يارىپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
全局 页头二级导航栏广告
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: ئەيدىز داۋالاش كېسەل
جەمئىي مىكروبلوگ 974 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 3346|ئىنكاس: 3

ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى قانۇنىي جەھەتتىن قوغدىلىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                       ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى قانۇنىي جەھەتتىن قوغدىلىدۇ

                                                          ماھىرە سايىت
u=1376119372,2061103560&fm=23&gp=0.jpg

(شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ئەيدىز كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى)   
        مەسلىھەت سوراش قىزىق لىنىيە تېلېفۇنى: 8531100 -0991


  ئەيدىز كېسىلى ۋە ئەيدىز بىمارلىرى نۆۋەتتە خەلقئارا ئورتاق كۆڭۈل بۆلىۋاتقان تېمىلارنىڭ بىرى. پۈتۈن دۇنيادىكى ھەرقايسى ئالاقىدار تېببىي ئىلىم ساھەلىرى يىللاردىن بىرى بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. ئەيدىز كېسىلى ھازىرغىچە بويسۇندۇرۇلمىغان، دۇنيا تىبابىتىگە نىسبەتەن خىرىسقا ئايلانغان بىر كېسەللىك بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز نۆۋىتىدە يەنە كىشىلەرنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ئادىمىگەرچىلىك ھېس-تۇيغۇلىرىنىڭ قوزغاتقۇچىسى بولماقتا. نۆۋەتتە خەلقئارادا ئەيدىز بىمارلىرىنى ھۆرمەتلەش، ئۇلارغا ياردەم بىرىش، ئۇلارنى ئۆز ھوقۇق-مەنپەئەتى ۋە جەمىيەتتىكى تېگىشلىك ئىنسانى ئورنىدىن بەھرىمان قىلىش دولقۇنى پەيدا بولۇپ بارغانسىرى كۈچەيمەكتە.
    بۇ دولقۇنغا قىزغىن ئىشتىراك قىلىش مەقسىتىدە، يېقىندا تەھرىراتىمىزدىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئەيدىز بۆلىمىگە قارىتا بىر قېتىملىق زىيارەت ئورۇنلاشتۇق.
   تۆۋەندە مەزكۇر بۆلۈمنىڭ مۇدىرى ماھىرە سايىت بىلەن بولغان سۆھبىتىمىزنى دىققىتىڭلارغا سونىمىز. بۇ قېتىملىق سۆھبەتتە ماھىرە سايىت جۇڭگو ۋە چەتئەلدىكى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
  خەلقئارادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ۋە مەخپىيەتلىكىنى قوغداش ھەققىدىكى قانۇن-نىزاملار ئاللىقاچان تۇرغۇزۇلغان. دۆلىتىمىزمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرىغا قارىتىلغان مەخسۇس قانۇن-تۈزۈملەرنىڭ تۇرغۇزۇلىشى يەنە بىر مەنىدىن ئېيتقاندا، پۈتۈن خەلقئارا جەمىيەتنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە قارىتا جەڭ ئېلان قىلغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ تەرەققىيات تارىخى، ئەمەلىيەتتە تولىمۇ مۈشكۈل بولغان كەمسىتىشكە قارشى كۈرەش تارىخىدۇر. ئەيدىز بىمارلىرى خىزمەتكە ئورۇنلىشىشتا كەمسىتىلىش، مائارىپ قۇبۇل قىلىشتا كەمسىتىلىش، پىسخىك جەھەتتە كەمسىتىلىش قاتارلىق ھەرخىل كەمسىتىلىشلەرگە ئۇچرايدۇ، شۇڭا كەمسىتىشنى يۇقىتىش ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم ۋەزىپىگە ئايلاندى. گەرچە جەمىيەتتە كەمسىتىشنى تولۇق يوقىتىپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، ئەمما بىر زامانىۋى جەمىيەتتە، بىر ساغلام جەمىيەتتە ھېچبولمىغاندا چوقۇم سىياسى بەلگىلىمە قاتلىمىدىن مۇۋاپىق لايىھە تۈزۈپ، ئىلغار كىشىلىك ھوقۇق ئىدىيىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش لازىم. چەتئەلنىڭ ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈملىرىدە ئەيدىز بىمارلىرىنى كەمسىتىش مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىلگەن. ئەيدىز بىمارلىرىغا ئالاقىدار كەمسىتىشلەرنى قانۇن-تۈزۈم دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇشنى قانۇنىي يۆلەككە ئىگە قىلغان. دۆلىتىمىزدىمۇ «ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش نىزامى» تۈزۈلۈپ، ئايرىم كېسەلگە قارىتىلغان تۇنجى قانۇن سۈپىتىدە يولغا قۇيۇلدى. بۇ ئارقىلىق ھۆكۈمەت قانۇن ئارقىلىق، جەمىيەتنىڭ ئەيدىز بىمارلىرىغا بولغان كەمسىتىشنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، بۇ نىزامدا ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ توي قىلىش، ئىجتىمائىي ئالاقە، داۋالىنىش مۇلازىمى، ئەمگەك، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئۆگىنىش ھوقۇقلىرى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. شۇنداقلا جۇڭگو ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمىتىدىكى «تۆتنى ھەقسىز قىلىش، بىرگە كۆڭۈل بۆلۈش» سىياسىتى قاۇن-تۈزۈم شەكلىدە بىكىتىلىپ، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتى قوغدالدى.  نىزامدا يەنە، «بىمارنىڭ ياكى بىمارغا ھامىيلىق قىلغۇچىنىڭ ئىجازىتىسىز، ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى، ئەيدىز بىمارى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ئادرىسى، خىزمەت ئورنى، سۈرىتى، كېسەللىك تارىخى ماتېرىيالى، شۇنداقلا كونكىرېت سالاھىيەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلىشىغا بولمايدۇ» دەپ بېكىتىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا «دوختۇرلۇق كەسپى ئىجازەت قانۇنى»، «ھوقۇققا چېقىلىش مەسئۇلىيەت قانۇنى» قاتارلىق قانۇنلاردا، دوختۇرلار كەسىپ ئىجرا قىلغاندا چوقۇم قانۇنى بەلگىلىمىلەرگە بويسۇنغان ھالدا بىمارلارنىڭ خۇسۇسى مەخپىيەتلىكىنى قوغدىشى لازىم، ئۇنداق بولماي ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا جىنايى ئىشلار بويىچە مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ دەپ بەلگىلەندى.
  نۆۋەتتە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدىكى تەشۋىقاتلارنىڭ كۈچىيىشى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئەيدىز كېسىلى ۋە ئەيدىز بىمارلىرىغا بولغان تۇنۇشى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، شۇنىڭغا ئەگىشىپ جەمىيەتتە ئەيدىز بىمارلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلارغا مېھرىبانلىق كۆرسىتىش ۋە جەمىيەت قوينىدا ئىللىقلىق ھېس قىلدۇرۇش ئىشلىرى ئومۇملىشىشقا باشلىدى. بۇ ھەقىقەتەن بىر ياخشى يۈزلىنىش. ئەيدىز بىمارلىرىمۇ ئوخشاشلا جەمىيىتىمىزنىڭ ئەزالىرى، ئۇلارنى چەتكە قاقماسلىق، كەمسىتمەسلىك، ئۇلارنى جەمىيەتتىكى تېگىشلىك ھوقۇقى ۋە ئورنىدىن بەھرىمان قىلىش جەمىيىتىمىزنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. بۇ مەسئۇلىيەت تولۇق ئادا قىلىنغاندىلا، ئىنسانپەرۋەرلىكىنى ۋە جەمىيەت ئادىللىقىنى ھەقىقى نامايەن قىلغىلى، ئەيدىزنىڭ جەمىيەتكە كەلتۈرىۋاتقان ئىجتىمائىي زىيىنىنى يېنىكلىتىپ، جەمىيەتنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. شۇڭا، ئەيدىز بىمارلىرىغا تېخىمۇ كۈيۈنەيلى، ئۇلارغا مېھىرلىك قولىمىزنى سونۇپ، ئۇلارنىڭ شۇ مۈشكۈل ھايات مۇساپىسىگە ھەمدەرد ۋە يار-يۆلەك بولايلى!
  ئاخىرىدا مەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ئەيدىز بۆلۈمى نامىدىن جەمىيىتىمىزدىكى ئەيدىز بىمارلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ھاجەتمەنلەرنىڭ ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق مەسىلە ھەققىدە بىزدىن مەسلىھەت ۋە ياردەم سورىشىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن!
(«ساقلىق ساقلاش» ژورنىلىنىڭ 2015-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى.)


ۋاقتى: 2015-3-20 12:40:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتايىن پايدىلىق ئۇچۇردىن بىرنى يوللاپسىز رەخمەت سىزگە!
ۋاقتى: 2016-5-10 14:16:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىنى بىلمىگەنلەرنىڭ ئىنسانلىقىنى قوغداش—ئادال.....
ۋاقتى: 2016-8-12 01:06:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشىمۇ سىز يوللىغان تېمىڭىزنى ناھايىتى ياختۇردۇم .ئاندىن مۇشۇ توغرۇلۇق سورايدىغان يەنە بىر مەھلىھەت بار ئىدى سوراپ باقسام .
ئەيدىز بىمارلىرىنى ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياكى باشقا ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ خىزمەت قىلىشىغا ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشتىن ئىلگىركى سالامەتلىك تەكشۇرۇش نەتىجىسى تەسىر كۆرسىتىدىكەن مۇشۇ توغرىسىدا ئەيدىز بىمارلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش توغرۇلۇق دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن بەلگىلىمىلىرى بارمىدۇ
مۇشۇ توغرۇلۇق مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|Archiver|يانفۇن|يارپ مۇنبىرى ( 新 ICP 备 10001843号-2

GMT+8, 2017-2-26 11:38 , Processed in 0.135463 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed

© 2001-2013 Comsenz Inc. Template By 【 www.Yurtimiz.com 】

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش