىغان ساغلاملىق دورىسى بولۇپ، ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن ئىكەن، دورا نامىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلساق "كورىيە ئادەمگىياھى" دېگەنلىك بولىدىكەن.  ئاستىدىكى كىچىك كاتەكچىدە مۇنداق ئەسكەرتىپتۇ: مەزكۇر دورا (ئامېرىكا) دورا- يېمەكلىك ئىدارىسىغا تىزىمغا ئالدۇرۇلمىغان، بۇ دورا كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويۇشقا، كېسەل داۋالاشقا، ساقايتىشقا ۋە ئالدىنى ئېلىشقا ئىشلىتىلمەيدۇ.
5404a6b774ba168c32c503.jpg
ئۇ ئاچىمىزدىن "بۇ دورىنى كىم بەردى؟" دەپ سورىسام، بىر ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىنىڭ "نېمە دورا ئىكەنلىكىنى بىلىپ بەرسىڭىز" دەپ بېرىپتۇ. ئەلۋەتتە، ئەيدىز خىزمەتچىلىرى يۇقۇمدارلارنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلايدۇ، يۇقۇملانغۇچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرمەيدۇ، مېنىڭمۇ بۇنى سوراش يولۇم يوق، شۇڭا مەن پەقەت دورىنىڭ ئېنگلىزچە خەتلىرىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇپ بىلەنلا كۇپايىلەندىم.  ئۇ يۇقۇملانغۇچى بۇ دورىنى 800 يۈەنگە سېتىۋاپتۇ. ساتقۇچى مۇشۇ دورا ئەيدىزنى داۋالايدۇ دەپ ساتقان ئىكەن.
دەرھال ھالقىلىق سۆز بولغان korean panax ginseng نى كومپىيۇتېرغا كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقسام، بۇ دورا دۆلىتىمىز ئىچىدىمۇ سېتىلىدىكەن. تاۋباۋ تورىدىكى باھاسى 128 يۈەن ئىكەن. ئاندىن ئامازورن تورىدىكىسىگە قاراپ باقسام، ئاران 15.80 دوللار ئىكەن، بۇنى جۇڭگو پۇلىغا سۇندۇرساق، تەخمىنەن 90 يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ. تاۋباۋدىكىلەر ئىنساپ بىلەن ئاران8 3 يۈەن پايدا ئاپتۇ. لېكىن بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز ئۆز قېرىندىشىدىن 700يۈەن ئەتراپىدا پايدا ئاپتۇ. ئەگەر بۇنى پىرسەنتكە سۇندۇرىدىغان بولغان، 128 يۈەنلىك دورىنى 800 يۈەنگە ساتقاندا، ئالغان پايدا نىسبىتى 5 ھەسسىدىن ئارتۇق، يەنى %525 بولىدۇ. تاۋباۋدىكىلەر بولسا ئاران %42 پايدا ئالغان بولىدۇ.

5404a6b774ba168c32c604.jpg
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى سىياسەت دەرسلىكىمىزدە مۇنداق بىر جۈملە ھېلىمۇ ئېسىمدە، بۇ جۈملە ماركىسنىڭ كاپىتال دېگەن ئەسىرىدىن ئېلىنغان ئىدى: كاپىتالىستلار (سودىگەرلەر) %100 پايدا كېلىدىغان ئىش بولسا بارلىق تىرىشچانلىقىنى ئىشقا سالىدۇ، ئەگەر %200 پايدا ئالىدىغان ئىش بولسا ھەر قانداق ئىشنى قىلىشتىن يانمايدۇ، ناۋادا %300 پايدا ئالغىلى بولسا ھەتتا ئۆلۈپ كېتىشكىمۇ رازى بولىدۇ.
ئۇنداقتا، %500 پايدا بولىدىغان ئىش بولسا، ئىنسان نېمىنى قىلمايدۇ دەيسىز!؟
ئەيدىزنىڭ ھازىرغىچە تېخى داۋاسى چىقمىغانلىقى ھەممىمىزگە ئېنىق. لېكىن بەزى ساختىپەز ساتارمەنلەر "يەمەندە پالانچى مۇسۇلمان تېۋىپ ئەيدىزنى ساقايتىپتۇ-يەي"، "ئەرەبىستاندا ئەيدىزنىڭ دورىسى چىقپىتۇ- يەي"، "غەرب ئالىملىرى بۇ ئىشنى قەستەن باستۇرۋېتىپتۇ- يەي" دېگەندەك بىر توقام كوچا خەۋەرلىرىنى دەستەك قىلىپ، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى قاقتى- سوقتى قىلماقتا. "يەمەندىن دورا ئەكەلدۈرۈپ بەرسەم، ئاللاھ خالىسا كېسىلىڭ ساقىيىپ كېتىدۇ" دەپ نۇرغۇن پۇلنى ئالداپ ئېلىۋالماقتا. بۇ يۇقۇمدارلارمۇ ئاشۇ ھىيلىگەر ساتارمەنلەرنىڭ خۇدانى ئاغزىغا ئېلىپ قەسەم قىلىشلىرىغا ئىشىنىپ، ھەمدە كېسىلىدە "مۆجىزىلەرچە" بىر ئۆزگىرىش بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ، بۇ دورىلارغا ئەشەددى يۇقىرى باھالارنى قويسىمۇ، يەنىلا سېتىۋېلىپ ئىستېمال قىلماقتا. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشى ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئائىلە ئىقتىسادى مۇشۇ كېسەل سەۋەبلىك ئاللىقاچان ۋەيران بولۇپ بولغان، ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ بولسا مىدىراپ پۇل تاپقۇدەك مادارى يوق، مۇشۇنداق ئاجىز كىشىلەرنى ئالداش ۋە قاقتى- سوقتى قىلىش ھەقىقىي بىر مۇسۇلماننىڭ ئىشى ئەمەس.
دۆلىتىمىز "ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى ھەقسىز داۋلاش تۈرى"نى يولغا قويىۋاتقىلى خېلى ئۇزۇن بولدى. داۋالاشتا بىمارلارغا بېرىدىغان دورلارنىڭ ھەممىسى ھەقسىز، بۇنى دۆلەت بىر تۇتاش ئىقتىساد چىقىرىپ ھەل قىلىدۇ، بۇ دورىلار زاۋۇتتىن ھەرگىزمۇ بىكارغا چىقىپ قالمايدۇ. لېكىن بەزى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە بىمارلار "ئەرزان گۆشنىڭ شورپىسى يوق" دېگەن تەمسىل بويىچە، "بىكارلىق گۆشنىڭ تېخىمۇ شورپىسى يوق" دېگەن يەكۈنگە ئەقىدە باغلاپ، بۇنداق بىكارلىق داۋالاشنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلمەكتە. ئەلۋەتتە، بۇ ھەقسىز دورىلار ئەيدىزنى تەل- تۆكۈش ساقايتالمايدۇ، پەقەت بەدەندىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، بىمارنىڭ ئىممۇنتېت كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردىمى بولىدۇ. يۇقارقى "كورىيە ئادەمگىياھى" غا ئوخشاش ساغلاملىق دورىلىرى ھەرگىز كېسەل داۋالىيالمايدۇ، پەقەت بەدەندە كەم بولغان ئوزۇقلۇقلارنى تولۇقلاپ، ئىممۇنتېت كۈچىنى ياخشىلىشى مۇمكىن، يەنە بەزى ساغلاملىق دورىلىرى بىمارغا ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىشىگىمۇ بىر نەرسە دەپ بولغىلى بولمايدۇ. يەنە بەزى بىمارلار ئالدامچىلارنىڭ ساغلاملىق دورىلىرىغا زىيادە ئەقىدە قىلىپ، ۋاقتىدا دوختۇرغا بارماي شۇ دورىلارنى يەۋەرگەچكە، كېسەلنىڭ ئۈنۈملۈك داۋلاش باسقۇچىنى ئۆتكۈزىۋېتىشى مۇمكىن.

5404a6b774ba168c32c605.jpg
"يەمەنلىك ئۇستاز ئەيدىزنى ساقايتىدىغان دورىنى ياساپ چىقتى" دېگەن ئاپقاچتى گەپلەرگە ئىشەنمەڭ. بەلكىم يەمەنمۇ بۇ ھەقتە تېببىي تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان بولۇشى، ھەتتا جۇڭگونىڭكىدەك ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى ياساپ، بىمارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئەيدىزنى تەلتۆكۈس ساقايتقىنى پۈتۈنلەي يالغان. ئەگەر راست بولسا ئىدى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئالىملار بۇنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشى، ھەتتا بۇنىڭغا نوبىل مۇكاپاتى بېرىشى مۇمكىن.
شۇڭا، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان دوستلارنىڭ ئالدامچى ساتارمەنلەرگە ئالدىنىپ كەتمەسلىكىنى، كوچا پاراڭلىرىغا ئىشىنىپ كەتمەي، كەسىپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت ئېلىشنى، قورساققا ئوبدان يەپ، ياخشى كۈتۈنۈپ، سالامەتلىكىنى ئاسراشنى تەۋسىيە قىلىمىز.
يۇقىرىدىكىلەر ھېلىقى دورا بىلەن توردىكى ئوخشاش دورىنىڭ باھا سېلىشتۇرمىسى، كۆرۈپ بېقىڭ.

قۇمۇل تارانچىدىن: ئىسكەندەر جېلىل
2015-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى



ۋاقتى: 2015-4-7 10:35:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمسىمۇ بۇنداق  پۇرسەتپەرەسلەر كۆپكەن ھازىر  ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ  ئاجىز نوقتىسىنى  تۇتۋىلىپ ئۇلارنى  قاقتى - سوقتى قىلماقتا .
مەن ئىيتىمەنكى   بەك يىيىشكە توغرا كەلسە ئاۋۋال س د 4 نى   تەشكۇرتۇپ شۇ چققان نەتىجىنى خاتىرلىۋىلىپ دۇرىنى يەپ 3 ئايدىن كىن تەشكۇرتۇش  ئاندىن بۇرۇنقى س د 4 بىلەن سىلىشتۇرۇپ  راسلا ئۈنىمى بولسا يىيىش كىرەك . قالايمىقان دۇرا يەۋېرىپ باشقا ئازالىرىمىزنى كاردىن چىقارمايلى .بۇنداق قىلمىغاندا قالايمىقان دۇرا يەپ ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ئۆلتۇرمەيلى .ئاللاھ ئۆزنى ئۆزى ئۆلتۇرگەنلەرنى ھەرگىز كەچۈرمەيدۇ .
شۇڭا ھەرقانداق دۇرىنىڭ تىگى تەكتىنى سۇرۇشتۇرۇپ  ئۆزىمىزنىڭ بەدىنىگە ئەكىس تەسىرى بارمۇ يوق  شۇنى ئىنىق ئۇقۇپ ئاندىن ھەركەتكە كىلەيلى ! بۇ  ۋىرۇس بىلەن بولغان ئۇرۇش ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇرۇش  ئالدىراقسانلىق قىلىشقا بولمايدۇ . ھەممەيلەن بىرلىكتە بۇ ۋېرۇسقا تاقابىل تۇرۇپ بۇ ۋېرۇس ئۇستىدىن غالىپ كىلشىمىز كىرەك .
ئاخىردا دەيدىغىنىم  يۇقۇمدارلارنىڭ ئۆزىنى تاشلىۋەتمەي ئۇمۈدلىك بۇلىشىنى ھەمدە قۇۋەتلىك يەپ ئائىلسىدىكىلەر بىلەن خۇشال - خۇرام ئۆتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . ( ۋىرۇس HIV )

باھا سۆز

يارايسىز! ئىنكاسىڭىزغا قايىلمەن.  ۋاقتى: 2015-4-7 10:56
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-7 12:48:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماتېرىياللارغا قارىغاندا، گەرچە داۋالاش سەۋىيەسى كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە 40% ئەيدىز بىمارنىڭ يېشى 15 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان، بىراق بۇ رەقەملەرمۇ توختىماستىن يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشكە باشلىغان بولۇپ، ھەركۈنى 2400 نەپەر ئوخشاش ياشتىكى كىشىلەر بۇ سەپكە قوشۇلىدىكەن.
ۋاقتى: 2015-4-7 15:31:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدامچىلىق بۇ جەمىيەتتىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قېنى-قىنىغا سېڭىپ كەتتىمىكىن دەيمەن. ئالدىسىمۇ ئاجىز-بىچارىلەرنى ئالداپ يۈرگەن.
ۋاقتى: 2015-4-7 15:34:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋىروسHIV يوللىغان ۋاقتى  2015-4-7 10:35
دىمسىمۇ بۇنداق  پۇرسەتپەرەسلەر كۆپكەن ھازىر  ئەيدىز يۇ ...

توغرا دەيسىز. ئەيدىزگە ئوخشاش ھەرقانداق كېسەلنى توغرا چۈشەنگەندە ئاندىن توغرا داۋالانغىلى بولىدۇ.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-7 15:46:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا يوللىغان ۋاقتى  2015-4-7 15:34
توغرا دەيسىز. ئەيدىزگە ئوخشاش ھەرقانداق كېسەلنى توغر ...

ھاياتلىقنى ئوڭلاپ چۈشۈنەلمەي يۈرگەن ئادەملەرنى ئەيدىزنى قانداقمۇ چۈشۈنەلىسۇن دەپ ئويلاپ قالىمەن. مىللىتىمىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىدا ئىدىيە-مەدەنىيەت خارەكتېرلىق مەسىلە مەۋجۇت بولغانلىقتىن، ئەيدىزدەك يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىدىمۇ بىغەملىككە پېتىپ قالىدىكەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|Archiver|يانفۇن|يارپ مۇنبىرى ( 新 ICP 备 10001843号-2

GMT+8, 2017-2-26 11:35 , Processed in 0.143626 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed

© 2001-2013 Comsenz Inc. Template By 【 www.Yurtimiz.com 】

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش