يارىپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: ئەيدىز داۋالاش كېسەل
جەمئىي مىكروبلوگ 974 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 14625|ئىنكاس: 208

يارپ كۈندۈلۈك خاتىرىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يارپ كۈندۈلۈك خاتىرىسى

123.jpg


                   ئەسسالامۇئەلەيكوم!
     شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش  ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورىغا قەدەم تەشرىپ قىلىۋاتقان ھۆرمەتلىك دوستلار. يارپ مۇنبىرىمىز تورداش دوستلارنىڭ تەكلىپ-تەشەببۇسى ھەم ھەممىمىزنىڭ نەس باسقان زەھەر بىلەن ئەيدىزدىن يىراق تۇرۇش ئېھتىياجىمىز بويىچە، ماكان-زاماننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان ئىنتىرنېت تورى سەھنىسى ئارقىلىق، زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش كۈندۈلۈك خاتىرىسىنى يولغا قويدۇق.
   يارپ كۈندۈلۈك خاتىرىسىنىڭ زەھەرنىڭ دەردىگە، ئەيدىزنىڭ ئازابىغا دۇچار بولغان دوستلارغا كۆپ تەرەپلىمە ياردىمى بولىدۇ  ھەم زەھەرگە قارشى تۇرۇپ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدىيە-روھىدىكى تورداشلارغا داۋاملىق پىكىر بايان قىلىش مەيدانى ھازىرلاپ بىرىدۇ. چۈنكى، تورداشلار  ئۆزئارا كۆڭۈل بولىدىغان، ئالاقە ئورنۇتۇپ دەرت-ئەلەملىرىگە ھەمدەم بولىدىغان، ياخشى نىيەت بىلەن مەسلىھەت بىرىپ يول كۆرسىتىپ ئۆزئارا ياردەم قىلىدىغان، بىچارىلىق-خورلىنىشتىن كىلىپ چىققان ئىچ ئاچچىقلىرىنى تۆكۈۋېلىپ يەڭگىل بولۇپ قالىدىغان، ئارزۇ-ئارمانلىرى بىلەن ئۈمىد-تەلپۈنۈشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆزئارا رىغبەت-كۈچ ئاتا قىلىدىغان،  «كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر» دېگەن بويىچە ئازابتىن ئازادىلىككە، پۇشايماندىن خوشاللىققا ئۆتەلەيدىغان پۇزىتسىيە ئاتا قىلىدىغان، زەھەر خۇمارى بىلەن ئەيدىز يۇقۇمىنىڭ ھىكايەت-سەۋەبلىرى ئارقىلىق ئەل-ئاۋامغا ئىبرەت، دىققەت ئېلىپ كىلەلەيدىغان ئىنكاسلىق خاتىرىلەر  يارپ كۈندۈلۈك خاتىرىسىنى  قىممەتكە ئىگە قىلالايدۇ.
    قىسقىسى، يارپ كۈندۈلۈك خاتىرىسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلار ئۆزئارا ئالاقە ئورنىتالايدۇ. نىكاھتا قىيىنچىلىققا ۋە بەخىتسىزلىككە ئۇچرىغانلار مۇڭدىشالايدۇ، سىردىشالايدۇ، دوستلىشالايدۇ. زەھەر بىلەن ئەيدىزدىن ئىبارەت ئەل-يۇرتنىڭ بېشىغا كەلگەن ۋاباغا قارشى پۇزىتسىيە-روھتىكىلەر يارپ كۈندۈلۈك خاتىرىسىنى جامائەت پىكرى سورۇنىغا ئايلاندۇرالايدۇ.



ۋاقتى: 2013-11-7 17:39:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تۇنجى بۇلۇپ خاتىرە يېزىۋەتتىم ئەمىسە.
بۇ ھەقىقەتەن ياخشى بىر باشلىنىش بوپتۇ، دىمىسىمۇ ئادەم بەزىدە ئاشۇنداق بىرىگە دىيەلمىگەن كۆڭۈلدىكى ئىختىلاپلارنى دەۋالسا بىرخىل يېنىكلەپ قالغاندەك بۇلۇپ قالىدۇ.
بۇ بەلكىم كۈندىلىك خاتىرە يېزىشقا ئادەتلەنمىگەن دوستلارنىڭ، ئۆتكەن كۈنلىرىنىڭ خوشاللىق ھەم خاپىلىقىنىڭ يالدامىسى بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن.
رەخمەت سىزگە مۇنبەر باشلىقى جاپا تارتىپسىز!
ۋاقتى: 2013-11-7 22:17:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كۈندىلىك خاتىرىنى ياخشى باشلاپسىلەر ، ئەيدىز ۋە زەھەر سەۋەبىدىن جەمئىيەتنىڭ بىر تەرەپلىمە قارىشى ۋە ھەر خىل ئۇسۇللاردىكى كەمسىتىشلىرىگە ئۇچىرىغان دوستلار ئۆزلىرىنىڭ كىملىكىنى ، قەدىر قىممىتىنى ، دەرت - ھەسرىتىنى باشقا ئوخشاش ھېسياتتىكى باشقا قۇرداش - تەغدىرداشلىرى بىلەن ئورتاقلىشىپ ، كۆڭلىگە شىپا تاپسا ئەجەپ ئەمەس !
ئاللا ئىشلىرىڭلارغا بەرىكەت ئاتا قىلغاي !!!
ۋاقتى: 2013-11-8 16:00:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر ئادەمنى ئويلاندۇرىدىغان كىنولارنى قۇيۇدىغان بۇلۇپ قالدى دىسە، قېرىنداشلار پۇل ئۈچۈن ئاتا-ئانىسىنى قارىتىپ قۇيۇپ ئۇرۇشۇپ پۇل تالىشىپ ئۇرۇشۇۋاتقان، ئاتا-ئانىسى دوختۇرخانىغا كىرىپ قالسا داۋالىنىش پۇلىنى بىر -بىرىگە ئىتتىرىشىپ جىدەل قىلىۋاتقان، قېرىنداشلار مىھىر-مۇھەببىتى راستىنلا مۇشۇنداق سۇسلىشىپ ياقا سىقىشقۇدەك ھالەتكە بېرىپ يەتكەنمىدۇ؟ خۇدا ساقلىسۇن بىز قېرىنداشلارنى بۇنداق جەڭگى-جىدەلدىن.
2013-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى.
ۋاقتى: 2013-11-8 17:39:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋايىت يوللىغان ۋاقتى  2013-11-8 16:00
ھازىر ئادەمنى ئويلاندۇرىدىغان كىنولارنى قۇيۇدىغان بۇ ...

كىشىلىك ھاياتنىڭ ئۆزى بىر سەھنە ، بۇنىڭدا قانداق رول ئېلىشىڭ يەنىلا ئۆزەڭگە باغلىق .
ۋاقتى: 2013-11-8 18:02:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرورەن يوللىغان ۋاقتى  2013-11-8 17:39
كىشىلىك ھاياتنىڭ ئۆزى بىر سەھنە ، بۇنىڭدا قانداق رول  ...

لېكىن ھايات سەھنىسىدە پەقەت يالغۇزلا رول ئېلىپ بولالمايدىكەنسىز.
ۋاقتى: 2013-11-8 18:03:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋايىت يوللىغان ۋاقتى  2013-11-8 18:02
لېكىن ھايات سەھنىسىدە پەقەت يالغۇزلا رول ئېلىپ بولال ...

پىكرىڭىز ئورۇنلۇق
ۋاقتى: 2013-11-8 19:09:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋايىت يوللىغان ۋاقتى  2013-11-7 17:39
مەن تۇنجى بۇلۇپ خاتىرە يېزىۋەتتىم ئەمىسە.
بۇ ھەقىقەتەن ...

تەشەككۇرىڭىزدىن مىننەتدارمەن.
ئانچە كۈنۈپ كېتەلمەيۋاتقان لاتىنچە «yarp» دېگەن ئىسىم بىلەن باشقۇرۇشقا كىرىدىغان مەسىلىنى بۈگۈن ئاران ھەل قىلىپ، ئەسلىدىكى  «مەقسەت» دېگەن نامىمنى «يارپ» دەپ ئۆزگەرتىۋالدىم.
  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر قىسىم تورداش دوستلار تىزىملىتىپ كىرگەندىن كىيىن باش سۈرىتىنى ئۆزگەرتەلمەي، ئىنكاس-تېما يېزىشتا قولايسىزلىققا ئۇچراۋاتقان مەسىلىلەرمۇ ھەل بولدى.
بۈگۈن ئۈرۈمچىدە تۇنجى قار يېغىشقا باشلىدى.

باھا سۆز

ھەر قىتىم ئىنكاس يازغاندا تىزىملىتىپ كىرىپ يازامدۇق ؟دائىم مۇشۇنداق چىقى  ۋاقتى: 2014-1-10 18:24
ۋاقتى: 2013-11-9 12:54:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ئۇزۇن بولدى ئالدىراشلىق سەۋىدىن سىلەر بىلەن ئەسرالاشمىغىنى تېنچ ئامان تۇرۇپسىلەرمۇ؟
بۈ كۈندىلىك خاتىرىنى كۆرۇپ كۆڭۇل سۆزلىرىنى تۆكىدىغان مەيدان ھازىرلىنىپتۇ دەپ خۇش بولدۇم .
ۋاقتى: 2013-11-9 12:57:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن كىچە يۇرتىمىزدا تۇنجى قار يېغىشقا باشلىدى ،كىچىچە خۇددى قۇياش قايتا چىقمايدىغاندەق جۇت شىۋىرغان جاھاننى بىر ئالغان ئىدى ،مانا ھازىر  قۇياش ئىللىق نۇر چېچىپ قارلارنى ئېرىتىشكە باشلىدى.

1-100316125044-lp.jpg
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زۇلنۇرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-9 12:58  

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|Archiver|يانفۇن|يارپ مۇنبىرى ( 新 ICP 备 10001843号-2

GMT+8, 2017-1-20 03:19 , Processed in 0.152802 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed

© 2001-2013 Comsenz Inc. Template By 【 www.Yurtimiz.com 】

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش