يارىپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
全局 页头二级导航栏广告
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: ئەيدىز داۋالاش كېسەل
جەمئىي مىكروبلوگ 974 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 4519|ئىنكاس: 10

ئەيدىزنى ساقايتىدىغان دورا چىقمىدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەيدىزنى ساقايتىدىغان دورا چىقتىمۇ؟

     ئەسسالام ئەلەيكۇم قېرىنداشلار،
010155lhaw0pz9ezt6w50f.jpg
    يىقىندىن بىرى ئۇيغۇر مۇنبەرلىرى ۋە ئۈندىدار قاتارلىق ۋاستىلەر بىلەن تارقالغان ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاپ پۈتۈنلەي ساقايتىدىغان بىر دورىنىڭ چىققانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر نۇرغۇن كىشىلىرىمىزنىڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە تالاش-تارتىشلارغا سەۋەب بولدى. ئەيدىز كېسىلى نۆۋەتتە دۇنياغا، جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدىكى   بىر قىسىم كىشىلەرگە چېتىشلىقى بار ئاپەت خاراكتىرلىك بىر كېسەل بولغاچقا، بىئو-مىدىتسىنا ساھەسىدىكى ئۇيغۇر كەسىپ ئەھلىلىرى ئەيدىز كېسەللىكلىرى تەتقىقاتىغا يىقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغان ئىدۇق. مەن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنۋاتقان ئىلمىي ماقالىلەرنى ئوقۇپ تۇرۋاتقان ۋە ئۆتكەن يىل 12-ئايغىچە دۇنيادىكى تىببى مۇتەخەسىسلەر ۋە ئالىملارنىڭ ئەيدىز كېسىلىنى بوي سۇندۇرۇش ئۈچۈن ھېلىمۇ توختماي ئىزدىنىۋاتقانلىقى ۋە بۇ جەھەتتە بىر قىسىم كىشىنى ئېلھاملاندۇرىدىغان ئىلگىرلەشلەرنىڭ مەيدانغا كىلۋاتقانلىقىنى بىلەتتىم.

   بۇ قېتىم ئەيدىز كېسىلىنى سەللىمازا داۋالاپ ساقايتىدىغان دورا چىققانلىقى ھەققىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن بۇ يېڭى خەۋەر مەن ۋە نۇرغۇن ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى ۋە بىز بۇ توغرىدا بىر ئورتاق پىكىرگە كەلدۇق. بۇ مەسلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشنى مۇھىم دەپ بىلىپ كۈچلۈك مەسئۇليەت تۇيغۇسى بىلەن بۇ ئىشنى ئېنىقلاشتا كۈچ چىقارغان بارلىق ئالىملىرىمىزغا ۋە تىببى مۇتەخەسىسلىرىمىزگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. مەن تىببىي ساھەدە دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق 15 ئۇنىۋىرستىتنىڭ بىرى بولغان ئامېرىكا نىيۇيورك شەھرىدىكى نوپۇزلۇق ئۇنىۋىرستىت-كولومبىيە ئۇنىۋىرستىتىدا مىدىتسىنا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنۋاتقان دوختۇر مەمەت ئىمىن ئاكا بىلەن تەپسىلىي پىكرلەشتىم. ئۇ ئۇزۇندىن بۇيان ئەيدىز كېسىلى توغرىسىدا كۆپ ئىزدىنىپ مۇشۇ ھەقتە بىر قىسىم ئاممىباپ ئۇيغۇرچە ماقالىلارنىمۇ يازغان بولۇپ، ئەيدىز كېسىلى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلاردىن ناھايتى ئەتراپلىق خەۋەردار ئىكەن.
ئۇ بۇ توغرىدا مۇنداق چۈشەنچە بەردى:
ئەيدىز كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى HIV ۋىرۇسى كۆپىنچە لىمغا ھۆجەيرىلىرىدە يوشۇرۇنۇپ ياتىدىغان بولۇپ پۇرسەت بولغاندا كۆپىيىپ قاندىكى مىقدارى يۇقىرىلايدۇ. گەرچە قاندا HIV ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈپ تاپالمىغان تەقدىردىمۇ بۇ ئەيدىز كېسىلىنىڭ پۈتۈنلەي ساقىيىپ كەتكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. چۈنكى ئىلگىرىمۇ ئامېرىكىدا قاندىكى HIV ۋىرۇسى پۈتۈنلەي تۈگىگەن بىمار ئۈستىدە كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان تەتقىقات نەتىجىلىرى ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما 2-3 يىل ئىچىدە شۇ بىمار قېنىدا يەنە HIV ۋىرۇسى قايتا پەيدا بولغان بولۇپ، بۇ HIV ۋىرۇسىنىڭ شۇ بىمار لىمفا ھۆجەيرىلىرىدە يوشۇرۇنۇۋالغانلىقىنى، ئەمەليەتتە بىمارنىڭ سەللىمازا ساقايمىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ھازىرغىچە دۇنيادا گەرچە HIV ۋىرۇسى سانىنى تىزگەنلەيدىغان ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئىلىپ بىرىشتا ئىشلىتىدىغان دورىلار بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەيدىزنى پۈتۈنلەي ساقايتىدىغان دورا تېخى بارلىققا كەلمىدى.
   بۇ قاراشلار مېنىڭ قارىشىم بىلەن تامامەن ئوخشاش بولۇپ، باشقا بىر قسىم تىببى ئالىملىرىمىزنىڭمۇ پىكىرىنى ئالغاندىن كىيىن تۆۋەندىكى خۇلاسىگە كەلدۇق:  «ھازىر بار بولغان ئىلمىي پاكىتلارغا ئاساسەن بۇ قېتىم تارقالغان «ئەيدىزنى پۈتۈنلەي ساقايتىدىغان دورا بارلىققا كەلدى» دىگەن خەۋەر ئىشەنچلىك ئەمەس».
   دۇنيادا ئىلىم-پەننىڭ بىرلا تىلى بولىدۇ، غەربنىڭ ياكى ئۇيغۇرنىڭ دەپ ئايرىلمايدۇ. ئۇيغۇر تىبابىتى دورىلىرىنى تەتقىق قىلىۋاتقان ئالىملىرىمىز، مەسىلەن، ياپونيەدىكى دوكتۇر ئەلقەم تۇرسۇن قاتارلىقلار، ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنىڭ كېسەل داۋالاش مىخانىزىملىرىنى ئىلمىي ماقالە قىلىپ يېزىپ ئېلان قىلىۋاتىدۇ ۋە غەربنىڭلا ئەمەس پۈتۈن دۇنيا ئالىملىرى ئېتراپ قىلغاچقا نوپۇزلۇق ئىلمىي ژورناللاردا ئېلان قىلىنىپ باشقىلار تەرىپىدىن پايدىلىنىش ماتىرىيالى قىلىنىۋاتىدۇ. گەرچە بىر قىسىم ئىجتىمائىي مەسلىلەردە كىشىلەر ئۆز خالىغىنى بويىچە پىكىرىنى بايان قىلسا يوللۇق بولسىمۇ، ئەمما پاكىتنى ئاساس قىلىدىغان تەبئىي پەن ساھەسىدە قولىدا ئېنىق پاكىت بولمىغان ئەھۋالدا ياكى باشقىلارنىڭ سانلىق مەلۇمات ۋە ئىلمىي پاكىتلىرىنى كۆرسىتىپ نەقىل قىلماي تۇرۇپ ھۆكۈم جۈملىلەرنى ئىشلىتىش ئىلمىيلىك ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇندىن كىيىن مۇشۇ خىلدىكى ئىلمىي مەسلىلەردە كىشىلىرىمىزنىڭ ئىلمىي پاكىتلارنى سۈرۈشتۇرۇپ ئاندىن بىر قاراشقا كىلىشىنىڭ ناھايتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيمەن. يۇقىرىدىكى خۇلاسىمىز نوقۇل ھالدا غەرب تىبابىتى بويىچە ئىلىپ بىرىلغان تەتقىقاتلار ئاساسىدا يەكۈنلەنگەن بولماستىن، بەلكى بار بولغان ئوچۇق ئاشكارا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئىلمىي پاكىتلار ئاساسىدا يەكۈنلەنگەن. شۇ سەۋەب مۇشۇ يېڭى ئەيدىز دورىسى توغرىدا ئېنىق بىر چۈشەنچىگە كىلەلمەي گاڭگىراپ قالغان قېرىنداشلارنىڭ كاللىسىدىكى سۇئاللىرىغا بۇ يەردە جاۋاپ چىققان بولۇشىنى ۋە توغرا چۈشىنىۋىلىشىنى سورايمەن.
ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاش ھەققىدە تەپسىلىيرەك توختالغۇم بار بولسىمۇ، ئەمما ھازىرچە خىزمەت ۋە تەتقىقاتلىرىمنىڭ ئالدىراشلىقى، يېزىشىمنى كۈتۈپ تۇرۋاتقان تېمىلارنىڭ كۆپلۈكى تۈپەيلى بۇ تېمىدىكى مەزمۇنلار ھەققىدە سۇئالىڭلار بولسا ۋاقتىدا جاۋاپ قايتۇرالماسلىقىم مۇمكىن، بۇ پەقەت ۋە مەن تونۇيدىغان بىر قىسىم كەسپىي تەتقىقاتچى-ئالىملار ۋە تىببىي مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. قالغىنى، ئوقۇرمەنلەر ئۆزلىرى قاراپ بىر كۆز قاراشتا بولسا بولىدۇ.

                                    ھۆرمەت بىلەن:      بىلگەجان

2014-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى (ئامېرىكا  سان ئانتونيو )

بىلگەجاننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

2013-10-15 01:01:55 AM چىقىرىش
چۈشۈرۈش (427.84 KB)



    دوكتۇر تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە ،ئۇيغۇر،1985-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ  يەكەندە مەرىپەتپەرۋەر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ تەربىيىسىنى يەكەندە ئۇيغۇر تىلىدا تاماملاپ 2001-يىلى 16 يېشىدا شىنجاڭ ئۇنىۋىرستىتى بىئولوگىيە فاكۇلتىتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. 2006-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋىرستىتى ھايۋاناتشۇناسلىق كەسپى ماگىستىر ئاسپىرانىتلىقىغا ئېمتىھانسىز قوبۇل قىلىنغان. 2009-يىلى 6-ئايدا ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرۈپ، شۇ يىلى 9-ئايدا ئامرىكا ۋايومىڭ ئۇنىۋىرستىتىنىڭ مولىكۇلا ۋە ھۆجەيرە بىئولوگىيسى كەسپىىگە تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن دوكتۇر ئاسپىرانىتلىققا قوبۇل قىلىنغان. ئامرىكىدا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان 4 يىل جەريانىدا ئۇ كۆپ قېتىم خەلىقئارالىق ئىلمىي يىغىنلاردا دوكلات سۆزلىگەن ۋە 10 پارچىدىن كۆپ يىغىن ئابىستراكتلىرى ۋە ئۆز ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق ئامرىكا ئىلمىي ژورناللىرىدا 5 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. بۇ يىل 5-ئايدا دوكتۇرلۇق دېسىسىرتاتسىيىسىنى غەلبىلىك ياقىلاپ ئامرىكا تەبئىي پەن دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ ھازىر تېكساس ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋىرسىتىتىنىڭ خىزمەت تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ شۇ مەكتەپتە دوكتۇر ئاشتى تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.






ۋاقتى: 2014-1-20 11:05:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما بولۇپتۇ ، مەنمۇ بەزى مۇنبەرلەدە ۋە ئۈندىداردا  تارقىلىۋاتقان ۋىدىئو  نى كۆرۈپ يارىپ  ئەپەندىمگە  سۈرۈشتۈرۈپ بىقىشنى  ئىيىتقان ئىدىم ، مەن بۇ تىمىڭىز ئارقىلىق جاۋابىنى ئالدىم .
رەھمەت!
ۋاقتى: 2014-1-20 13:24:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تازا قايىل ئەمەس كۆسەنى ئۇستازنىڭ لىكسىيەسىدە ئىنىقلا باركەنغۇ  تىخىمۇ ئىزدەنسەك بولغۇدەك  تىما ئىگسىگە كۆپ رەھمەت  ئاللاھ ئەجرىڭىزنى  بەرسۇن
ۋاقتى: 2014-1-20 16:06:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى يوللىغىنىڭىز بەك ياخشى بوپتۇ، بۇ توغرىدىكى غۇلغۇلا بەكلا كۆپ ئىدى.
ۋاقتى: 2014-1-20 16:28:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارپ مۇنبىرىگىمۇ شۇ توغرىدىكى فىلىمنى بىر نەچچىسى يوللىغان بولۇپ، فىلىمنى تەپسىلى كۆرگەندىن كىيىن، ئىلمىيلىك بىلەن دەلىل-ئىسپاتنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى، مۇجىمەللىك ھەم زىددىيەتلىك پىكىرنىڭ مەۋجۇتلىقى سەۋەبلىك مۇنبەرگە چىقارمىغان ئىدىم. بەزى تورداش دوستلارمۇ مۇشۇ فىلىم توغرىسىدا مەندىن پىكىر بىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. دېمىسىمۇ ھاياجانلىق پىكىرلەر بىلەن ئىلمىي دەلىللەش پەرىقلىنىدۇ.
ۋاقتى: 2014-1-20 18:45:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار مەن بۇ مۇنبەرنى كورۇۋاتقىلى خېلى ۋاقىـت بولدى.بۈگۈن ئەزا بولۇپ كىردىم.ئومۈر تولىمۇ چەكلىك بولىدىكەن .ھاياتلىقنى قەدىرلەيلى .ئادەم تۇغۇلغان ئىكەن ھامىنى بىر كۇن كىتدۇ. قاچانلىقنى ھىچكىم بىلمەيدۇ .ئۇمۇتۋار ياشايلى بەزى كىسەللەردىن ئانچە  ئاھ .....ۋاھ  لاپ كەتمىسەكمۇ بولار بولغۇلۇق بولدى.ئوتكەننى تاشلاپ ئالدىمىزغا قارايلى بەزى ئىشلارنى ئوزىمىزگە بېىم قىلۋالمىساق بىر كۇنمۇ بولسا ئارتۇق ياشايمىز دەپ ئويلايمەن.
ۋاقتى: 2014-1-21 01:46:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
minigqa allah kisalni bagandikin fawasinimu birdu hazirqa muhim masla aydiz bimarlirnig turmux ahwali aydiz bimarlirng turmux ahwali yahxilansa yukux nispitimu tuwanlaydu xuga mahsus bir aydiz kisallirga layik tonuxturdigan bira oron tasis kilsa uz ara quxunup turmux kursa bir birga roho yulak bolsa kalaymikan yukturdigan ixlarmu azlayti
ۋاقتى: 2014-1-21 01:48:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bolsa yarp apandi bir QQ topi kursigz tagdirdaxlar uz ara sirdixip rohi tasalli tap kalsa
ۋاقتى: 2014-2-1 12:33:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلاردا تېخى دىنى نوپۇز بىلەن پەننىڭ كۈچ قۇدرىتىگە قارىتا ئىلمى تونۇش شەكىللەنگىكىنى يوق. شۇڭا بۇ ئىشلاردا تالىشىش ئەخمەقلىق.
بىزنىڭ ئۈمۈت كۈتكىلى بولمايدىغاندەكلا.
ۋاقتى: 2015-3-14 13:13:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى يوللىغىنىڭىز بەك ياخشى بوپتۇ،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|Archiver|يانفۇن|يارپ مۇنبىرى ( 新 ICP 备 10001843号-2

GMT+8, 2017-1-20 03:22 , Processed in 0.155764 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed

© 2001-2013 Comsenz Inc. Template By 【 www.Yurtimiz.com 】

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش