يارىپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
全局 页头二级导航栏广告
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: ئەيدىز داۋالاش كېسەل
جەمئىي مىكروبلوگ 974 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 3196|ئىنكاس: 2

دىلشات ياقۇپ ئەيدىز توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
     ئەيدىز كېسىلىدە ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى بالدۇرراق ئېلىپ بېرىشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى


                                                                  دىلشات ياقۇپ
u=3356736414,1137754304&fm=23&gp=0.jpg

  دىلشات ياقۇپ: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمەت كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش جەمىيىتىنىڭ مۇئاۋېن باشلىقى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنۋېرسىتېتى ئېپىدېمىئولوگىيە كەسپىنىڭ دوتسىېنتى.   مەسلىھەت سوراش تېلېفۇن نومۇرى: 8569879 -0991  

ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئەڭ ئۈنۈملۈك ياكى نېگىزلىك داۋالاش ئۇسۇلى بولۇپ، ئىنتايىن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا، بۇ خىل ئۇسۇل ۋىرۇسنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە كونتىرول قىلىپ، بىمارنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، تۇرمۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ، ئۆمرىنى ئۇزارتىدۇ. شۇڭا، دەسلەپكى مەزگىلدىلا ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئېلىپ بېرىشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى كۆپ.  

بىرىنچى، ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى بالدۇرراق ئېلىپ بېرىشنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟
بىرىنچىدىن، دەسلەپكى مەزگىلدىلا ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئېلىپ بارغاندا، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. داۋالاشتىن ئىلگىرىكى  CD4 نىڭ ( CD4 ھۈجەيرىسى ئادەم بەدىنى ئىممۇنىتېت سىستېمىسىدىكى مۇھىم بىر ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىسى، ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسىنىڭ ھۇجۇم قىلىش ئوبيېكتى CD4 ھۈجەيرىسى بولۇپ، ئادەم بەدىنى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كىيىن، CD4 ھۈجەيرىسىنىڭ سانى ئازىيىپ، ئادەم بەدىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ. شۇڭا CD4 ھۈجەيرىسى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالىنى ئەڭ ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدىغان كۆرسەتكۈچ ھېسابلىنىدۇ) سەۋىيەسى بىمارنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنىڭ قايتا قۇرۇلىدىغان ياكى قۇرۇلمايدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ، CD4 يۇقىرى بولغانلارنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى قايتا قۇرۇلالايدۇ. ۋىرۇسقا قارشى بىرلەشتۈرۈپ داۋالاش نەتىجىسىدە، ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرىنىڭ CD4 ھۈجەيرىسى ئاستا-ئاستا كۆپەيسە، بۇ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنىڭ ھەقىقى قايتا قۇرۇلىشىدىن دېرەك  بېرىدۇ.
ئىككىنچىدىن، دەسلەپكى مەزگىلدىلا ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئەگەشمە كېسەللىكلەر خەتىرىنى زور دەرىجىدە ئازايتىدۇ. مەيلى بىمارنىڭ يۇقۇملانغان ۋاقتى ئۇزۇن ياكى قىسقا بولسۇن، CD4 سەۋىيىسى يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولسۇن، ئادەتتە ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم تېنىگە كىرگەندىن كىيىن، ئورگانىك گەۋدىگە قارىتا پۈتۈن بەدەنلىك، كۆپ ئورگانىزىملىق زەخمە يەتكۈزىدۇ. ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىدا ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغى قۇشۇلۇپ كەلسە، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ تېزلىشىپ، جىگەر قېتىشىش، جىگەر راكى، جىگەر ئىقتىدارى زەئىپلىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەر كۆرۈلىدۇ. ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشتا، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى قايتا قۇرۇش، ئىممۇنىتېتلىق ئاكتىۋاتسىيەنى تۆۋەنلىتىش ۋە ياللۇغلۇق ئىنكاس ئارقىلىق جىگەر كېسەللىكلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئاستىلاتقىلى بولىدۇ.
ئۈچۈنچىدىن، دەسلەپكى مەزگىلدە داۋالاش ئارقىلىق ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەتلەتكىلى بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۆپلىگەن تەتقىقاتلاردا كۆرسۈتىلىشىچە، دەسلەپكە مەزگىلدە ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئارقىلىق، بىمارلارنىڭ ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كىيىنكى ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. ياۋرۇپا ۋە شىمالىي ئامېرىكىدىكى تەتقىقاتلاردا كۆرسۈتىلىشىچە، داۋالىغان ۋاقىتتىكى CD4 ئاساسى سىزىقى قانچە يۇقىرى بولسا، ئەيدىز كېسىلىگە ئالاقىدار كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش ۋە ئۆلۈش خەتىرى شۇنچە تۆۋەن بولىدىكەن.
تۆتىنچىدىن، دەسلەپكى مەزگىلىدە داۋالاش ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ دورىغا چىدامچانلىقىنى ئاشۇرىۋەتمەيدۇ. بەزىلەر بالدۇر داۋالىغاندا، ئاسانلا دورىغا چىدامچانلىق شەكىللىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئەنسىرەشنىڭ ئورنى يوق، ئىلمىي تەتقىقاتلارمۇ بۇنى ئىسپاتلايدۇ. ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى ھەقىقەتەن ئاسانلا ئۆزگىرىدۇ، ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنىڭ بېسىمى ۋىرۇسنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ۋىرۇسنىڭ دورىغا چىدامچانلىقى شەكىللىنىدۇ، ئەمما ۋىرۇس كۆپەيمىسە ئۆزگىرىش ۋە دورىغا قارىتا چىدامچانلىق شەكىللەنمەيدۇ. ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى بالدۇرراق ئېلىپ بارغاندا، ۋىرۇسنىڭ كۆپىيىشىنى بالدۇرراق كونتىرول قىلغىلى بولىدۇ، ۋىرۇسنىڭ دورىغا چىدامچانلىقىمۇ ئاسانلىقچە پەيدا بولمايدۇ.
بەشىنچىدىن، بالدۇر داۋالاش يۇقۇش خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ. ۋىرۇسقا قارشى داۋالىغاندىن كىيىن، قاندىكى ۋىرۇسنىڭ توشۇلۇش مىقتارى كۆرىنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ، ھەتتا تەكشۈرگەندىمۇ چىقمايدۇ، كۆپىيىش يولى ۋە باشقا توقۇلمىلاردىكى ۋىرۇسنىڭ تۇشۇلۇش مىقتارىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئازىيىدۇ، شۇنداق قىلىپ، يۇقىرى خەتەر ئەھۋالىدىكى يۇقۇش خەتىرى، بولۇپمۇ جىنسىي ھەمراھ ياكى جورىسىغا جىنسىيەت ئارقىلىق يۇقۇش خەتىرى تۆۋەنلەيدۇ.

ئىككىنچى، ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشتىن ئىلگىرى قانداق تەييارلىقلار ئىشلىنىدۇ؟
بىرىنچى، پىسخىك جەھەتتىكى تەييارلىق.
ئالدى بىلەن ئەيدىزنىڭ ئېرىشمە ئىممۇنىتېت كەمچىللىك كېسىلى ئىكەنلىكىنى تۇنۇش لازىم، ئەيدىز ۋىرۇسى ياللۇغى ئورگانىك گەۋدىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بىمارنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى يەنى CD4 ھۈجەيرىسىنىڭ سانى تەدرىجى تۆۋەنلەيدۇ، ناۋادا  \ml200 دىن تۆۋەنلەپ كەتسە، پۇرسەت خارەكتېرلىق ياللۇغلىنىش نىسبىتى بارغانسىرى يۇقىرىلايدۇ. شۇڭا، بالدۇرراق ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى باشلاشنى تەۋسىيە قىلىمىز. بۇنىڭدىكى مەقسەت، بىمارنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، بىمارنى پۇرسەت خارەكتېرلىق ياللۇغ ياكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنىڭ ئازابىدىن ساقلاپ قېلىشتۇر. مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىغا بولغان زىيىنىنى تۇنۇغاندا، چوقۇم ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنىڭ كېسەللىك مەنبەسىگە قارىتا داۋالاش ئىكەنلىكىنى ئويلاپ يېتىش كېرەك. ۋىرۇسقا قارشى ئۈنۈملۈك داۋالاش ۋىرۇسنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىغا زىيان يەتكۈشىنى يىنىكلىتىشتىن دېرەك بىرىدۇ. داۋالاش ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، بىمارنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تەدرىجى ئەسلىگە كېلىدۇ، يەنە كىلىپ ۋىرۇسقا قارشى داۋالىغان ۋاقىت قانچە بالدۇر بولسا، بىمارنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنىڭ نۇرمال سەۋىيەگە كىلىش نىسبىتىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، شۇڭا ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى بىردىن-بىر تاللىشىدۇر. ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش بولسا ئۇزۇنغا سۇزۇلغان، ئۇزاق بىر جەريان، ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان بولغاچقا، ئورگانىك بەدەندىن تولۇق تازىلىۋەتكىلى بولمىغانلىقتىن، ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش بىر ئۆمۈر دورا يەيدىغان بىر جەريانغا ئايلانغان، بۇ سىزنىڭ بەرداشلىق بىرىشىڭىز ۋە قەيسەر بولۇشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ.  نۆۋەتتە كىلىنىكىدا ئىشلىتىلىۋاتقان ئۈچلۈك ياكى ئۈچلۈكتىن يۇقىرى دورىلار بىرىكمىسى يەنە ئاتالمىش كۆكتېل ھارىقى داۋالاش ئۇسۇلى ئۆزىنىڭ كۆپ خىل نىشانلىق رولى، كۈچلۈك ۋىرۇسقا قارشى رولى، دورىغا چىدامچانلىق ۋە ئۆزگىرىش پەيدا بولۇش نىسبىتى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى ئارقىلىق مۇۋەپىقىيەتكە ئېرىشتى. شۇڭا، كۆپ خىل ۋىرۇسقا قارشى دورىلار بىرىكمىسى، ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنىڭ مۇۋەپىقىيەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ئاچقۇچتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بىمارلار ئۇزۇن مەزگىلىلك داۋالاش ۋە كۆپ خىل دورىلارنىڭ بىرىكمىسى ئارقىلىق داۋالاشقا تەييارلىق كۆرۈپ قۇيۇشى لازىم. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەرقانداق ۋىرۇسقا قارشى دورىنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە، ئوخشىمىغان تۈردە ئەكس تەسىرى بولىدۇ. مەسىلەن: بىمار ۋىرۇسقا قارشى داۋالىنىشقا باشلىغاندا، بۇ ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزىدىغانلىقى، بىمارنىڭ ئىممۇنىتېتى تۆۋەنلەشتىن پەيدا بولىدىغان پۇرسەت خارەكتېرلىق ياللۇغ ياكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمىدىن قۇتۇلۇشىغا ئۈمىد تۇغۇلغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. دورىلارنىڭ ئەكس تەسىرى بولغان تەغدىردىمۇ، بىمار يەنىلا قىلچە ئىككىلەنمەستىن ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى تاللىشى لازىم. ئەمما ۋىرۇسقا قارشى داۋلاش جەريانىدا كۈزىتىشكە دىققەت قىلىش، كېسەلنى ۋاقتىدا كۆرسىتىش ۋە كەسپى تەجرىبىلىك دوختۇرلار بىلەن سۆزلىشىش، كۆپرەك ئالاقىلىشىش ئارقىلىق دورىنىڭ زەھەرلىك ئەكس تەسىر ئىنكاسىنى بالدۇر ھەم ۋاقتىدا بايقاش ۋە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. دورىلارنىڭ زەھەرلىك ئەكس تەسىرىدىن قورقۇپ، ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى باشلاشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق پەيتىنى ئۆتكۈزۈپ قويماسلىق لازىم.
ئىككىنچى، بويسۇنۇش جەھەتتىكى تەييارلىق.
ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى باشلاشنىڭ ئىدىيىۋى تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەشتە، يەنە بويسۇنۇش تەييارلىقىنىمۇ كۆرۈش كېرەك. يەنى داۋالاش لاھىيىسىنى قۇبۇل قىلىش، قۇشۇلۇش ھەمدە توغرا ئىجرا قىلىش. بويسۇنۇش ياكى بويسۇنماسلىق خارەكتېرىدىكى دورا ئىشلىتىش كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇشىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. دوختۇرنىڭ تاپىلىغىنىغا بويسۇنماسلىق كۆپىنچە داۋالاش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. بەزىدە ھەتتا دورىغا قارىتا چىدامچانلىقنى كۈچەيتىۋېتىدۇ ياكى ناچار ئەكىس تەسىر پەيدا قىلىدۇ. بىمارنىڭ بويسۇنماسلىقى ئادەتتە دورا يىيىشنى ئۇنتۇپ قېلىش ياكى دورىنى ۋاقتىدا يىمەسلىكتە ئىپادىلىنىدۇ. كېسىلى ياخشىلانغاندەك تۇيۇلسىلا دورا يىيىشنى توختىتىدۇ، دورىنى بەلگىلەنگەن مىقتاردا يېمەيدۇ (دورىنىڭ مىقتارىنى خالىغانچە ئازايتىدۇ ياكى كۆپەيتىدۇ)، ناچار ئەكس تەسىرىدىن قورقۇپ دورا يىيىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ، دورا يىيىشتە قىينالسا دورا يىمەيدۇ، دورىنىڭ تەمى قىرتاق بولسا يىيىشنى خالىمايدۇ، ئۈنۈمى ياخشى ئەمەس دەپ دورا يىمەيدۇ، دورا باھاسىنىڭ قىممەتلىكىدىن يىيىشكە كۆزى قىيمايدۇ، ئىمپورت قىلىنغان دورىلارنى دەرمەھەل تاپالمىسا دۆلەت ئىچىدە ئىشلەنگەن دورىلارنى يىيىشنى خالىمايدۇ. شۇڭا، ئۆزىڭىزدە يۇقىرىقىدەك ئىدىيە ۋە ھەرىكەتلەرنىڭ بار-يوقلىقىنى ئانالىز قىلىڭ، ئەگەر ياخشى بولغان بويسۇنۇشچانلىققا كاپالەتلىك قىلالمىسىڭىز، ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى ۋاقتىنچە كەينىگە سۈرۈڭ، ئەگەر ئۇزۇن مەزگىل دوختۇرنىڭ تاپىلىشىغا بويسۇنۇش تەييارلىقىنى قىلىپ بولغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ. بويسۇنۇشچانلىقنى قانداق ياخشى قىلغىلى بولىدۇ؟ ۋاقتىدا كېسەل كۆرسۈتۈش لازىم، يانفۇن ئەسكەرتىشى ياكى ئاسان ئەستە قالىدىغان ۋاقىتتا دورا يىيىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇزۇن ۋاقىت تۇراقلىق ھالدا داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك. دورىنىڭ ئەكس تەسىرى كۈرۈلسە ھودۇقۇپ كەتمەي ۋاقتىدا دوختۇر بىلەن كۆرۈشۈپ مەسلىھەت سوراش، زۆرۈر بولغاندا دوختۇرنىڭ يېنىغا بېرىپ دوختۇرغا ھۆكۈم قىلدۇرۇش ۋە بىرتەرەپ قىلدۇرۇش لازىم. ھەرگىزمۇ دورىنىڭ ئەكس تەسىرى سەۋەپلىك ئۆزلىكىدىن دورىنى ئازايتماسلىق ياكى توختاتماسلىق ياكى كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندا ئۆزلىكىدىن دورىنى توختاتماسلىق كېرەك.
ئۈچۈنچى، بەدەن جەھەتتىكى تەييارلىق.
دوختۇرغا نۆۋەتتە قۇشۇلۇپ كەلگەن كېسەللىكلەرنى، قايسى دورىلارنى ئىچىۋاتقانلىقىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، دوختۇرنىڭ بىمارنىڭ بەدەن ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇۋاپىق داۋالاش لاھىيىسىنى تۈزىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش لازىم. ئەگەر بىمار نۆۋەتتە پۇرسەت خارەكتېرلىق ياللۇغلانغان بولسا، قىزىش ياكى باشقا ئالامەتلەر قۇشۇلۇپ كەلگەن بولسا، مەخسۇس دوختۇرخانىغا بېرىپ تەتكشۈرتۈش، داۋالىنىش ۋە بىرتەرەپ قىلدۇرۇش لازىم. كېسەللىك ئەھۋالى كونتىرول قىلىنغاندىن كىيىن، ئاندىن ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى باشلىسا بولىدۇ. ئەگەر بىمار ئۆزىدە ھېچقانداق ئالامەت سەزمىگەن ئەھۋالدا بۇ كېسەللىك بايقالسا، CD4 نىڭ سانىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم ھېسابلىنىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى بالدۇرراق ئويلىشىش لازىم. ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن ئاۋال بەزى مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، بىمارنىڭ نۆۋەتتىكى بەدەن ھالىتىنى باھالاش، قان ۋە سۈيدۈكنى قائىدىلىك تەكشۈرۈش، جىگەر، بۆرەك ئىقتىدارى، قاندىكى ئامىلازا، قاندىكى ياغ، قاندىكى شېكەر قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈش كېرەك. شۇنىڭدىلا بىمارغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ئەڭ ياخشى بىرىكمە لايىھەنى تۈزۈپ چىققىلى بولىدۇ.
قىسقىسى، ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش-ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاشنىڭ ئۈنۈمۈلۈك ئۇسۇلى، ئەمما بۇ جەريان ئۇزۇن ھەم جاپالىق، پەقەت ئىدىيە تەييارلىقى، بويسۇنۇش تەييارلىقى ۋە بەدەن جەھەتتىكى تەييارلىقلارنى ياخشى ئىشلىگەندىلا، بىمار ئاندىن ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى ئۆز ۋاقتىدا بىمالال باشلىيالايدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشتا بالدۇر ھەم تېز مۇۋەپىقىيەت قازىنىپ، نۇرمال ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىغا ئىگە كىشىلەرگە ئوخشاش ئۆمۈر ۋە تۇرمۇش سۈپىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.  

«ساقلىق ساقلاش» ژورنىلىنىڭ 2015-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى.





ۋاقتى: 2015-3-18 20:55:29 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى   بەك   ئ‍وبدان  يوللاپسىز ،مۇنبەردىكى   خېلى   كۆپ    يۇقۇمفانغۇچىلارنىڭ   ئ‍ىنكاسلىرىدىن   دورا  يىيىشتىن  ئ‍ىككىلىنىپ   تۇرغانلىقىنى   بىلگىلى   بولىدۇ  بەلكىم   بۇ   ماقالىنى   كۆرگەندىن  كېيىن  ئ‍ەندىشە، ئ‍ىككىلىنىشلىرى   تۈگەپ   كېتەر
ۋاقتى: 2015-5-12 21:45:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
assalamu alayku dosla man muxu yil 3.28kuni napak jinsi munasiwat otkuzup   4.3kuni takxurtsam natijisi 0.02 -  qikkan tun gun yana kayta kaxkar wilayatlik 1 dohturhanda takxurtsam natiji bu rasim dikidak qikip tu yani 0.06- baxtiki bilan ohximay digini baxtikisi 0.02- bu kitim ki 0.06- kandak ixtu hiv man da awuwatam digan du yaripka kirip maslahat soray disam kandak uqur yizixni ukal midim xunga bil digan la maslahat bar gan bolsangla
bu mining alakilxix qq 1210829746   ras man kaxkar xahar iqidin
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|Archiver|يانفۇن|يارپ مۇنبىرى ( 新 ICP 备 10001843号-2

GMT+8, 2017-2-26 11:44 , Processed in 0.144846 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed

© 2001-2013 Comsenz Inc. Template By 【 www.Yurtimiz.com 】

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش