يارىپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
全局 页头二级导航栏广告
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: ئەيدىز داۋالاش كېسەل
جەمئىي مىكروبلوگ 974 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 10087|ئىنكاس: 9

ئەيدىز ھەققىدە ئومۇمى بايان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەيدىزنىڭ تولۇق ئاتىلىشى «ئېرىشمە ئىممۇنتېت كەملىك يىغىندا ئالامىتى» (Acquired Immune Deficiency Syndrome) بولۇپ، ئېنگىلىزچە تولۇق ئاتىلىشىنىڭ باش ھەرىپلىرىنى تىزساق AIDS (ئەيدىز) سۆز كېلىپ چىقىدۇ، ھازىر قىسقارتىلىپ «ئەيدىز» دەپ ئاتاپ كېلىۋاتىمىز.
رەسىمدە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ چوڭايتىلغان كۆرۈنۈشى


1. ئەيدىز ئىپېدېمىيىسى:
ئەيدىز - 20-ئەسىرلەردە قارا ئورانگوتان تېنىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV)نىڭ ئادەم بەدىنىگە كۆچكەنلىكىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، 1981-يىلىغا كەلگەندە، ئامېرىكىدا تۈنجى ئەيدىز يۇقۇمدارى بايقالغان، شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى، بۇ بىمارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىقىغا دىئاگىنوز قويۇلغان. بۇ بىمار بەچچە (ھەمجىنىس)  بولغاچقا، دەسلەپتە ئامېرىكىدا كىشىلەر «مۇشۇنداق بەچچە ئەرلەرلا ئاشۇنداق كېسەل بولىدۇ» دېگەن كۆز –قاراشقا كەلگەن. لېكىن كېيىنچە بۇ خىل كېسەل بەچچە ئەمەس ئەرلەر، ئاياللار، قېرىلا، ھەتتا بالىلاردىمۇ كۆرىلىشكە باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن، ئەيدىز ۋىرۇسى تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا شىددەت بىلەن تارقىلىشقا باشلىغان.
مۆلچەرلىنىشىچە پۈتۈن دۇنيا مىقىياسىدا ھازىرغىچە ئەيدىز ۋىرۇسىدىن (HIV) يۇقۇملانغۇچىلار 60 مىليوندىن ئاشىدىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە 20 مىليوندىن ئارتۇق يۇقۇملانغۇچى ئۆلۈپ بولغان بولۇپ، يەنە 40مىليوندەك ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسىنى تېنىدە ئېلىپ يۈرمەكتە. (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2006-يىللىق سىتاتېستىكا مەلۇماتىدىن ئېلىندى)
ئەيدىز پىلان مەھكىمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن كۆرسىتىلىشىچە، 2012-يىلى دۇنيا بويىچە جەمئىي 2 مىليون 300 مىڭ ئەيدىز يۇقۇمدارى يېڭىدىن كۆپەيگەن بولۇپ، 2001-يىلىدىكىگە قارىغاندا %33 ئازلىغان، ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈش نىسبىتى بولسا 2005-يىلىدىكى يۇقىرى دولقۇنغا سېلىشتۇرغاندا %30 تۆۋەنلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى داۋالاش دائىرىسى يەنىمۇ بىر قەدەم كېڭەيگەن بولۇپ، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، ئوتتۇرا-تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەردىكى 9 مىليون 700 مىڭ يۇقۇمدار بۇ خىل داۋالاشنى قوبۇل قىلىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىگە قارىغاندا %20كە يېقىن ئاشقان.
لېكىن ئۆتكەن 10 يىل ئىچىدە، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ %33 كۆپەيگەنلىكىنى، ھەمدا 2012-يىلى دۇنيادىكى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان 10 ياشتىن 19 ياشقىچە بولغان ياش- ئۆسمۈرلەر سانىنىڭ 2 مىليون 100 مىڭغا يەتكەن.
مەملىكىتىمىزدە 1985-يىلى تۇنجى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى بايقالغان بولۇپ، 2010-يىلغىچە، ئەمەلىي تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان سان 230 مىڭ نەپەر بولۇپ، ئەمەلىي يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 700 مىڭ ئىكەنلىكى مۆلچەرلەنمەكتە. ئۇنىڭدىن باشقا 470 مىڭدەك ئادەم ئۆزىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى بىلمەي يۈرۈيدىكەن. نەچچە يىل بۇرۇن، ئەيدىزنىڭ جۇڭگودىكى يۇقۇش يولى شەخسىي ئورۇنلاردا قان سالدۇرۇش ۋە زەھەرلىك چېكىملىكنى تومۇردىن چېكىش ئارقىلىق بولغان بولسا، يېقىندا جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرىۋېلىش نىسبىتى ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ.
ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە تۇنجى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى 1995-يىلى قۇمۇلدا بايقالغان بولۇپ، 2013-يىلى 9-ئايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا دوكلات قىلىنغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ۋە بىمارلىرىنىڭ يىغىندا سانى 40 مىڭ 122 غا يېتىپ، بۇلارنىڭ 7070 نەپىرى ئۆلگەن. ھازىر 25 مىڭ 846 نەپىرى ھايات، 7206 نەپىرى ئەيدىزنىڭ كېسەللىك باسقۇچىغا كىرگەن. شۇڭا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەيدىز ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇقتىلىق ئالدىنى ئېلىنىدىغان ۋە داۋلايدىغان ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ قالدى.
2012-يىلىدىكى مەلۇماتقا قارىغاندا، شىنجاڭدىكى ئەيدىز يۇقۇم ۋەزىيىتى تۆۋەندىكىدەك ھالەتتە ئىكەن:
شىنجاڭ ئەيدىزنىڭ كەڭ كۆلەمدە تارقىلىش دەۋرىگە كىرگەن بولۇپ، تومۇردىن زەھەر چېكىش ئارقىلىق ئەيدىز يۇقىدىغان ئاساسلىق يۇقۇش يولى نۆۋەتتە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇشقا ئۆزگەردى؛ ئەر-ئاياللارنىڭ يۇقۇش نىسبىتى بىردەك؛ ئاساسلىق يۇقۇملانغۇچىلار 20 ياشتىن 39 ياشقىچە بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى يۇقىرىراق؛ يۇقۇمدارلار ئىلى ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى ۋە تۇرپان ۋىلايەتلىرىگە بىر قەدەر مەركەزلەشكەن بولۇپ، بۇ رايوندىكىلەر ئومۇمىي يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ %90.8نى ئىگىلەيدۇ؛ جەنۇبىي شىنجاڭدا يېڭىدىن بايقالغان يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ نىسبىتى ئېشىپ بارماقتا؛ بۇرۇن يۇقۇملانغۇچىلار بىر تۇتاش كېسەللىك باسقۇچىغا كىرىپ، دوكلات قىلىنغان ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ سانى يىلسېرى ئېشىپ بارماقتا.
خۇلاسە شۇكى، شىنجاڭدىكى ئەيدىز يۇقۇمى ئومۇمىي جەھەتتىن تۆۋەن تارقىلىش ھالىتىدە بولۇپ، خاس كىشىلەر توپى ۋە قىسمەت رايونلاردىكى يۇقۇم ئەھۋالى يۇقىرى بولماقتا، تومۇردىن زەھەر چېكىدىغانلار ئارىسىدىكى ئەيدىزنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالى بىر قەدەر تۇراقلىق، جىنسىي قىلمىشتىن تارقىلىش ئەھۋالى روشەن ئېشىپ، ئەيدىزنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان كىشىلەر يىلسېرى كۆپىيىپ، ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ۋەزىيىتى بىر قەدەر قىيىن بولىۋاتىدۇ.

ئامېرىكا ئېلان قىلغان ئەيدىزنىڭ جۇڭگودىكى تارقىلىش خەرىتىسى


2. ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرى ۋە شەرتلىرى
ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV) تەبىئەت دۇنياسىدىكى باشقا كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ۋىرۇسلارغا ئوخشاش، كېسەللىك مەنبەسىدىن ئىككىنچى بىر كىشىنىڭ تېنىگە كىرىش ئارقىلىق يۇقىدۇ. گەرچە مەتبۇئاتلاردا ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرىنى تۈرلۈك-تۈمەن تەسۋىرلەپ ئوقۇرمەنلەرنى ھەيرانۇ-ھەس قالدرۇغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇشى پەقەت قاندىن يۇقۇش، جىنسىي مۇناسىۋەتىن يۇقۇش ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقۇشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل يول ئارقىلىقلا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھەر بىر يۇقۇش يولى ئۈچ خىل شەرتنى تولۇق ھازىرلىغاندىلا، ئاندىن ئەيدىزنىڭ يۇقۇش ھادىسىسىنى تاماملىيالايدۇ. ئۇنداقتا بىز تۆۋەندە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇش يولى ۋە شەرتلىرىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:
1) قاندىن يۇقۇش.
قاندىن يۇقۇش ئاساسەن ئوكۇل-شپېرىسلارنى ئورتاق ئىشلىتىش؛ ئەيدىز ۋىرۇسى تەكشۈرۈشىدىن ئۆتمىگەن قان ۋە قان ياسالمىلىرىنى ئىشلىتىش؛ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن بۇلغاندىن ئوكۇل بۇيۇملىرى سانجىلىپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللاردىن كۆرىلىدۇ.
ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ جۇڭگودىكى ئاساسلىق يۇقۇش يولى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر ئۇكۇل يىڭنىسى ياكى شپېرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ تومۇردىن ئوكۇل قىلىپ زەھەر چېكىشتىن يۇقىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچى ئوكۇل ئارقىلىق زەھەر چەككەندىن كېيىن يىڭنە ۋە ئىشپېرىسلاردا ئاز مىقداردا قان تۇرۇپ قالىدۇ. ئەگەر باشقا بىرەيلەن مۇشۇ يىڭنە ياكى ئىشپىرىسنى يەنە ئىشلەتسە، قان قالدۇقلىرىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىۋاستىلا ئۇنىڭ قان ئايلىنىش سېستىمىسىغا كىرىدۇ-دە، يۇقۇملىنىش كېلىپ چىقىدۇ.
بەزى جايلاردا قان بېرىش ۋە قان سالدۇرۇش ئارقىلىق يۇقۇملىنىپ قېلىشتەك ئەھۋاللار مەۋجۈت. شۇڭلاشقا قان قوبۇل قىلغۇچى ئىشلەتكەن قاننىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن ئۆتمىگەنلىكىنى دوختۇرخانىدىن سوراش، قان تەغدىم قىلغاندا ئىشلەتكەن ئوكۇل- ئەسۋاپلارنىڭ تازلىقىنى تەكشۈرۈش، باشقىلارنىڭ قېنىنىڭ ئۆز تېنىگە كىرىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش، قاننى ھۆكۈمەت بېكىتكەن ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش ئاپپاراتلىرىغا تەغدىم قىلىشى كېرەك. قۇلاق تېشىش، قاش- كۆز چەكتۈرۈش ۋە بەدەنگە گۈل چېكىشلەرنىڭمۇ مۇئەييەن خەتىرى بار.
(2جىنسى مۇناسىۋەتتىن يۇقۇش
ئاساسەن قوغدىنىشسىز(گاندوك ئىشلىتىلمىگەن)جىنسى مۇناسىۋەتتىن يۇقىدۇ.
جىنسى مۇناسىۋەت (جىما) جەريانىدا، جىنسى ئەزانىڭ سىرتقى يۈزى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە زەخمىگە ئۇچىرايدۇ-دە، سپېرما سۇيۇقلۇقى ۋە جىنسى ئەزا سۇيۇقلۇقىنىڭ تەركىۋىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى مۇشۇ ئورۇندىن قارشى تەرەپنىڭ قېنىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ.
مەقئەت ئارقىلىق جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنىڭ خەتىرى ئەڭ يۇقىرى. چۈنكى مەقئەت ئەتراپىدىكى توقۇلمىلار نېپىز ھەم چۈرۈك بولغاچقا ئاسان يىرتىلىپ كېتىدۇ. جىنسى يول ئارقىلىق قوغدىنىشسىز جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشمۇ ئوخشاشلا خەتەرلىك بولۇپ، ۋىرۇس جىنسى يول ئارقىلىق يۇقىدۇ.
ئەگەر ئەر-ئايالنىڭ بىرسىدە جىنسى كېسەل بولسا، ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ قېلىشنىڭ خەتىرى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. چۈنكى كۆپلىگەن جىنسى كېسەل بىمارلىرىنىڭ جىنسى ئەزاسىدا جاراھەتلەر بولغاچقا، ئاسانلا يېرىلىپ قاناش ئەھۋالى كۆرىلىدۇ-دە، تېخىمۇ ئاسان يۇقۇملىنىش كېلىپ چىقىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ جىنسى كېسەل بولغانلارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرىۋېلىش خەتىرى جىنسى كېسىلى بولمىغانلارغا قارىغاندا3-5 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ.
ئېغىز ئارقىلىق جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنىڭ خەتىرى گەرچە بىر قەدەر تۆۋەن بولسىمۇ، بىراق يەنىلا يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى بولىدۇ. چۈنكى ئەگەر ئېغىز بوشلۇقىدا جاراھەت بولسا شۇ ئارقىلىق يۇقۇملىنىشى مۇمكىن.
ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ئايال ھەيز كۆرۈش مەزگىلىدە جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە، ۋىرۇسنى قارشى تەرەپكە يۇقتۇرۇپ قويۇش خەۋىپى بىر قەدەر زور بولىدۇ.
( 3 ئانىدىن بالىغا يۇقىدۇ
ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ئانا ھامىلدار مەزگىلى، تۇغۇت مەزگىلى ۋە ئېمىتىش مەزگىلىدە ۋىرۇسنى ھامىلىگە ياكى بوۋاققا يۇقتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن.
ئېسىڭىزدە بولسۇن:HIVئادەتتەھاۋادىن، كىيىم-كېچەكتىن، بەدەن تېگىشىشتىن، بىللە غىزالىنىشتىن يۇقمايدۇ. بۇ ۋىرۇس پەقەتلا يۇقارقى 3 خىل يولدىنلا يۇقىدۇ. شۇڭا ئائىلىمىزدە يۇقۇملانغۇچى بولسا، يۇقۇپ قېلىشتىن ئەنسىرمەي، ئۇلار بىلەن بىللە ياشاۋەرسەك ۋە ئۇلارنى ياخشى كۆرىۋەرسەك بولىدۇ. بۇ پاكىت چوقۇم ئىسىڭىزدە بولسۇن.
ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ئايال ھامىلدارلىق مەزگىلى، تۇغۇت مەزگىلى ۋە ئېمىتىش مەزگىلىدە ۋىرۇسىنى ھامىلىگە ياكى بالىغا يۇقتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. مۆلچەرلىنىشىچە يۇقۇملىنىش خەۋىپى%13-%42 ئەتراپىدا بولىدىكەن.
ئەگەر دەسلەپتە ھېچقانداق تەدبىر قوللانماي تۇغۇلغاندىن كېيىن ئانا سۈتىدىن ئايرىپ باققاندا، ئانىدىن بالىغا يۇقۇش خەۋىپى% 15---%30گىچە بولىدۇ. ئانا سۈتى بىلەن باققاندا بولسا يۇقۇملىنىش خەۋىپى %30---%45گىچە بولىدۇ.
تۇغۇت جەريانىدا ئانىغا ۋە بوۋاققا ۋىرۇسقا قارشى دورا ئىچكۈزۈش ھەم ئانا سۈتىدىن ئايرىپ بېقىش ئارقىلىق، ئانىدىن بالىغا يۇقۇش ئېھتىماللىقىنى يەنە 50% تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، يۇقۇملانغان ئانىنىڭ تېنىدىكى ۋىرۇسنىڭ مىقدارى يۇقۇملاندۇرۇش ئېھتىماللىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ۋىرۇسنىڭ مىقدارى قانچە كۆپ بولسا، يۇقۇش ئېھتىماللىقىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. يەنە ئانىنىڭ تۇغۇت شەكلى، جىنسى كېسىلى بار-يوقلۇقى ۋە ئانىنىڭ تەن سالامەتلىك ئەھۋالى بالىنىڭ يۇقۇملىنىش ياكى يۇقۇملانماسلىقىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. بوۋاقنىڭ شۆلگىيى ۋە ئاشقازان كېسلاتاسى تولۇق يېتىلمىگەن بولغاچقا ۋىرۇسنى ئۆلتۈرەلمەيدۇ، شۇڭا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن بۇلغانغان ئانا سۈتى بوۋاقنىڭ ئاشقازىنىغا كىرگەندە ئاسان يۇقۇملىنىدۇ. يۇقۇملانغان ئانىنىڭ تېنىدىكى ۋىرۇسنىڭ مىقدارى قانچە كۆپ بولسا، بوۋاقنى ئەمدۈرگەندە ئانا سۈتىدىن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.
بوۋاق تۇغۇلۇپ18 ئايلىق بولغاندا ئاندىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق بوۋاقنىڭ ھەقىقىي يۇقۇملانغان ياكى ئەمەسلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. چۈنكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقتا ئانىسىنىڭ ئانتېتلاسى بولىدۇ، بىراق بۇ ۋاقىتتا بوۋاقنىڭ يۇقۇملانغان ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ. پەقەت بالىنىڭ بەدىنىدىكى ئانىسىنىڭ ئانتېتلاسى يوقىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىممۇنىتېت سېستىمىسى ئانتېتلا ئىشلەپچىقارغاندىن كېيىن ئاندىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىلگىلى بولىدۇ. بىراق بوۋاق ھەقىقى يۇقۇملانغان بولسا، كېسەلچان بولىدۇ، ھەم سالامەتلىكىمۇ ناچار بولىدۇ.
ھازىر ھەقسىز بولغان (ۋىرۇسقا قارشى دورا ئارقىلىق) ئانىدىن بالىغا يۇقۇشنى توسۇپ داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىنىۋاتىدۇ.
يۇقۇملانغان ھامىلدار ئاياللار ھەقسىز ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنىڭ شەرتىگە چۈشسىلا، داۋالىنىشنى قوبۇل قىلسا بولىدۇ.
يۇقۇملانغان ئاياللار ۋە يۇقۇملانغان ھامىلىدار ئاياللار ئەگەر بالىلىق بولۇشنى ئويلىسا، ئامال قىلىپ بالىنىڭ يۇقۇملىنىش خەتىرىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك.

يۇقۇش شەرتلىرى:
ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ بىر ئادەمدىن يەنە بىر ئادەمگە يۇقۇشى ئۈچۈن چوقۇم تۆۋەندىكى ئۈچ شەرتنى ھازىرلىشى كېرەك.


    ئىچىدە چوقۇم بىرسى ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچى بولۇشى كېرەك. تەن سۇيۇقلۇقىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ مىقدارى يېتەرلىك بولۇشى كېرەك.
  • تەركىۋىدە ۋىرۇس بولغان تەن سۇيۇقلۇقى مەلۇم يوللار ئارقىلىق يەنە بىر ئادەمنىڭ قان ئايلىنىش سېستىمىسىغا كىرىشى كېرەك.
يوقارقى شەرتلەرنىڭ بىرسى كەم بولسا بولمايدۇ،چوقۇم ھەممىسى تولۇق بولۇشى كېرەك.
مىسال ئالايلى:
بىرىنچى مىسال:ئەيدىز ۋىرۇسى(HIV) بىلەن لىق تولغان بىرقاچىنى سىنىپنىڭ ئوتتۇرسىغا قويۇپ قويسام، ئەمما ئۇنىڭغا ھېچكىم چېقىلمىسا، ئەيدىز يۇقامدۇ؟ نىمە ئۈچۈن؟ (جاۋابى: 1-شەرت بىلەن 2-شەرتكە توشقان بىلەن 3- شەرتكە توشمىدى، چۇنكى قاچىدىكى HIVھېچكىمنىڭقان ئايلىنىش سېستىمىسىغا كىرمىدى، ۋىرۇسلار شۇ پېتى تۇتۇپتۇ، شۇڭا بۇ يۇقمايدۇ).
ئىككىنچى مىسال: ئەگەر بىراۋ ئىشلىتىلمىگەن پاكىز ئىشپىرىسنى ئوكۇل قىلىپ زەھەر چەكسە، ئەيدىز يۇقامدۇ؟ نىمە ئۈچۈن؟ (جاۋابى: 3-شەرت ھازىرلانغان بىلەن 1- ۋە 2- شەرتلىرى ھازىرلانمىدى، يەنى بۇ يەردە ھېچقانداق ئەيدىز ۋىرۇسى يوق، شۇڭا يۇقمايدۇ).
ئۇچىنچى مىسال: ئەگەر قوغدىنىش تەدبىرى قوللۇنۇلمىغان ئەھۋالدا ئەيدىز يۇقۇمدارى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە، ھەم بەدەن سۇيۇقلۇقى يەنە بىر ئادەمنىڭ تېنىگە ۋە قېنىغا كىرىپ كەتسە، ئەيدىز يۇقامدۇ؟ نىمە ئۈچۈن؟ (جاۋابى: يۇقىدۇ، چۈنكى قارشى تەرەپ بىر يۇقۇملانغۇچى، بۇ يەردە يۇقۇملىنىشىڭىزنىڭ خەۋىپى بەك چوڭ. ئەگەر ئىككىلى تەرەپ ساغلام ئادەملەر بولسا، ھېچقانداق كېسەل يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلمەيدۇ).
دىمەك،ئەيدىز ۋىرۇسى بىر ئادەمدىن يەنە بىر ئادەمگە يۇقۇش ئۈچۈن يۇقارقى ئۈچ شەرتنىڭ ھەممىسىنى تولۇق ھازىرلىشى كېرەك. ئائىلىڭىزدە بىرەر يۇقۇملانغۇچى بولسا، ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرىنى ئېسىڭىزدە تۇتۇپ، قان ۋە تەن سۇيۇقلۇقى بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىشتىن ساقلانسىڭىزلا، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالسىڭىز پۈتۈنلەي بىخەتەر بولىدۇ. مەلۈم بىرەيلەننى ياخشى كۆرسىڭىز، ھالىدىن خەۋەر ئالسىڭىز،بىللە ئىشلىسىڭىز، بىللە غىزالانسىڭىز ياكى كوللىكتىپ پائالىيەتلەرگە بىللە قاتناشسىڭىزمۇ (ئەگەر ئۇ يۇقۇملانغۇچى بولغان تەقدىردىمۇ) ھېچقانداق خەتىرى يوق.


3. ئەيدىز ۋىرۇسى ۋە ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنتېت سېستىمىسى
ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV) ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، ئىممۇنتېت سېستىمىسىنىڭ مۇھىم ھالقىسى بولغان CD4 لىمفا ھۈجەيرىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىدۇ، ھەمدە CD4 ھۈجەيرىسىنىڭ ئىچىدە مىليونلاپ كۆپىيىپ، مەلۇم چەككە يەتكەندە CD4 ھۈجەيرىسىنى يېرىپ سىرتقا چىقىدۇ. يېڭىدىن كۆپەيگەن بۇ ئەيدىز ۋىرۇسلىرى يەنە مىليونلىغان CD4 ھۈجەيرىلىرىگە چاپلىشىپ، ئىچىگە كىرىپ كۆپىيىپ، يېڭى- يېڭى ئەيدىز ۋىرۇسلىرىنى پەيدا قىلىش بىلەن بىرگە، CD4 ھۈجەيرىلىرىنى كۆپلەپ نابۇت قىلىپ، ئىنساننىڭ ئىممۇنتېت سېستىمىسىنى پالەچ ھالەتكە كەلتۈرىدۇ.
بۇنىڭ بىلەن، ئىممۇنتېت سېستىمىسى تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە تاقابىل تۇرالمايدۇ، ھەمدە ئادەم بەدىنىدە ھەرخىل كېسەللىكلەر كۆپىيىشكە باشلايدۇ.


ئادەم ئىممۇنىتېت سېستىمىسىدا، يۇقۇملىنىشقا ۋە راكقا قارىشى ھەرخىل ھۈجەيرىلەر بولىدۇ،HIVمانامۇشۇ خىل ھۈجەيرىلەرگە چاپلىشۋالىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئىچىدە كۆپىيىپ، ھۈجەيرىلەرنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىتىدۇ. ئاخىرىدا HIVئاستا-ئاستا پۈتكۈل ئىممۇنىتېت سېستىمىسىنى ئىگەللەپ، بەدەن يېتەرلىك مىقداردىكى ۋىرۇسقا قارىشى ھۈجەيرىلەرنى ئىشلەپچىقىرالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ھەرخىل كېسەللىك ئامىللىرى بەدەنگە بۆسۈپ كىرىپ، راك ياكى باشقا خىل كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئىممۇنىتېت سېستىمىسى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، تېرىدىن تارتىپ ئىنتايىن كىچىك ھۈجەيرىلەرگىچە ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا بۇنى چۈشىنىش بىر قەدەر قىيىن، بىراق ئەنسىرىمەڭ! ئىممۇنىتېت سېستىمىسى ئۈچۈن قاندىكى ئىككى نەرسە، يەنى Bھۈجەيرەۋە Tھۈجەيرە ئىنتايىن مۇھىم.
Bھۈجەيرە—ئاساسلىقى ئانتېتلا ئىشلەپچىقىرىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى بۇ ھۈجەيرىنى ئۆلتۈرەلمەيدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىقمۇ تەكشۈرۈپ چىققىلى بولمايدۇ. بۇ ھۈجەيرىنىڭ ئادەم بەدىنى مەلۇم ۋىرۇس ياكى باكتېرىيىدىن يۇقۇملانغاندا سىگنال بېرىش رولى بار.
Tھۈجەيرە—تۈرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئەيدىز ۋىرۇسى بۇنىڭ ئىچىدىكىT4(ياكىCD4)دېگەن ھۈجەيرىگىلا ھۇجۇم قىلىدۇ. ئەمما ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ئىممونت سېستىمىسى بىر مۇكەممەل سېستىما. ئەگەر CD4ھۈجەيرىسىنورمال خىزمەت قىلالمىسا، پۈتكۈل سېستىما ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ.


4. ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى 3 مەزگىلى
بىر ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ تاكى شۇ كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتكىچە بولغان ئارىلىق كۆزنەك، يوشۇرۇن ۋە كېسەللىكتىن ئىبارەت ئۈچ مەزگىلگە بۆلۈشكە بولىدۇ:


1) كۆزنەك مەزگىلى: بۇ مەزگىل يەنە ئۆتكۈر كلىنكىلىك دەۋرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، تەخمىنەن 1 ھەپتىدىن 3 ئايغىچە بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە بەدەن تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارىتا ھېچقانداق قارىشلىق (ئىنكاس) كۆرسەتمەيدۇ، يەنى ئۇنىڭغا قارىشى ئانتېتلا ئىشلەپچىقارمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ۋىرۇس ئادەم بەدىنىدە شىددەت بىلەن كۆپىيىپ، مەلۇم چەككە يېتىدۇ. شۇڭا بۇ مەزگىلنىڭ يۇقۇملاندۇرۇش كۈچى كۈچلۈك بولىدۇ. ئادەتتە 50-80% ئادەمدە زۇكامداش، تۆۋەن تېپىراتورىدا قىزىش، يۆتىلىش، بەزىدە تېرىسىگە ئەسۋە چىقىش دىگەندەك كىچىك ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىنى تەكشۈرۈشتە ئادەتتە قاندىكى ئانتېتلانى تەكشۈرىدۇ. قاندا ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارىشى ئانتېتلا تېخى شەكىللەنمىگەچكە، نەتىجىسى مەنفى، يەنى "يۇقۇملانمىغان" بولۇپ چىقىدۇ. ئەگەر يېڭى يوقۇملانغۇچى كۆزنەك ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا قان تەغدىم قىلسا تەكشۈرۈپ بىلگىلى بولمايدۇ-دە، كېيىن شۇ قاننى قوبۇل قىلغۇچى بىمار ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ قالىدۇ. شۇنداقلا خەتەرلىك ھەرىكەت (ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش، قوغدىنىشسىز جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش دىگەندەك) بىلەن شوغۇللانغاندىمۇ قارىشى تەرەپكە ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇپ قويالايدۇ.
(قوشۇمچە: بۇ مەزگىلدە ئادەم ئىممونىت سېستىمىسى بەدەنگە كىرگەن ئەيدىز ۋىرۇسىنى تېخى بايقىمىغانلىقتىن، CD4 ھۈجەيرىسىمۇ ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارىتا ئانتېتلا ئىشلەپچىقارمايدۇ. مۇشۇ مەزگىلنىڭ ئاخىرىغا بارغاندىلا ئاندىنCD4 ھۈجەيرە ئاكتىپ پائالىيەتكە ئۆتۈپ، يوشۇرۇن مەزگىلگە قەدەم قويىدۇ.)
2) يۇشۇرۇن مەزگىل:بۇ مەزگىل يەنە ئالامەتسىز دەۋرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، تەخمىنەن 6-10 يىلغىچە بولىدۇ. ئەگەر ياخشى كۈتۈلسە، كۆپ روھى بېسىم بولمىسا 15، ھەتتا 20 يىلغىمۇ ئۇزاتقىلى بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە بەدەن ۋىرۇسقا قارىشى ئانتېتلا ئىشلەپچىقىرىشقا باشلايدۇ. ئادەم ئىممونت سېستىمىسى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئۇزاق مەزگىللىك كۆرەش قىلىش جەريانىنى باشلايدۇ. بۇ چاغدىمۇ يۇقۇملانغۇچىدا ھېچقانداق چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدۇ. خۇددى نورمال ئادەمدەك ياشاۋىرىدۇ. مۇشۇ 6-10 يىل جەريانىدا زۇكامداش، قىزىپ قېلىش ياكى قۇرسىقى ئاغرىش دىگەندەك كىچىك كېسەللكلەر كۆرىلىدۇ ئەلۋەتتە، لېكىن بۇنداق ئالامەتلەر ساغلام ئادەمدىمۇ كۆرىلىدۇ. شۇڭا بۇ مەزگىلدىمۇ بىر كېسەلگە گىرىپتار بولغاندەك كۆرۈنمەيدۇ، شۇنداقلا ئۆزىدىن گۇمانلىنىپ دوختۇرخانىغا بېرىپ مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنىمۇ قىلىپمۇ كەتمەيدۇ. ئەمما قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. بۇ جەرياندا، گەرچە ساغلامدەك كۆرۈنسىمۇ، بەدەن ئىچىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى ئىنتايىن ھەرىكەتچان بولۇپ، ئىممونت سېستىمىسىنى ئۆزلۈكسىز بۇزۇپ تۇرىدۇ. بۇ مەزگىلدىمۇ ئوخشاشلا خەتەرلىك ھەرىكەت ئارقىلىق باشقىلارغا ۋىرۇسنى يۇقتۇرۇپ قويالايدۇ.
(قوشۇمچە: بۇ مەزگىلدە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىتىشى بىلەنCD4ھۈجەيرىسى ئاستا-ئاستا ئازلاپ كېتىدۇ-دە، بىر پۈتۈن ئىممونىت سېستىمىسىنىڭ كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش كۈچىگە تەسىر يېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەر خىل پۇرسەتلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئادەم بەدىنىگە ئاسانلا بۆسۈپ كىرىدۇ.)
3) كېسەللىك مەزگىلى: تەخمىنەن 1-2 يىلغىچە بولىدۇ. بۇ مەزگىل ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم ئىممونت سېستىمىسىنى تەلتۆكۈس دىگۈدەك بۇزغان مەزگىل بولۇپ، ئىممونت سېستىمىسى ئاجىزلىغان سەۋەبلىك ھەرخىل پۇرسەتلىك كېسەللەر، مەسلەن: ئۆپكە ياللۇغى، تۇبېركىليۇز ۋە تاسمىسىمان قاپارتما دىگەندەك كېسەللىكلەردىن يۇقۇملىنىدۇ ۋە ھەرخىل ئۆسمىلەر (راك) پەيدا بولىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى ئەيدىز كېسىلىدىن ئەمەس، بەلكى ئەيدىز ۋىرۇسى ئىممونت كۈچىنى ئاجىزلىتىۋەتكەنلىك سەۋەبىدىن، بەدەنگە بۆسۈپ كىرگەن باشقا خىل كېسەللىكلەرگە تاقابىل تۇرالماي ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇ ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن- قىسقىلىقى يەنە يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى، تەن سالامەتلىكى، جىنسى كېسىلى بار- يوقلۇقى، زەھەر چىكىش- چەكمەسلىكى، روھى ھالىتى ۋە شۇنداقلا ئەتىراپتىكى مۇھىت قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر يۇقۇملانغۇچى ياخشى كۈتۈلسە، روھى كۆتىرەڭگۈ ۋە خۇشال يۇرسە، بۇ مەزگىلنىمۇ ئۇزارتقىلى، ھەتتا يوشۇرۇپ مەزگىلگە قايتۇرۇپ ئەكەلگىلى بولىدۇ.
(قوشۇمچە: ئەيدىز ۋىروسىدىن يۇقۇملانغۇچى بىر يىلدا تەخمىنەن 50دانە CD4ھۈجەيرىسىنىيوقىتىدۇ. شۇڭا ئەگەر بىر يۇقۇملانغۇچىنىڭ دەسلەپتە مىڭ دانەCD4ھۈجەيرىسى بار دىسەك، 12ئايدىن كېيىن 950دانىسى قالىدۇ. يەنە 12ئايدىن كېيىن 900دانىسى قالىدۇ. مۇشۇنداق ھېسابلىساق 500دانەCD4ھۈجەيرىسى بار دېسەك بۇ ئادەمنىڭ ئىممونت سېستىمىسى ئوتتۇرھال دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولىدۇ. پەقەتلا 200دانەCD4ھۈجەيرىسى قالغاندا بولسا بۇئادەم ھەر خىل پۇرسەتلىك كېسەللىكلەردىن ئاسانلا يۇقۇملىنىدۇ. بىراق يۇقۇملانغۇچىلار ئارىسىدىكى پەرقمۇ بىر قەدەر زور بولۇپ بەلكىم بىرسى 200دانەCD4ھۈجەيرىسى قالغاندا كېسەل قوزغىلىشقا باشلىسا، يەنە بىرىسى 20دانە CD4 ھۈجەيرىسى قالغاندىمۇ يەنە كېسەل قوزغالماسلىقى مومكىن. )


5. ئەيدىزنى بالدۇر بايقاشنىڭ ئالامەتلىرى:
ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV) بىر تۈرلۈك ئادەمنىڭ ئىچكى ئەزالىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئىممۇنتېت سېستىمىسىدىكى مۇھىم بولغان 4CD (يەنە 4T دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ھۈجەيرىلىرىنى زور مىقداردا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئادەم ئەجەللىك ئاجىزلىققا دۇچ كېلىدۇ. بۇ ۋىرۇس ئىنساننىڭ بەدىنىدە ئۆمۈرلۈك يۇقۇملىنىپ، ئىممۇنتېت تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇپ، ھەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ بەدەنگە كىرىشىگە شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئۆزى ھېچقانداق كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرالمايدۇ، پەقەت ئىنساننىڭ ئىممۇنتېت ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ، باشقا خىل كېسەللىكلەردىن يۇقۇملىنىشىقا شارائىت يارىتىش ئارقىلىق ئادەمنى ئەجەلگە ئېلىپ بارىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى يوشۇرۇن مەزگىلى ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 9 يىلدىن 10 يىلغىچە بولىدۇ، كېسەللىك مەزگىلگە كىرىشتىن ئىلگىرى، ئەيدىز يۇقۇمدارى كۆرۈنۈشتە ئىنتايىن نورمال بولۇپ، باشقا نورمال كىشىلەرگە ئوخشاش ھېچقانداق ئالامەت كۆرۈلمىگەن ئاساستا ياشايدۇ ۋە خىزمەت قىلىدۇ.
ئەيدىز ۋىرۇسى ئىنساننىڭ ئىممۇنتېت سېستىمىسىنى چەكلەش ئارقىلىق تۈرلۈك تېرە كېسەللىكلىرىنى، مەسىلەن: قاپارتما، سۆگەل ۋە زامبۇرۇغدىن يۇقۇملانغان تېرە كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئامېرىكا داۋالاش مەركىزى تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدىكى پروففېسسور كارنىتنىڭ دېيىشىچە، بىماردا ئورۇقلاش، ھارغىنلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشتىن نەچچە ئاي ئىلگىرى، تېرە ئالامەتلىرى كۆرىلىدىكەن.

ئىلگىرلەپ كۈزىتىشلەر ئارقىلىق، تەتقىقاتچىلار كۆپلىگەن ئېغىر ۋە جاھىل تېرە كېسەللىكلىرى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى بولالايدىغانلىقىنى بايقىدى. ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ئادەمنىڭ بەدىنىدە مۇناسىۋەتلىك ئانتېتىلا ئاجرىلىپ چىقىدۇ. تەتقىقاتلاردىن كۆرسىتىلىشىچە، بەدىنىدە بۇ خىل ئانتېتىلا كۆرۈلگەن كىشىلەردە تۆۋەندىكى بىر ياكى نەچچە خىل تېرە كېسەللىكلىرى كۆرىلىدىكەن:
1) تېرە ياللۇغلىنىش، قىزىرىپ ئىششىش، سۇلۇق قاپارتما ۋە يىرىڭلىق قاپارتما قاتارلىق تېرىنىڭ باكتېرىيەلىك يۇقۇملىنىشلىرى، تىپىك بولغانلىرىدا ئېغىزى ۋە بۇرۇنىنىڭ ئەتراپىغا چاچما ھالەتتىكى ئۇششاق سۇلۇق قاپارتمىلار چىقىدۇ.
2) ئېغىر بولغان مايلىق تېرە ياللۇغى. يۈزى، باش ۋە بەدەن تېرىلىرىدە ئېغىر بولغان مايلىق قاسراقلىق كىپەكلەر پەيدا بولىدۇ.
3) ئېغىر بولغان تېرە قۇرغاقلىشىش كېسىلى كۆرىلىدۇ ياكى ياشلاردا تۇيۇقسىز قېرىلارنىڭكىدەك تېرە كۆرىلىدۇ.
4) قولتۇق قاتارلىق ئورۇنلاردا تۈك خالتىسى ياللۇغى كۆرىلىدۇ.
5) توغرا ئۈچەي ۋە مەقەت ئەتراپىدا ئاددى سۇلۇق قاپارتما، قول، پۇت ۋە ساقال- بۇرۇت ئۆسكەن ئورۇنلاردا يېڭى ئۆسكەن سۆگەللەر كۆرىلىدۇ.
6) پۇت قىسىمىدا ئېغىر زامبۇرۇغدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرىلىدۇ.
ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك يېرى شۇكى، مۇتەخەسسىسلەر كۆرسىتىپ ئۆتكەن يۇقارقى تېرە ئالامەتلىرى گەرچە ئەيدىزنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى دەپ قارالغان بولسىمۇ، لېكىن شۇ بىمار چوقۇم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئۇچراشقان بولۇشى كېرەك، مەسىلەن: يېقىندا گۇمانلىق قان سالدۇرغان، ياكى ئەيدىز يۇقۇمدارى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغان دېگەندەك. ئەگەر تۇيۇقسىز يۇقارقىدەك تېرە ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، چوقۇم يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ئاساستا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، دىئاگىنوزنى ئېنىق قىلىش كېرەك.


7. ئەيدىز بىمارىنى كۈتۈش ۋە داۋالاش

ئەيدىز بىمارلىرىغا بولغان كۈتۈش، غەمخورلۇق ۋە داۋلاش تۆۋەندىكىدەك تۆت تەرەپتىن بايان قىلىنىدۇ:
1) كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى غەمخورلۇق ياكى كۈتۈش(ھالىدىن خەۋەر ئېلىش)
2) كۆپ كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەرنى ئائىلىلەردە بىر تەرەپ قىلىش
3) پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشنى داۋالاش ۋە ۋىرۇسقا قارىشى داۋالاش(ART)
4) يۇقۇملانغۇچى ۋە ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچىلارغا بولغان پىسخىك ۋە روھى جەھەتتىكى غەمخورلۇق

  • كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى غەمخورلۇق ۋە كۈتۈش
ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش يالغۇز دوختۇرخانىلاردىكى داۋالاشلا ئەمەس، بەلكى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ياردىمى، قوللىشى، روھىي جەھەتتىن مەدەت بېرىشى، شۇ كىشىنىڭ ئابرويىنى ساقلىشى، ھەرخىل ئاغرىق، قىزىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش قاتارلىق ئادەتتىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئالدى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئۈچۈن كۈندىلىك تۇرمۇشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ئۈستىدە توختىلىمىز. ئاندىن ئۇلارنى ئائىلىدە كۈتكۈچىلەرنىڭ نېمىلەرنى قىلىشى كېرەكلىكى توغىرسىدا پاراڭلىشىمىز.

يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى كۈتۈشى ئۈچۈن:
كۈندىلىك تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىپ، تاماق ئېتىشتىن ياكى يىيىشتىن ئىلگىرى ۋە تەرەتتىن كېيىن قول يۇيۇش كېرەك. چۈنكى ئادەتتىكى ئۇششاق كېسەللىكلەرمۇ يۇقۇملانغۇچىلار ئۈچۈن يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈشى مۇمكىن. شۇڭا ئامالنىڭ بارىچە ھەر خىل ئېھتىماللىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
تاماقتىن كېيىن چىش چوتكىلاش، ئەگەر ئېغىزدا جاراھەت بولسا تۇز سۈيى ياكى لېمون سۈيى بىلەن چايقاش لازىم.
ھەر خىل ئۇزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېتەرلىك ئىقتىساد بولمىغاندا بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئانچە ئاسان ئەمەس ئەلۋەتتە. بۇ توغرىسىدا تۆۋەندىكى «ئوزۇقلۇق» بۆلكىدە ئايرىم توختىلىمىز.
يېمەكلىكنىڭ پاكىزە يۇيۇلغان، تولۇق پىشۇرۇلغان ۋە ياخشى ساقلانغان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. خام گۆش، خام دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ۋە خام تۇخۇمنى يېيىشكە بولمايدۇ.
قايناقسۇ ياكى قۇتىلىق مېنىرال سۇ ئىچىش كېرەك.
ھاراق-تاماكىدىن ئۆزىنى تارتىش بولسا چەكلەش كېرەك. چۇنكى بۇلار بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتپ، يۇقۇملىنىش خەتىرىنى يۇقۇرلىتىۋېتىدۇ.
ھەر قانداق زەھەرلىك چېكىملىكنى تاشلاش كېرەك. سەۋەبى يۇقىرقىغا ئوخشاش.
ياخشى دەم ئېلىش، ئۆزىگە بولغان بېسىمنى ئامال بار يېنىكلىتىش لازىم.
ئۈمىدۋار بولۇپ، چېنىقىشقا ئەھمىيەت بېرىش، دوسىتلىرى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ كوللىكتىپ پائالىيەتلىرىگە كۆپرەك قاتنىشىش لازىم.
كەيپىيات بۇزۇلۇپ قالغاندا ياكى خاپا بولۇپ قالغان ۋاقىتلىرىڭىزدا باشقىلارغا ئويلىغانلىرىڭىزنى دەپ بېرىڭ.
دوختۇردىن باشقا كىشىلەرنىڭ بەرگەن دورىلىرىنى ئالدىراپ ئىشلەتمەسلىك كېرەك، چۈنكى يۇقۇملانغۇچىلارغا دورا تېخىمۇ ئاسان ئەكىس تەسىر بېرىدۇ.
ئاغرىپ قالغاندا، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش، كېسەلنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
ئەگەر تۇبېركۇليۇزدىن يۇقۇملانسا، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ تەلتۈكۈس داۋالىنىش كېرەك. تۇبېركۇليۇز ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ ۋە ئىممۇنىتېت سېستىمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. تۇبېركۇليۇزدىن يۇقۇملانغۇچى بىلەن بىللە تۇرغۇچىمۇ دوختۇردىن  مەسلىھەت سوراپ تەڭ داۋالىنىشى كېرەك.

ئائىلىدە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچىلارغا:
يۇقۇملانغۇچىلارنى كۈتۈشتىن بۇرۇن ۋە كېيىن قولنى پاكىزە يۇيۇش، ئوچۇق قالغان جاراھەتلەرگە رېزىنكە پەلەي ئىشلىتىش.
يۇقۇملانغۇچى ئاسانلىقچە قورسىقى ئاچقانلىقىنى ھېس قىلمايدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلارنى ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم قەرەللىك ئوزۇقلاندۇرۇپ تۇرۇش كېرەك.
تاماقنىڭ تولۇق پىشۇرۇلغان بولۇشىغا، سۇنىڭ قاينىتىلغان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.
يۇقۇملانغۇچىلار تۇرغان جاينىڭ ھاۋاسىنىڭ ساپ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.
ئۇلارنى ئىمكانىيەت بولسا ھەركەت قىلىشقا رىغبەتلەندۇرۇش، ئەگەر ئورنىدىن تۇرالمىسا كۈندە ھەر4-5 سائەتتە بىر قېتىم تېرىسىنى مايلاپ، كۆرپە يارىسى بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
ھەر كۈنى بىر نەچچە قېتىم تۇز سۈيى ياكى لېمون سۈيى بىلەن ئېغىزنى چايقاپ بېرىش كېرەك.
ئۇلارنىڭ كىيىملىرى ۋە يوتقان- كۆرپىلىرىنى پاكىز تۇتۇش كېرەك.
زۆرۈر تېپىلغاندا قىزىل كرېستتىن، دوختۇرلاردىن ۋە دوستلىرىدىن ياردەم سورىسىمۇ بولىدۇ.
يۇقۇملانغۇچىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچى بۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك.  


ئوزۇقلۇق
يۇقۇملانغۇچى چوقۇم ياخشى يېيىشى، بولۇپمۇ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول يېمەكلىكلەرنى يىيىشى كېرەك. ئەگەر يۇقۇملانغۇچىنىڭ بەدىنىدە يېتەرلىك ئوزۇقلۇق ماددىلار بولسا، باشقا كېسەللەردىن ئاسان يۇقۇملانمايدۇ. شۇنداقلا سالامەتلىكى تېز ئەسلىگە كېلىدۇ. يۇقۇملانغۇچى ۋە ئۇنى كۈتكۈچى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىشى لازىم. تۆۋەندىكى بىر نەچچە مۇھىم نۇقتا چوقۇم ئېسىڭىزدە بولسۇن:

ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى يۇقۇملانمىغان ئادەمگە قارىغاندا 10-15%تالالىق يېمەكلىكنى كۆپ يەپ بېرىشى كېرەك. بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ ئاساسى تەركىبى كاربۇن ھىدىرىتلار بولۇپ، ئاشلىق تۈرىدىكى گۈرۈچ، قوناق، بۇغداي قاتارلىقلاردىن ياسالغان يىمەكلىكلەرنى(نان، بولكا، پېچىنە-پىرەنىك، لەغمەن، پولو....دىگەندەك)ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يۇقۇملانغۇچى ئامال بار ھەر كۈنى تۆت ۋاق تالالىق يىمەكلىكلەرنى يەپ بەرسە بولىدۇ.
ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى يۇقۇملانمىغان ئادەمگە قارىغاندا 50-100% ئاقسىلنى كۆپ ئىستىمال قىلىشى كېرەك. ئاقسىللىق يېمەكلىكلەر ئاساسلىقى گۆش تۈرىدىكىلەر، تۇخۇم، دۇفۇ ۋە بارلىق پۇرچاق تۈرىدىكىلەرنى كۆرسىتىدۇ. (ئېسىڭىزدە بولسۇن، خام گۆش ۋە خام تۇخۇمنى يىيىشكە قەتئى بولمايدۇ). يۇقۇملانغۇچى ئامال بار كۈنىگە ئۈچ قېتىم ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى يەپ بەرسە بولىدۇ.
يۇقۇملانغۇچىلار يېتەرلىك ۋىتامىنغا موھتاج. بولۇپمۇ ۋىتامىن A،B6 ،B12 ،C ، تۆمۈر، سىنىك قاتارلىقلارنىڭ يۇقۇملىنشقا قارشى تۇرۇشقا ياردىمى بار(بۇ خىل ۋىتامىنلار سەي-كۆكتاتلار، مېۋە ۋە مېۋە شەربەتلىرىنىڭ تەركىۋىدە كۆپ بولىدۇ). ئىمكان بولسا بىرىكمە ۋىتامىن تابلېتكىسىنى  ئىستىمال قىلىپ بەرسە، مىكرو ئېلمېنتلارنىڭ سۈمۈرۈلىشىگە ياردىمى بولىدۇ. شۇڭلاشقا يۇقۇملانغۇچىلار ئامال بار كۈنىگە تۆت ۋاق مېۋە-چىۋە ياكى كۆكتات يەپ بەرسە بولىدۇ.
سۈتتىن ياسالغان يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىۋىدىمۇ مول ئاقسىل، ۋىتامىن ۋە كالتسىي بار. شۇڭلاشقا يۇقۇملانغۇچىلار كۈنىگە كەم دىگەندە ئىككى قېتىم سۈت، قېتىق، قايماق، ئىرىمچىك ياكى قۇرۇت ئىستىمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ.
چوقۇم قايناقسۇ ياكى قۇتىلىق سۇ ئىچىش لازىم. چۈنكى تۇرۇبا سۈيى ۋە قۇدۇق سۈيى يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
يۇقۇملانغۇچىلار كۆپ ۋاقىتلاردا كۆڭلى ئېلىشىدۇ ۋە قورسىقى ئاچقاننى ئانچە ھىس قىلمايدۇ. شۇڭا ئۇلار ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم تاماق يەپ بەرسە بولىدۇ. بۇ يۇقۇملانغۇچىنىڭ يېتەرلىك ئۇزۇقلۇققا ئېرىشىشىگە پايدىسى بار. زەنجىۋىللىك چاي ياكى باشقا مىللىي تىبابەتنىڭ دورىلىرى ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىشى ۋە سۈمۈرۈشىگە ياردەمى بولىدۇ. مايلىق ۋە ئاچچىق يىمەكلىكلەرنى يېمەسلىك. پىششىق يېمەكلىكلەرنى ئوبدان ساقلاش، سوغۇق ساقلانمىغان ياكى پاكىزە بولمىغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك كېرەك.
گالدىن تاماق ئۆتمىگەندە ياكى كۆڭلى ئېلىشقاندا ۋە ياكى ئىچىۋاتقان دورا سەۋەبلىك تاماق غەلىتە تېتىغاندا، تاماق ۋاقتىدا كۆڭۈل ئېچىش، يەنى ئائىلىدىكىلەر ۋە دوستلىرى بىلەن تاماقتىن ئورتاق بەھىر ئېلىشمۇ يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ياخشى غىزالىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. كاللىدىكى ھەممە غەم- قايغۇنى ئۇنتۇپ، پەقەت ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغانلار بىلەن بىللە غىزادىن ھوزۇرلانغاندا، يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئىشتىھاسىغا پايدىسى بولىدۇ. ئائىلىدە ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنى ئايرىپ قويۇش ئۇلارغا جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن يامان تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ.


2) كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ئائىلىدە بىر تەرەپ قىلىش

غاز بوغۇز(سۈت قات دەپمۇ ئاتىلىدۇ):
ئېغىز بوشلۇقىدا، چىش مىلىكى ۋە تىلدا ئاسان سۇيۇلىدىغان ئاق داغلار بولىدۇ. بۇ  بەلكىم زەمبۇرۇغدىن يۇقۇملانغان بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭدا ھەزىم قىلىش ياخشى بولمايدۇ، ئاغرىيدۇ ۋە ئىشتىھا تۇتۇلۇپ قالىدۇ.
بۇ خىل ئېغىز بوشلۇقىدا كۆرۈلىدىغان كېسەلنىڭ سەۋەبى بەدەندىكى باكتېرىيەلەرنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلغانلىقتىن بولىدۇ. مەسىلەن: سىز ئەگەر كۆپلەپ باكتېرىيەگە قارشى (ئانتىبىئوتىك) دورىلارنى ئىچسىڭىز، ئېغىزدىكى زەمبۇرۇغلارنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەپ تۇرىدىغان "ياخشى" باكتېرىيەلەر ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئىممۇنىتېت سېستىمىسى ئاجىزلاشقاندا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ.
●  بۇ خىل يۇقۇملىنىش كاناي ۋە قىزىلئۆڭگەچكە يامراپ كەتسە، تاماق يېگەندە قىينىلىدۇ-دە، ئۇ ئادەم تاماقتىن قالىدۇ.
ھەر كۈنى يۇمشاق چوتكا بىلەن ئېغىز ۋە تىلنى ئاستا سۈرتۈپ، ئاندىن تۇز سۈيى بىلەن چايقاش لازىم. ئەگەر بەك ئاغىرمىسا لېمون ياكى ئاپلېسىن سۈيى بىلەن ئېغىزنى چايقاپ بەرسىمۇ، ياكى سامساقنى چايناپ بەرسىمۇ بولىدۇ. قېتىق ئىچسىمۇ بولىدۇ. يۇقارقىدەك ئۇسۇللارنى قوللىنىپمۇ داۋالىغىلى بولمىسا، دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
(يەنە بىر خىل ئەھۋالدا، ئەگەر ئېغىزدا ئۇزۇن ئاق داغلار كۆرۈلسە، بۇ ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسى دېغى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل داغ ئاسان چۈشمەيدۇ، بۇنى چوقۇم دوختۇرغا داۋالىتىش كېرەك.)

قۇرۇق ۋە ھۆل يۆتەل، دەم سىقىلىش ۋە قىزىتما :
يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ CD4ھۈجەيرىسى200 دىن ئاز بولغان (ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كەتكەن) ۋاقتىدا قۇرۇق يۆتىلىش، دەم سىقىلىش(بىرەر كۈندىن كېيىن قىزىتمىسى ئۆرلىشىمۇ مۇمكىن) قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇلار بەلكىم يۇقۇملانغۇچىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر خىل ئۆپكە ياللۇغى(PCP)نىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن. قۇرۇق يۆتەل ۋە دەم سىقىلىش ئالامەتلىرى بىر نەچچە كۈن ياكى بىر نەچچە ھەپتە جەريانىدا ئاستا-ئاستا ئېغىرلىشىپ بارىدۇ.
بۇ خىل ئۆپكە ياللۇغىنى زەمبۇرۇغ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۆپكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەلۋەتتە، يۇقۇملانغۇچىلاردا كۆرۈلىدىغان  كۆپ قىسىم ئالامەتلەرگە ئوخشاش، بۇ زەمبۇرۇغلار نورمال ئادەمنىڭ بەدىنىدىمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، لېكىن بىزنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىمىز زەمبۇرۇغلارنى بېسىپ تۇرغاچقا، بىزدە كېسەل قوزغالمايدۇ. ناۋادا ئىممۇنىتېت سېستمىمىز ئاجىزلاشسا، بۇ خىل ئۆپكە ياللۇغى(PCP)ئاسانلا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىدا قوزغىلىدۇ. بۇ كېسەلگە دوختۇر رېنتېگېندە تەكشۈرۈش ئارقىلىق دىئاگىنوز قويالايدۇ، شۇنداقلا  ئانتىبىئوتىكلار (باكتېرىيەگە قارشى دورىلار) بىلەن داۋالايدۇ.
CD4ھۈجەيرىسى 200 دىن تۆۋەن بولغان ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى تەدبىرلىرىنى ئويلاشسا بولىدۇ. بۇ تەدبىردە SMZدىن ھەپتىدە ئۈچ ۋاق، ھەر ۋاقتا 2 دانە ياكى كۈندە بىر تالدىن تاكى CD4ھۈجەيرىسى 200 دىن ئاشقانغا قەدەر يەپ بەرسە بولىدۇ.
ئەگەر يۆتەلدىن قان تۈكەرسە، ئېغىرلىقى تۆۋەنلەپ، كېچىسى تەرلىسە، بۇ ئېھتىمال تۇبېركۇليۇزدىن يۇقۇملانغان بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭغا دوختۇر دىئاگىنوز قويالايدۇ ۋە نەچچە ئايلىق داۋالاش مۇددىتى بىلەن داۋالايدۇ. (بۇ توغرۇلۇق كېينكى مەزمۇندا تەپسىلى توختىلىمىز).

ئىچى سۈرۈش:
كۈندە ئۈچ قېتىم ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئىچى سۈرىدۇ، تەرەت سۇ ئارىلاش كېلىدۇ.
ئىچى سۈرۈش ئېغىر بولمىسا ياكى بىر ئىككى كۈندە توختاپ قالسا ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ. بۇ بەلكىم تاماق ياكى سۇ ئارقىلىق بەزى باكتېرىيەلەردىن يۇقۇملانغان بولۇشى مۇمكىن، ياكى بېسىم ھىس قىلىش، جىددىلىشىش سەۋەبىدىن بولغان بۇلۇشى مۇمكىن. ئەگەر توختىماي ئىچى سۈرسە ھەم ئۇزۇنغا سۇزۇلسا، پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىش بۇلۇشىمۇ، بەدەندە پارازىت قۇرت بۇلۇشىمۇ ياكى دورا ئەكىس تەسىر قىلغان بولۇشىمۇ مۇمكىن.
●  ئىچى سۈرۈش بەدەندە سۇسىزلىنىش ۋە ئۇزۇقلۇق تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
ئىچى سۈرگەنلەرنى داۋالاشتىكى مۇھىم بىرسى سۇسىزلىنىشنى داۋالاش. ORS(بىر خىل جۇلاپ)نى ئىچىپ سۇ تۇلۇقلىسا بولىدۇ. رېتسىپى: بىر لېتىر قايناقسۇغا 4 قوشۇق شېكەر، يېرىم قوشۇق تۇز سېلىپ، ھەر قېتىم سۇيۇق تەرەت كەلگەندىن كېيىن ئىچىلىدۇ. ئىچى سۈرگەن ئادەم كۈندە 3 لېتىرORSئىچىپ بېرىشى، ھەر 24 سائەتتە بىر قېتىم يېڭىدىن تەييارلاپ ئىچىشى كېرەك.
بىر لېتر قاينىتىلغان پاكىز سۇغا يېرىم قوشۇق تۇز، سەككىز قوشۇق تالقانلانغان ئاشلىق سېلىنىدۇ. ئەڭ ياخشىسى گۈرۈچ تالقىنىدىن، ياكى بۇغداي ئۇنى، قوناق ۋە ياكى ئېزىلىپ پىشقان ياڭيۇ (بۈك) سالسىمۇ بولىدۇ. 5- 7 مىنۇتقىچە قاينىتىلىپ، سۇيۇق شورپا ياكى ئوماچ ھالىتىگە كەلتۈرىلىپ، سوۋىتىلىدۇ. بۇمۇ بىر خىل سۇيۇقلۇق تولۇقلايدىغان قۇۋۋەتلىك جۇلاب (ORS) ھېسابلىنىدۇ.
ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم يىيىش، ئۇزۇقلۇققا دىققەت قىلىش، يۇقىرى تالالىق يېمەكلىكلەرنى مەسىلەن مېغىز، خام مېۋە، خام كۆكتاتلارنى يىيىشتىن ساقلىنىش، ئۇنىڭدىن باشقا ماي، سۇ ۋە ئاچچىق نەرسىلەرنى يېمەسلىك كېرەك. بانان، گۈرۈچ، نان، بولكا، ياڭيو قاتارلىقلارنى كۆپ يەپ بېرىش،تاماق ئارىلىقىدا كۆپرەك سۇ ئىچىش  كېرەك.
ئەگەر ئىچى سۈرۈش ئىككى ھەپتىدىنمۇ ئېشىپ كەتسە، چوقۇم دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ داۋالىنىش كېرەك.
كىچىك بالىلارنىڭ ئىچى سۈرسە چوقۇم شۇ زاماتلا دوختۇرغا كۆرسىتىش كېرەك. چۈنكى ئىچى سۈرۈش كىچىك بالىلار ئۈچۈن بەكمۇ خەتەرلىك، ۋاقتىدا داۋالانمىسا تېزلا ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى بار.

قىزىش(ئۇچۇنۇش)
ئەگەر مۇمكىن بولسا، بەدەن تېرمومېتىرى ئارقىلىق بەدەن تېمپىراتۇرسىنى ئۆلچەش كېرەك. بەدەن تېمپىراتۇرىسى 39 گىرادۇستىن ئېشىپ كەتسە قىزىغان بولىدۇ.بەدەن تېرمومېتىرى بولمىغان شارائىتتىمۇ بىلگىلى بولىدىغان ئامال بار،مەسىلەن بىر
قولىڭىزنىڭ دۈمبىسىنى پىشانىڭىزگە قويۇپ، يەنە بىر
قولىڭىزنى قارشى تەرەپنىڭ پىشانىسىگە تەككۈزسىڭىز، قىزىق بىلىنسە، قىزىغان بولىدۇ. ئادەمنىڭ نورمال بەدەن تېمپراتورىسى 36- 37.5℃بولىدۇ. ئادەتتە℃38 دىن يۇقىرى بولسا، قىزىغان بولىدۇ.
قىزىشنىڭ سەۋەبى تۇبېركۇلىيۇز بولۇشىمۇ، باشقا يۇقۇملۇق كېسەل بولۇشىمۇ ياكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تەسىرى بولۇشىمۇ مۇمكىن. شۇڭلاشقا ئاۋال بۇ خىل قىزىش تۇبېركۇليۇزنىڭ ئالامىتىمۇ ياكى باشقا كېسەلنىڭ ئالامىتىمۇ، دوختۇرغا تەكشۈرتۈش كېرەك.
ئاسپىرىن ياكى قىزىتما ياندۇرۇش دورىلىرىنى(扑热息痛)ئىچۈرۈش ياكى سوغۇق سۇدا يۇيۇندۇرۇش ئارقىلىق تېمپىراتۇرىنى چۈشۈرگىلى بولىدۇ. قېلىن يوتقانغا چۈمكەپ قۇيۇشقا قەتئى بولمايدۇ.
● دىققەت: AZTئىچىۋاتقان ئادەم چوقۇم ئاسپېرىن يىمەسلىكى كېرەك. بولمىسا ئاشقازانى قاناپ، كەم قان بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
ئادەم قىزىغاندا ئىنتايىن بىئارام بولىدۇ، شۇڭا تېرىنىڭ پاكىزلىقى ۋە قۇرغاقلىقىنى ساقلاش زۆرۈر.
ئەگەر قىزىتما بەك يۇقىرى بولۇپ ئۇدا يانمىسا، يۆتەل كەلسە، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلىسە، بويۇن قېتىپ ئاغىرسا ياكى پەي تارتىشسا، دەرھال دوختۇرغا تەكشۈرتۈش كېرەك.
ئەگەر كىچىك بالا قىزىپ قالغان بولسا، چوقۇم دوختۇرغا كۆرسىتىش كېرەك.

تېرە كېسەللىكلىرى
يۇقۇملانغۇچىلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدىغان تېرە كېسەللىكلىرى ئاساسلىقى كالا تەمرەتكىسى، زەمبۇرۇغدىن يۇقۇملىنىش، رىئاكسىيە خارەكتېرلىك ئەسۋە ۋە "كاپوسى گۆش ئۆسمىسى" (ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىغان بىرخىل ئۆسمە) قاتارلىقلاردۇر. نۇرغۇنلىغان تېرە كېسەللىكلىرىدىن ساقلىنىش ۋە داۋالاش ئۈچۈن ياخشى تازىلىق ئادىتى يېتىلدۈرۈش(پات-پات يۇيۇنۇش، يوتقان كۆرپىلەرنى ۋاقتىدا يۇيۇپ تۇرۇش دىگەندەك) ۋە داۋالاشقا ماسلىشىش كېرەك. كاپوسى گۆش ئۆسمىسىگە دوختۇر ئۆسمە ئورنىدىن ئازراق ئەۋرىشكە ئېلىپ، پاتالوگىيلىك ئانالىز قىلىش ئارقىلىق دىئاگىنوز قويالايدۇ. كاپوسى گۆش ئۆسمىسى ئۇيغۇر بىمارلاردا كۆپ كۆرىلىدۇ. بۇنىڭ ئەڭ ياخشى داۋاسى ۋىرۇسقا قارىشى داۋالاش (ART)، لېكىن بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك باشقا داۋالاشلار بەك قىممەت. كاپوسى گۆش ئۆسمىسى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىنىڭ ART(ۋىرۇسقا قارىشى داۋالاش) نى قوبۇل قىلىشىنىڭ بىر بىشارىتىدۇر.
● تېرە مەسىلىلىرى ئادەتتىكى كىشىلەردىمۇ كۆرىلىدۇ. لېكىن ئەيدىز يۇقۇملانغۇچىلاردا كۆپىرەك ۋە ئېغىرراق بولىدۇ. بەدەن ۋە يۈز قىسىمىدا كۆرىلىدىغان چوڭ قىزىل ئەسۋەلەر ئىچىۋاتقان دورىنىڭ تەسىرىدىن بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر قىچىشىش، قىزىش ۋە نەپەس تەسلىشىش ئالامەتلىرى تەڭ كۆرۈلسە، چوقۇم دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
ھەر خىل تېرە ئاسىراش مايلىرى ۋە يېمەكلىك مايلارنى(ئىشلىتىلمىگەن ماي) سۈرتۈش ئارقىلىق تېرىنىڭ قۇرغاقلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.
قىچىشىش ئالامەتلىرىگە نىسبەتەن، ئارپا سۈيىدە يۇيۇنۇش، مېنتول سۇيۇقلۇقى، كالامىن (双氧水) سۇيۇقلۇقى، شۇنداقلا يىنىك ناركوز دورىلىرى ۋە ئانتىخىستامىن تۈرىدىكى دورىلارنى ئىشلەتسە پايدىسى بولىدۇ.
يارا ۋە جاراھەت ئېغىزلىرىنى ئوبدان تېڭىش، ئەگەر جاراھەت يۇقۇملانغان بولسا ئانتىبىئوتىكلار ئارقىلىق داۋالاش كېرەك.
تېرە ئاسىراش مېيى تېرىنىڭ قۇرغاقلىشىشى،يېرىلىشى ۋە يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ.
دورا ئەكس تەسىر كۆرسەتكەن بولسا، دوختۇردىن ياردەم سوراش كېرەك.
تۇز سۈيى ئارقىلىق جاراھەت ئېغىزىنى يۇيۇپ ئاندىن داكا بىلەن ئوراپ تېڭىش كېرەك.
ھېچقانداق ئەسۋە چىقماي ياكى ئىششىماي پەقەتلا قىچىشسا، بۇ قىچىشقاقتۇر. بۇ تېرە ئاستىدا ياشايدىغان بىر خىل پارازىت قۇرۇتتىن يۇقۇملانغانلىقتىن بولىدۇ. كېچىدە بىر قەدەر قاتتىق قىچىشىدۇ. بىر خىل سۇيۇقلۇق دورىلارنى ئىشلىتىش، يوتقان، كىرلىك ۋە كىيىم- كېچەكلەرنى يۇيۇش ئارقىلىق قىچىشقاقنى ساقايتقىلى بولىدۇ. لېكىن سىز بىلەن كۈندىلىك تۇرمۇشتا دائىم يېقىن ئۇچرىشىدىغان ئادەملەرمۇ تەڭ داۋالىنىشى كېرەك.

تاسمىسىمانقاپارتما
تاسمىسىمان قاپارتمىنىمۇ  سۇ چېچەك (ئاقئانام) ۋىرۇسى كەلتۇرۇپ چىقارغان بولۇپ، بۇ ۋىرۇسلار ئادەتتە ئادەمنىڭ نېرىپلىرىدا تېنچ ھالەتتە تۇرىدۇ. ئادەمنىڭ ئىممونتېت سېستىمىسى ئاجىزلاشقاندا، بۇ ۋىرۇسلار جانلىنىپ كېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بەدەندە سۇلۇق قاپارتمىلىق ئاغرىيدىغان ئەسۋەلەرنى چىقىرىدۇ. بۇ قاپارتمىلار كۆپ ھاللاردا مەيدە، قۇرساق، پۇت ياكى قول، ھەتتا يۈز قىسىملاردا تۈز سىزىق بويلاپ چىقىدۇ.
ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. تاسمىسىمان قاپارتما كېسەللىك باسقۇچىغا تەرەققىي قىلۋاتقانلىقنىڭ بىشارىتى. لېكىن بۇنى دوختۇرغا كۆرۈنۈش ئارقىلىق ساقايتقىلى بولىدۇ.
كالامىن سۇيۇقلۇقىنى ئىشلەتسە، تېرىدىكى ئەسۋەلەرنى سىلىقلاپ، ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ. ھالقىسىز گۋانوزىننى ئىشلەتسە ئاغرىق توختىتىدۇ.
قاپارتما چىققان ئورۇننىڭ پاكىزلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك. قاپارتمىلار يېرىلغاندا، تەركىبىدىكى ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
سۇ چېچەك (ئاقئانام) ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانمىغان تېببىي خادىملار ۋە ئائىلىدىكىلەر يېرىلغان سۇلۇق قاپارتمىلار بىلەن ئۇچراشسا، تەڭ يۇقۇملىنىپ قالىدۇ. بۇ خىل بىر قەدەر جاھىل كېسەللىك.

قوقاق ۋە جىنىسى ئەزالاردىكى قاپارتمىلار
بۇمۇ بىر خىل جىنسى كېسەلنىڭ تۈرىدۇر. بەدەننىڭ تىگىپ كەتكەنلىكى يېرىگە يۇقىدۇ، دائىم دىگۈدەك سۇلۇق
كۆپۈكچىلەر چىقىدۇ، ھەم تىگىپ كەتسە ئاغرىيدۇ.
جىنسى جەھەتتىن، HIVدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىز بولغاچقا، قاپارتمىدىن يۇقۇملانغان بىرسى بىلەن بىخەتەرسىز جىنسى مۇناسىۋەت ئېلىپ بارسا، ئاسان يۇقتۇرۋالىدۇ. يۇقۇملانغۇچىغا قاپارتمىلار چىقسا بەك ئېغىر كىلىدۇ، شۇڭا ۋاقتىدا داۋالىتىش كېرەك.
بۇ خىل قاپارتمىنى ھالقىسىز گۋانوزىن بىلەن داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ.
تۇز سۈيىدە ئېغىز چايقاش، ئېغىزنىڭ ئىچى تېشىدىكى سۇلۇق قاپارتمىغا پايدىلىق.
بۇ قاپارتمىلارنى باشقىلارغا تەككۈزۈپ يۇقتۇرۇپ قويۇشىڭىزدىن ساقلىنىڭ.

كېچىسى تەرلەش
كۆپ ساندىكى يۇقۇملانغۇچىلار ئۇخلىغاندا شۇنداق ياخشى، بىراق ئويغانغاندىن كېيىنلا تەر بېسىپ كېتىدۇ.
قىزىتمىغا ئوخشاش بۇمۇ يۇقۇملانغۇچىنىڭ بەدىنىدىكى ۋىرۇسنىڭ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنىڭ بىشارىتى.
مۇشۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەندە، كۆپ مىقداردا سۇ ئىچىپ بېرىش كېرەك.
سوغوق تەرلەش بەلكىم تۇبېركۇليۇز ياكى باشقا ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا ياخشىسى ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
ئەگەر تۇبېركۇليۇز بولمىسا، جۇڭيىچە دورىلارنى ئىچىپ داۋالىنىشقا بولىدۇ.

چارچاش
ئەيدىز ۋىرۇسى سەۋەبىدىن چارچاش باشقا خىل چارچاشلارغا ئوخشىمايدۇ، بۇنىڭدا ئادەم خۇددى ئېگىز بىناغا ياكى تاغقا ياماشقاندەك چارچايدۇ. بۈگۈنى ئىنتايىن نورمال تۇرغان ئادەم، ئەتىسىلا قاتتىق چارچىغاندەك بولۇپ كېتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلىغىلىمۇ بولمايدۇ. كۆپىنچىسى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل سەۋەب چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ:


    بەدەن ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە نىسبەتەن ئىنكاس قايتۇرىۋاتقان بولسا، خىزمەت ئالدىراشلىقىدىن ياكى بەدەن چېنىقتۇرماسلىقتىن چارچاش كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن،
  • ناچار روھىي كەيپىياتمۇ چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئەگەر ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى خىزمەت قىلىپ ھېرىپ كەتسىمۇ ئوخشاشلا چارچاش ھېس قىلىدۇ، شۇڭلاشقا ئۇلار ۋاقتىدا ئارام ئېلىشى ۋە كېچىسى ياخشى ئۇخلىشى كېرەك.
ئەگەر چارچاش خىزمەت سەۋەبىدىن بولماي، زىيادە ئارام ئېلىپمۇ يەنە چارچاش ھېس قىلسا، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمىغان ۋاقتىدىكى قىلغان كۆڭلىنى كۆتىرىدىغان ئىشلارنى قىلىش كېرەك. مەسلەن: دوستىنى يوقلاش، مۇزىكا ئاڭلاش، ناماز ئوقۇش دىگەندەك. يۇقۇملانمىغان ۋاقتىڭىزدا كۆڭلىڭىزنى كۆتىرەلىگەن ئىشلار ھازىرمۇ كۆڭلىڭىزنى كۆتىرەلەيدۇ. ئىسىڭىزدە بولسۇن، ھېسىيات ھامان تەبىئىي بولىدۇ، ئەيدىز ۋىرۇسى پەقەتلا تۇرمۇشىڭىزنىڭ بىر قىسىمىنىلا ئۆزگەرتىدۇ. سىزنىڭ ئاچچىقلاش، ئەنسىرەش، جىددىيلىشىش ھېسىياتلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى نورمال ئىنكاسلاردۇر. تۇرمۇش بەزىدە كومىدىيلىك ھالدا ئۆزگىرىپ قالىدۇ. ئەگەر ھېسىيات چېكىدىن ئېشىپ كەتسە، يۇقۇملانغۇچى خىزمەتكە بارمايدىغان، تاماق يىمەيدىغان ۋە دوستلىرى بىلەن كۆرۈشمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇ يۇقۇملانغۇچىنىڭ ساغلاملىقىغا زىيانلىق بولۇپ، چۈشكۈنلۈككە ھەتتا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش خىياللىرىغا ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭا ئىمكان بار ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ياردەم بېرىش ئىنتايىن مۇھىم.
ئەسكەرتىش: يۇقارقى كۆپ خىل ئالامەت ۋە ئاغرىشلار ئەيدىز ۋىرۇسى يوق بولغان ئادەتتىكى ئادەملەردىمۇ كۆرۈلىدۇ. مەسلەن: قىزىش ۋە چارچاشىنى نۇرغۇن ئىشلار كەلتۈرۈپ چىقىرالايدۇ. بەزى تاماق ياكى ئىچىملىك سۇدىنمۇ ئىچى سۈرۈپ قالىدۇ. ھاراقنى كۆپ ئىچىۋالغاندا، ياخشى غىزالىنالمىغاندا ياكى ياخشى ئۇخلىيالمىغاندا بېشى قېيىش ۋە ياكى سۇسىزلىنىشلار نورمال ئەھۋاللاردۇر. بىر يۇقۇملانغۇچىغا كۆڭۈل بۆلۈشتە، ئەڭ مۇھىمى مۇشۇنداق ئالامەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئۇ ئېھتىياجلىق بولغان غەمخورلۇق ۋە ياردەمنى ھەقىقىي تۈردە يەتكۈزۈش، شۇنداقلا بىراۋنىڭ بەدىنى يۇقۇملىنىشقا تولۇق تاقابىل تۇرالمايدىغان ئەھۋال ئاستىدا، بۇنداق ئالامەتلەرنىڭ نەقەدەر ئېغىر كېلىدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يېتىشتۇر.

مىللىيچە دورىلار ۋە ئەنئەنىۋى داۋالاش:
ئەنئەنىۋى رېتسىپلارنى ئىشلىتىپ ئالامەتنى پەسەيتىش يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ يەنە بىر تاللىشىدۇر. جۇڭگو ۋە ئۇيغۇر تىبابىتىدە ھەر خىل ئاغرىق پەسەيتىش ۋە ئالامەت يوقۇتۇش داۋالاش ئۇسۇللىرى بار. شۇڭا نامى ياخشىراق داۋالاش ئورۇنلىرىغا بېرىپ داۋالىنىپ باقسا بولىدۇ.
نامى داڭلىق، لېكىن باشقىلارنىڭ داۋالىنىش ئېھتىياجىدىن پايدىلىنىپ، دورا دىگەندەك نەرسىلەرنى سېتىۋالىدىغان داۋالاش ئورۇنلىرىغا بارغاننىڭ كۆپ پايدىسى يوق.

3) كەسپى دوختۇرلارنىڭ داۋالىشى:ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى
ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى بولسا بىر خىل ئۇزاققا سۇزۇلىدىغان، يۇقۇملاندۇرۇش كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان باكتېرىيە خارەكتېرلىك كېسەل. ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى بولىدۇ. چۈنكى بۇمۇ بىر خىل پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئاسىيا قىتئەسىدە ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇ خىل كېسەلنى يۇقتۇرىۋالغان بولۇپ، تېنىدە كېسەللىك باكتېرىيىسىنى ئېلىپ يۈرىدۇ. بىراق ئۇلارنىڭ ئىممۇنىتېت سېستىمىسى بۇ باكتېرىيەلەرنى كونتىرول قىلىپ تۇرغاچقا، كېسەللىك قوزغىلالمايدۇ ياكى باشقىلارغا يۇقمايدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغاندىن كيىن، ئىممۇنىتېت سېستىمىسىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ، تۇبېركۇليۇز باكتېرىيىسى بارا-بارا كۈچىيىپ، كېسەللىك تەرەققى قىلىدۇ. شۇڭا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى ئۆپكە تۇبېركۇليۇزىدىن ئاغرىسا، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى باشقىلارمۇ (گەرچە ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانمىسىمۇ)ئۆپكە تۇبېركۇليۇزىنى يۇقتۇرۋېلىشى مۇمكىن.

كۆپ كۆرۈلىدىغان ئالامەتلىرى
ئۈچ ھەپتىدىن ئارتۇق يۆتىلىدۇ، بولۇپمۇ ئۇخلاپ ئويغانغاندىن كېيىن يۆتەل تېخىمۇ ئېغىر تۇتىدۇ. يۆتىلىپ قان تۈكۈرۈشىمۇ مۇمكىن.
بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەپ، زەئىپلىشىدۇ.
تۆۋەن تېمپىراتۇرىدا قىزىيدۇ.
كېچىدە سوغۇق تەرلەيدۇ.
گەجگىسى ۋە كۆكرىكى تېلىپ ئاغرىيدۇ.
ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ.
بەزى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى بىلەن يۇقۇملانسا، يۇقارقىغا ئوخشاش بولمىغان ئالامەتلەر، مەسىلەن بويۇن ۋە مۆرىدىكى لىمفا بەزلەر ئىششش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
ئەگەر بىرەيلەن ئۆزىنى ئۆپكە تۇبېركۇليۇزىدىن يۇقۇملانغان ئوخشايمەن دەپ گۇمان قىلسا، دەرھال دوختۇرخانىغا ياكى كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىگە بېرىپ تەكشۈرتۈپ ۋاقتىدا داۋالىنىشى كېرەك.

  داۋالاش
ئادەتتە داۋالاشتا رىفامپىن (خەنزۇچىسى利福平، ئوقۇلۇشى: لى فۇ پىڭ)، رىمىفون (خەنزۇچىسى异烟肼، ئوقۇلۇشى: يى يەن جىڭ)، ئېتامبۇتول (خەنزۇچىسى乙胺丁醇، ئوقۇلۇشى: يى ئەن دىڭ چۇن) ۋە سترېپتومىتسىن (خەنزۇچىسى 链霉素، ئوقۇلۇشى: لىيەن مېي سۇ) قاتارلىق دورىلارنى ئىشلىتىدۇ.
دورىنى تاماقتىن يېرىم سائەت بۇرۇن ياكى بىر سائەت كېيىن ئىچىش ،ياكى ئۇخلاشتىن ئاۋال ئىچىسىمۇ بولىدۇ.
دورىنى سۈت، پاكىزەسۇ،مېۋە سۈيى، قەھۋە ياكى چاي بىلەن ئىچىش
پاكىزە يېمەكلىكلەرنى يىيىش، يېتەرلىك ئارام ئېلىش
ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچىشتىن ساقلىنىش
ئىچىۋاتقان ياكى ئىچمەكچى بولغان دورىسىنى ھەر ۋاقىت دوختۇرغا بىلدۈرۈپ تۇرۇش
ئۆپكە تۇبېركۇليۇزىنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ، بىراق چوقۇم ئالتە ئاي تەلتۈكۈس داۋالىنىشى كېرەك. ئادەتتە بىمارغا 2- 4 خىل دورا بېرىلىدۇ، ئاندىن بۇ دورىلار چۇقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە توغرا ئىچىلىشى كېرەك. بۇ دورىلارنىڭ ئازىراق ئەكىس تەسىرى بار، بىراق بۇ ئەكس تەسىر تەخمىنەن بىر ئايدىن كېيىن يوقايدۇ.
ئەگەر بىمار دورىنى توغرا ئىچمىسە ياكى داۋالاش باسقۇچىنى تۈگەتمەيلا ئوتتۇرىدىن توختىتىپ قويسا، تۇبېركۇليۇز باكتېرىيىسىدە دورىغا قارىتا چىدامچانلىق پەيدا بولۇپ، بۇ دورا قايتا تەسىر قىلمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.
داۋالىنىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن، بىمار ئۆزىنى ياخشى بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ، بىراق مۇشۇ چاغدىمۇ بىمار دورا ئىچىشىنى ھەرگىز توختىتىپ قويماسلىقى، تاكى دوختۇر ئەمدى توختاتساڭ بولىدۇ دىگەنگە قەدەر ئۈزمەي ئىچىپ بېرىشى كېرەك.

ئەكىس تەسىرىلىرى:
تېرىگە سۇس سېرىقلىق چۈشۈش
كىچىك تەرەت سېرىق كېلىش
قەي قىلىش(قۇسۇش)
ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش
كۆڭلى ئېلىشىش
كۆرۈش ئىقتىدارى ئاجىزلاش
سەۋەپسىزلا قىزىش
سەۋەپسىزلا چارچاش
ئاشقازان سانجىپ ئاغرىش

ئۆپكە تۇبېركۇليۇزىنىڭ ئالدىنى ئېلىش
ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىنىڭ تېنىدە تۇبېركۇليۇز باكتېرىيىسى بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىممۇنېت سېستىمىسى ئاجىز بولغاچقا، ئاسانلا ئۆپكە تۇبېركۇليۇزىدىن يۇقۇملىنىدۇ. تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇللارنى قوللانغاندا، ئۆپكە تۇبېركۇليۇزىدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
يۆتىلىپ ئۈچ ھەپتىگىچە توختىمىسا ،دوختۇرخانىغا بېرىپ، تۇبېركۇليۇزبار-يوقلۇقىنى تەكشۈرتۈش كېرەك.
يۆتەلگەندە ئېغىزنى ئېتىۋېلىش(چۈنكى تۇبېركۇليۇز باكتېرىيىسى ئۆپكىدىن چىققان بەلغەم ئارقىلىق يۇقىدۇ)
قالايمىقان تۈكۈرمەسلىك، تازىلىققا رىئايە قىلىپ، ئېغىزى يېپىلىدىغان قاچىغا ياكى قەغەزگە تۈكۈرۈش كېرەك.
يۆتەل تۇتقىنىغا ئۈچ ھەپتىدىن ئاشقان ئادەم بىلەن ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان جايدا بىللە تۇرماسلىق
ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ ئائىلىسى، ئىشخانىسى ۋە دائىم تۇرىدىغان جايىنىڭ ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش
ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى بىمارىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىمۇ دوختۇرخانىغا بېرىپ، تۇبېركۇليۇز بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرتۈش.
بوۋاق ياكى كىچىك بالىلارغا تۇبېركۇليۇز ۋاكسېنىسى ئەملەش ئارقىلىقمۇ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.


بەزگەك:
بەزگەك شىنجاڭدا ئاساسەن يوق. بەلكىم ئىلى ئوبلاستىنىڭ يېزا- قىشلاقلىرىدا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بەزگەك HIVدىنيۇقۇملانغۇچىلارغا، بولۇپمۇ ھامىلدار يۇقۇملانغۇچىلارغا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كىلدۇ. ھامىلدار ئاياللارنىڭ بوۋاققا يۇقتۇرۇپ قويۇش خەتىرى يۇقىرى بولىدۇ. يەنە قىزىپ، ئورۇقلاپ ۋە ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلۇپ، سۇسىزلىنىدۇ.
بەزگەكتىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بەك مۇھىم:
كارۋات ئەتىراپىغا دەرىزىلەرگە تور بېكىتىپ قويۇش(بەزگەكنى پاشا كەچ كىرىپ تاڭ ئاتقىچە  تارقىتىدۇ، ئەگەر كۈندۈزدە چاقسا، دېنگې قىزىتمىسى قاتارلىق باشقا خىل كېسەللەرنى يۇقتۇرۇشى مۇمكىن ).
كەچتە ھاشارەتلەرنىڭ چېقىشىدىن مۇداپىئەلىنىدىغان دورىلارنى ئىشلىتىش كېرەك
پاشا كۆپىيىدىغان ئورۇنلارنى ئازلىتىش ياكى يوقىتىۋىتىش كېرەك.

پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىش دىگەن نىمە؟
بىز يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك، ھەر خىل ئۆسمە ۋە ئۆپكە ياللۇغلىرىدەك پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشلار ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانمىغان ئادەملەردىمۇ كۆرۈلىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ ئىممۇنىتېت سېستىمىسى كۈچلۈك بولغاچقا، بۇ خىل يۇقۇملىنىشلارغا تاقابىل تۇرالايدۇ. پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشنىڭ (ئەيدىز ۋىرۇسىدىن)يۇقۇملانغۇچىغا بولغان تەسىرى ئېغىرراق بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ئادەمنىڭ بۇزۇلغان ئىممۇنىتېت سېستىمىسى يۇقۇملىنىشقا بىر "پۇرسەت" بولىدۇ.
پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دورا يەپ بەرسىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاپتونوم رايونلۇق دوختۇرخانىلارغا بېرىپ، ئېممونت سېستىمىسى ھۈجەيرىلىرىنى(T4/CD4) تەكشۈرتۈپ تۇرۇش مۇھىم. (كۇرسانتلارغا قەيەرلەردە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنى قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى دەپ بېرىڭ)
CD4ھۈجەيرىسىنىڭ سانى تۆۋەنلىگەندە (ئىممۇنىتېت سېستىمىسى ئاجىزلىغاندا)، پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىش بولۇش ئېھتىماللىقى بولىدۇ. بۇنى دوختۇر ھۈجەيرىنىڭ سانىغا ئاساسەن دەپ بېرەلەيدۇ. بەزى پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولغان بىلەن، ھەممە پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ كەتكىلى بولمايدۇ.
پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ساغلام بولۇشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى. ئەگەر بىر يۇقۇملانغۇچى پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىپ قالغان بولسا، قانچە بالدۇر داۋالانسا شۇنچە ياخشى. مەسىلەن: تۇبېركۇليۇز ياكى ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان بولسا، داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ.

ۋىرۇسقا قارىشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك داۋالاشلار(ARTs/HAART)
ۋىرۇسقا قارىشى ئۈنۈملۈك داۋالاش(ART) نىڭ تەسىر قىلىش پىرىنسىپى ئوخشاش بولمىغان باسقۇچلاردا ۋىرۇسنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەشتىن ئىبارەت. ئادەتتە ۋىرۇس كۆپىيىشىنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەزگىللىرىدە 3خىل دورا بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىلىدۇ.بەزىدە ۋىرۇسنىڭ سانى ئازلاپ تەكشۈرۈپ بىلگىلىمۇ بولمايدۇ.

ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش (ART) توغىرسىدا بەزى ئۇچۇرلار:
ۋىرۇسقا قارىشى دورىلارنىڭ ئەكس تەسىرى بولغانلىقتىن، بەزىلەر ئىچەلمەيدۇ ياكى ئەكس تەسىرىدىن بەزى ئەگەشمە كېسەللىكەرنى تېپىۋالىدۇ. لېكىن بۇ توغرۇلۇق بىلىملەرنى بىلگەندىلا، ئەكس تەسىرىنى بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ.

دورىنى كۈندە ئۆز ۋاقتىدا ئىچىش كېرەك. دورىنى توختىتىپ قويۇپ، يەنە قايتىدىن ئىچكەندە، ۋىرۇس دورىغا كۆنىۋالىدۇ (چىدامچانلىق شەكىللەندۈرىۋالىدۇ)- دە، دورىنىڭ ئۈنۈمى بولمايدۇ.
ھازىر رايونىمىزدا بۇ خىل ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش يولغا قويۇلغان بولۇپ، ھەر قايسى يەرلىكتىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى ياكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدۇ.

4. پىسخىك ۋە روھى ياردەم :
ئەيدىز بىلەن مۇناسىۋىتى بار نۇرغۇن كىشىلەرگە نىسبەتەن، مەيلى ئۇلار يۇقۇملانغان بولسۇن ياكى يۇقۇملانغۇچىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچىلار بولسۇن، ئۇلار روھىي جەھەتتىن نۇرغۇنلىغان تەسىرگە ئۇچىرايدۇ. مەھرۇم قېلىش ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ مەھرۇم بولىدىغىنى يالغۇز ئۆزى ۋە باشقىلارنىڭ ھاياتىلا ئەمەس، يەنە ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى، گۈزەل كېلەچىگى، پەرزەنتلىك بولۇشى، دوستلىرى، خىزمىتى ۋە باشقا نۇرغۇن نەرسىلەردۇر. شۇڭلاشقا مەھرۇم بولۇش(ئايرىلىپ قېلىش)قا نىسبەتەن چوقۇم ئىدىيىدە تەييارلىق بولۇشى كېرەك، بولۇپمۇ ئۆلۈمگە نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق. شۇنىڭدىلا كېيىنكى ئۆمىرىدە تېخىمۇ ياخشى ياشىغىلى بولىدۇ. گەرچە نۇرغۇن كىشىلەر بۇ توغرسىدا سۆز ئېچىشنى خالىمىسىمۇ، بىراق بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىچكى ھىسىياتىنى چۈشىنىشكە ۋە كەلگۈسىگە قانداق مۇئامىلە قىلىشىغا  پايدىسى بار.
يۇقۇملانغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىنمۇ ئۈمىدۋارلىقنى ساقلاپ قېلىش يۇقۇملانغۇچى ۋە ئۇنىڭ يېقىنلىرى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر سىناق. بۇ ۋاقىتتا بەزىلەر نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالسا، يەنە بەزىلەر بۇنى ئېتىراپ قىلالمايدۇ. شۇنداقلا يەڭگىللىك بىلەن ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ياكى ھېچكىم بىلمەيدىغان يەرگە بېرىپ ياشاش ۋە ياكى ئائىلىسىدىكىلەرگە بىلدۈرمەسلىكتەك قارارلارنى چىقىرىشقا ئۇرۇنىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا كېيىنكى ئۆمىرىدە نېمە ئىش قىلىش، ئۆزىنى باشقىلارغا قانداق ئاشكارىلاش، يېقىنلىرىنىڭ مۇئامىلىسى، ساغلاملىق ۋە ئىقتىسات مەسىلىسى، بالىلىرىنى قانداق بېقىش قاتارلىق سان-ساناقسىز ئىشلار يۇقۇملانغۇچىغا نۇرغۇن روھىي بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ.


ۋاقتى: 2013-12-4 18:27:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مۇنبەردە مۇشۇ ماقالە كەم ئىدى، بۇنى ئەيدىز توغرۇلۇق ئەڭ تۇلۇق يېزىلغان ماقالە دىسەكمۇ بولغۇدەك.
ۋاقتى: 2013-12-5 12:02:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەيدىز ۋىرۇسىغا ئائىت ساۋاتلارنى ناھايىتى ئېنىق ھالدا چۈشەندۈرۈلۈپتۇ. ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر.
ۋاقتى: 2013-12-20 21:16:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئىنىق يۇلىنىپتۇ  رەھمەت ئەجرىڭىزگە
ۋاقتى: 2014-1-2 01:59:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
اللەھ ئىگەم شۇ نېجستىن ئۆزى ساقلىسۇن چ ئېسمىنى ئاڭلىساملا پۈتۈن بەدىنىمگە تىترەك ئولىشىپ كېتىدۇغۇ تاڭ.
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت ،اللەھ ئىگەم ئەجرىڭىزنى ئۆزى بەرسۇن !
ۋاقتى: 2014-4-24 18:46:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ. ئەلەيكۇم.يارىپ.ئا مبۇلاتۇريسدىكى.ئەيدىز.كسەللكدىن.مەسلھەت.بەرگۇچى.ئۇستازلار.مەن.10.كۇن.بۇرۇن.سلەردىن.ئەيدىز.تۇغرىلقمەسلھەت.سۇرغان.ئۇنڭدا.3ئايدىن.ئاشقاندا.تەكشۇرتپ.ساق.چققان.بۇلساڭلار.ئەنسرىمەڭ.دەپ.مەسلھەت.برىپتكەن.ئەمما.مەن.يەنلا.بەك.ئەنسرەپ.قلۋاتمەن.چۇنكى.تۇردا.ئەيدىز.بلەن.يۇقۇملانسا.بۇرۇنقى.با.كسەللرنى.قۇزغايدۇ.ئەر.ياكى.ئايال.تەرەپنڭ.جنسى.ئەزاسدا.قاناش.بۇلدۇ.1ھەپتە.بىشى.ئاغريدۇ.1ھەپتە.يۇتلدۇ.دەپ.يېزپتكەن.ئېرىمنڭ. 1.2ئاي.بۇلدى.بۇرۇنقى.باش.ئاغرش.مەزى.بېزى.گمۇرۇي.يۇتلدغان.ئانگنا.دېگەن.كسەللرى.پات.پات.قۇزغلدغان.بۇلۇپ.قالدى.مەندىمۇ.1.2يېل.بۇلغان.ئېرىم.بلەن.بللە.بۇلساملا.ئاز.مقداردا.قانايدىغان.ئەھۋال.بار.ئېدى.بۇ گەپنى.دۇراخاندكى.برسدىن.سۇرسام.بالياتقۇڭزدا.زېدە.بار.ئۇخشايدۇ.دەيدۇ.لكن.مەن.شۇ.كسەل.ئەيدىزدىن.يۇقۇملنپ.قالغاندىمزمۇ.دەپ.بەك.قۇرقۇۋاتمەن.بازارلق.دۇختۇرخاندا.ئەيدىزنى.7.يېلدىن.10.يېلغچە.بەدەندە.يۇشۇرۇن.تۇردۇ.دەپ.تەشۋىق.ۋاراقچسى
ۋاقتى: 2014-4-24 21:04:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

RE: ئەيدىز ھەققىدە ئومۇمى بايان

باشقلارمۇ.ئەيدىز.ۋېرۇسنى.نەچچە.يېلغچە  بەدەندە.يۇشۇرۇن.تۇردۇ.بايقغلى.بۇلمايدۇ.دەيدۇ.مەن1. يېلمۇ.ئەمەس.  2.3.يېلغچە.ئەنسزلكتە ئۇتەرمەنمۇ.3.ئايدىن.ئاشقاندا.ئەيدىزگە.قارتا.قان.تەكشۇرتكەن.ئېدۇق.ساق.چققان. لكن.مەن.يەنلا.بەكلا.ئەنسزچلكتە.قۇرقۇپ.يۇرۋاتمەن.3ئايدىن.ئاشقاندا.تەكشۇرتپ.ساق چېقتۇق.بۇ.تەكشۇتش.قانچە.پرسەن.تۇغرا.چېقا.مەن.يەنە.كلەر.يېلى.مۇشۇ.ۋاقتتا.ئۇزۇكنى.ئالدۇرۋتپ.قۇرساق.كۇتۇرەي.دېگەن.سلەرچە.كلەر.يېلى .خاترجەم.قۇرساق.بۇلامدۇ.قانچلك.ۋاقتتن.كين.ئېرىم.ئېككمز.بزدە.ئەيدىز.يۇقكەن.دەپ.خاترجەم.بۇلالايمز.مەن.يەنە.قانچلك.ۋاقتتن.كين.قۇرساق.كۇتۇرۇپ.تۇغسام.بۇلدۇ.ما ڭا تەپسلى.مەسلھەت.بەرسەڭلار.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-10 18:22:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەيدىز توغرىسىدىكى چۈشەنچىلىرىمىز قانچە كۆپ بولسا، ئەيدىزدىن شۇنچە يىراق تۇرالايمىز. ئەكسىچە ئەيدىزدىن ئەتراپلىق خەۋىرى بولمىغان كىشىلەر ئوڭايلا ئەيدىزگە پۇتلىشىپ قېلىشى مۇمكىن.
ۋاقتى: 2015-5-3 20:26:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاخىم قاچانمۇ داۋاسى تىپىلار
ۋاقتى: 2015-5-12 21:42:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
assalamu alayku dosla man muxu yil 3.28kuni napak jinsi munasiwat otkuzup   4.3kuni takxurtsam natijisi 0.02 -  qikkan tun gun yana kayta kaxkar wilayatlik 1 dohturhanda takxurtsam natiji bu rasim dikidak qikip tu yani 0.06- baxtiki bilan ohximay digini baxtikisi 0.02- bu kitim ki 0.06- kandak ixtu hiv man da awuwatam digan du yaripka kirip maslahat soray disam kandak uqur yizixni ukal midim xunga bil digan la maslahat bar gan bolsangla
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|Archiver|يانفۇن|يارپ مۇنبىرى ( 新 ICP 备 10001843号-2

GMT+8, 2017-1-20 03:21 , Processed in 0.177895 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed

© 2001-2013 Comsenz Inc. Template By 【 www.Yurtimiz.com 】

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش