يارىپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
全局 页头二级导航栏广告
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: ئەيدىز داۋالاش كېسەل
جەمئىي مىكروبلوگ 974 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 19671|ئىنكاس: 27

ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ 4 باسقۇچى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ 4 باسقۇچى
   ئەيدىز ۋىرۇسى  ( HIV ) بىلەن يۇقۇملىنىشتىن باشلاپ، كېسەللىك قوزغالغۇچە بىر تولۇق تەبىئي جەريان بار بولۇپ، كىلىنىكىدا بۇ جەريان تۆت باسقۇچقا بۆلىنىدۇ: يەنى ئۆتكۈر يۇقۇملىنىش دەۋرى، يوشۇرۇن دەۋرى، ئەيدىزنىڭ دەسلەپكى كېسەللىك دەۋرى، تىپىك ئەيدىز كېسەللىك دەۋرى.
ھەر بىر ئەيدىز بىمارىدا يۇقىرىقى تۆت باسقۇچنىڭ ھەممىسى تولۇق ئىپادىلىنىپ چىقىشى ناتايىن، بىراق كلىنىكىدا ھەرقايسى ئوخشىمىغان كىسەللىك باسقۇچتىكى بىمارلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ . بۇ تۆت باسقۇچنىڭ ئوخشىمىغان كلىنكىلىق ئىپادىسى بولسا، بىر تەدرىجىي ھەم ئۈزلۈكسىز بولغان كېسەللىك تەرەققىيات جەريانىدۇر.

1. ئۆتكۈر يۇقۇملىنىش دەۋرى
كۆزنەك دەۋرىمۇ مۇشۇ باسقۇچنىڭ ئىچىدە بولىدۇ . ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن ئورگانىزملارغا تەسىر كۆرسىتىپ، بەزىبىر ئەكىس تەسىرلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .بىماردا قىزىش، تىرە تەمرەتكىسى <ئەسۋە> چىقىش، لېمفا تۈگۈنلىرى ئىششىش، ماغدۇرسىزلىنىش، تەرلەش ، كۆڭلى ئاينىش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، كاناي ياللۇغى دىگەندەك ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ.
بەزىلىرى ھەتتا ئۆتكۈر خاراكتېرلىك باكتىريىسىز مېڭە پەردە ياللۇغى بولۇپ، باش ئاغرىش، نېرۋا خاراكتېرلىك ئالامەتلەر ۋە مىڭە پەردە ياللۇغ ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ . قاندا بولسا ئاق قان ھۈجەيرىسى نورمال ياكى لېمفا ھۈجەيرىلىرى ئازلاش، يەككە يادرولۇق ھۈجەيرە كۆپىيىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ .
ئۆتكۈر يۇقۇملىنىش دەۋرىدە كېسەللىك ئالامىتى نىسبەتەن يېنىك بولۇپ، ئاسان سەل قارىلىدۇ .
ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ 2- 6 ھەپتىگىچە بولغان ۋاقىتتىن كېيىن، قاندىكى ئەيدىز ئانتېتلاسىنى تەكشۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن كلىنىكىدا ئۇزۇن قىسقىلىقى ئوخشاش بولمىغان، نىسبى ساغلام بولغان، كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان يوشۇرۇن دەۋرى باشلىنىدۇ.
2. يوشۇرۇن دەۋرى
يۇقۇملانغۇچىدا بەزىدە ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ ، ئەمما يوشۇرۇن مەزگىلى كېسەللىك تەرەققىياتى توختىغان مەزگىل ئەمەس ، بىخەتەر مەزگىلمۇ ئەمەس، ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) داۋاملىق كۆپىيىدۇ ، كۈچلۈك بولغان بۇزغۇنچىلىق رولى بولىدۇ. يوشۇرۇن مەزگىلى ئەيزىز ۋىروسى  ( HIV )  بىلەن يۇقۇملانغاندىن باشلاپ ، ئەيدىز كېسەللىك ئالامەتلىرى ۋە بەدەن ئالاھىدىلىكى كۆرۈلگىچە بولغان مەزگىلنى كۆرسىتىدۇ.
ئەيدىز كېسەللىكنىڭ ئوتتۇرچە يوشۇرۇن مەزگىلى ھازىر چە 2-10 يىلغىچە دەپ قارىلىدۇ، بۇ ئەيدىز بىمارلىرىنى بالدۇر بايقاش ۋە كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چوڭ قىيىنچىلىق تۇغدۇرىۋاتىدۇ.
3. ئەيدىزنىڭ دەسلەپكى كېسەللىك مەزگىلى
بۇ دەۋر يوشۇرۇن دەۋردىن كېيىنكى ئەيدىز كېسەللىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئالامەتلەر ۋە بەدەن ئالاھىدىلىكلىرى كۆرۈلگەندىن باشلاپ تاكى كېسەللىك تەرەققىي قىلىپ تىپىك ئەيدىز كېسەللىكىگە يەتكۈچىلىك بولغان مەزگىلىنى
كۆرسىتىدۇ . بۇ مەزگىلنىڭ يەنە نۇرغۇن ئاتىلىشى بار ، مەسىلەن : « ئەيدىز ئۇنىۋېرسال كېسەللىكلىرى»، «لېمفا تۈگۈنى ئۇنىۋېرسال كېسەللىكلىرى » ، «ئۈزلۈكسىز ئومۇميۈزلۈك لېمفا تۈگۈن كېسەللىكى» قاتارلىقلار.
بۇ مەزگىلدە ، بىمار ئاللىقاچان ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق بولغان ئالاھىدىلىكىنى يەنى ھۈجەيرە ئىممۇنىتېت كەمتۈكلىكىنى، ئۆزىدە ھازىرلىغان بولىدۇ . پەقەت كېسەللىك ئالامىتى يېنىكرەك بولىدۇ خالاس .
ئاساسلىق بولغان كېسەللىك ئالامەتلىرى:
( 1 ) لېمفا تۈگۈنلىرى ئىششىپ يوغىناش.
بۇ دەۋرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق بولغان ئالامەتلىرىنىڭ بىرى، ئاساسلىقى بەدەننىڭ يۈزە ( تېيىز ) قىسىملىرىدىكى لېمفا تۈگۈنلىرى ئىششىيدۇ. بەدەننىڭ باش بويۇن قىسمى ، قولتۇق ، قورساق يىرىق قىسمى ، بويۇننىڭ كەينى قۇلاق ئالدى - كەينى ، يوتا لېمفا تۈگۈنى ، ئېڭەك ئاستى لېمفا تۈگۈنى قاتارلىق ئورۇنلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. ئادەتتە ئاز دېگەندە ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئورۇندا ، كۆپ بولغاندا ئون نەچچە ئورۇندا بولىدۇ. ئىششىغان لېمفا تۈگۈنىگە ئادەتتىكى داۋالاشلار كار قىلمايدۇ ، كۆپ ھاللاردا بۇ خىل ئىششىش يېرىم يىلدىن ئوشۇق داۋاملىشىدۇ . كلىنىكىدا تەخمىنەن%30 بىماردا پەقەتلا بەدەن يۈزە لىمفا تۈگۈنى ئىششىش ئالامىتىلا بولۇپ، باشقا ھېچقانداق پۈتۈن بەدەنلىك ئالامەت بولمايدۇ .
( 2 ) پۈتۈن بەدەنلىك كېسەللىك ئالامىتى
بىماردا كۆپ ھاللاردا ۋىرۇسلۇق كېسەللىكلەرنىڭ پۈتۈن بەدەن بىئارام بولۇش، مۇسكۇللار ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ .
تەخمىنەن %50 بىماردا چارچاش ، ماغدۇرسىزلىنىش ۋە دەۋرىيلىك ھالدا تۆۋەن قىزىتىش بولۇپ ، نەچچە ئاي داۋاملىشىدۇ ، كېچىسى سوغۇق تەرلەش قېتىم سانى بىر ئاي ئىچىدە 5 قېتىمدىن كۆپ بولىدۇ ، تەخمىنەن 1/3 قىسىم بىمارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىدا % 10تىن يۇقىرى چۈشۈش بولىدۇ، بۇ خىل بەدەن ئېغىرلىقى چۈشۈشنى ئاددىي ھالدا قىزىشتىن كېلىپ چىققان دەپ چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ ، يېتەرلىك ئىسسىقلىق مىقدارى بىلەن تەمىنلىگەندىمۇ بۇ خىل بەدەن ئېغىرلىقى چۈشۈشنى كونترول قىلغىلى بولمايدۇ . بەزى بىمارلارنىڭ بېشى ئاغرىيدۇ ، خامۇشلۇق ياكى تەشۋىشلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرىلىدۇ. بەزىلىرىدە سەزگۈ نېرۋىلىرىنىڭ ئاخىرقى ئۇچلىرىدا كېسەللىك پەيدا بولىدۇ، بۇ ۋىرۇسنىڭ نېرۋا سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق خاراكتېردىكى تەسىر كۆرسەتكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن..
( 3 ) ھەرخىل يۇقۇملىنىشلار
بىماردا دائىم ھەرخىل ئالاھىدە ياكى قايتا قوزغىلىدىغان ، ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزمەيدىغان يۇقۇملىنىش ئەھۋاللىرى كۆرىلىدۇ . قايتا -قايتا يۇقۇملىنىش كېسەلنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ ، تىپىك بولغان ئەيدىز كېسەللىك باسقۇچىغا ئېلىپ كىرىدۇ . تەخمىنەن يېرىم ساندىكى بىماردا بىرقەدەر ئېغىر بولغان پۇت تەمرەتكىسى بولىدۇ، كۆپ ھاللاردا بىر تەرەپتە كۆرۈلۈپ ، قىسمەن داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى كۆرەرلىك بولمايدۇ . بىمارنىڭ قولتۇق ۋە پۇت يىرىق قىسمىدا دائىم ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىش يۈز بېرىپ ،چوڭ قاپارتمىلىق يىرىڭلىق قاپارتما پەيدا بولىدۇ . بىمارنىڭ مەقئەت ئەتراپى،  كۆپىيىش ئەزالىرى ، ئېغىرلىق كۆتىرىدىغان قايلىرى، ئېغىز شىللىق پەردىسىدە دائىم ئۇچلۇق ھۆل سۆگەل ۋە ئادەتتىكى سۆگەل ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى يۈز بېرىدۇ . ئېغىز -لەۋ ئەتراپى قاپارتمىسى ۋە كۆكرەك بەلباغسىمان قاپارتمىنىڭ يۈز بېرىشىمۇ نورمال كىشىلەرگە قارىغاندا كۆرىنەرلىك كۆپ بولىدۇ . ئېغىز بوشلۇقى ئالىبانىس زەمبۇرۇغى بىلەن يۇقۇملىنىشى كۆپ ئۇچرايدۇ. ئاساسلىق ئالامىتى  ئېغىز شىللىق پەردىسى شەلۋەرەش، قان تولۇش ، پىشلاقسىمان قاپلىما ماددا قاتارلىقلار بولىدۇ.
بۇندىن باشقا كۆپ ئۇچرايدىغان يۇقۇملىنىشلاردىن يەنە زەنجىرىسمان بولمىغان شارچە باكتىرىيىلىك كاناي ياللۇغى ، جىددىي ۋە ئاستا خاراكتېرلىك بۇرۇن كاۋاكچە ياللۇغى ۋە ئۈچەي يوللىرى پارازىت قۇرتلىرىدىن يۇقۇملىنىش قاتارلىقلارمۇ بار .
كۆپ ساندىكى بىمالارنىڭ چوڭ تەرەت قېتىم سانى كۆپىيىپ ، سۇيۇق ، شىلىمشىق سۇيۇقلۇق بىللە كېلىدۇ. بۇ تۈز ئۈچەي ياللۇغى ۋە باشقا كۆپ خىل مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ئۈچەيگە بۇزغۇنچىلىق تەسىر كۆرسەتكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن ، بۇندىن باشقا يەنە ئېغىز بوشلىقىدا مويسىمان ئاق داغ كۆرىلىدۇ ، مويسىمان ئاق داغ بولسا ، ئەيدىز كېسەللىكىگە بالدۇر دىئاگنوز قويۇشنىڭ مۇھىم يىپ ئۇچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
4. تىپىك بولغان ئەيدىز كېسەللىك دەۋرى
بەزى ئالىملار بۇ باسقۇچنى ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى باسقۇچ دەپ ئاتىشىدۇ . يەنى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . بۇ دەۋر ئۈچ ئاساسى ئالاھىدىلىككە ئىگە:
ئېغىر بولغان ھۈجەيرە ئىممۇنىتېت كەمتۈكلىكى ، ھەرخىل ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىمكانلىق يۇقۇملىنىش .
ھەرخىل يامان سۈپەتلىك ئۆسمە پەيدا بولۇش. ئەيدىزنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى ، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى پۈتۈنلەي كاردىن
چىقىش، بىماردا ھەرخىل ئېغىر تىپتىكى ئۇنۋېرسال كېسەللىكلەر يۈز بېرىپ ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش.
ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ دىئاگنوزنى بېكىتىشتە يالغۇز كېسەللىكنىڭ كلىنىكىلىق ئالامەتلىرىگىلا قاراشقا بولمايدۇ ، ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى بىمارنىڭ قان تەكشۈرۈش نەتىجىسى <مۇسبەت> مۇ ئەمەس شۇنىڭغا قاراش كېرەك، شۇڭلاشقا ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى  ( HIV ) بىلەن يۇقۇملانغانلىقىدىن گۇمانلانغان ھامان، ۋاقتىدا شۇ يەردىكى سەھىيە تەكشۈرۈش ئورۇنلىرىغا بېرىپ  ئەيدىز  ( HIV ) ۋىرۇسىنى مەخسۇس تەكشۈرۈش تۈرى بويىچە تەكشۈرۈتىش كېرەك . ھەرگىزمۇ ئۆزى بىلگەنچە ئىش كۆرمەسلىك لازىم.  


ۋاقتى: 2013-6-2 13:02:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ساۋاتلارنىمۇ بىلىۋالدىم.رەھمەت
ۋاقتى: 2013-6-3 23:24:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كانچىلىك ۋاكىتتا تەكشۇرۇتسە ېنىك ۇككۇلى بۇلدۇ
ۋاقتى: 2014-1-23 16:55:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋالدىم ، رەھمە ت!
ۋاقتى: 2014-2-4 13:29:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم...مۇنبەردىكى بارلىق قىرىنداشلار ۋە مۇنبەر قۇرغۇچىلىرى ھە يىڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك !!!!مەن مۇنبەر گە يىڭىدىن ئەزا بۇغانتىم.تىيمىلارنى ئارلاۋىتىپ،(قايسى كىسەللىك ئالامەتلىرى ئەيدىز )دىگەن تىيمىنى كۈرۈپ قالدىم ،سىلەردىن ئۈتۈندىغان سۇئالىم باتتى ياردەم كىلغان بولساڭلار.  گەپنى نەدىن باشلاي،ئۈيدىكىلەرگە دەي دىسەم خىجىل بولدۇم ،دىمىي دىسەم تىخى ھەنىم بولسا بۇ مۇنبەرنى ئۇچرۇتۇپ قالدىم ،سىلەردىن سورىسام ئەيىپلىمىگەي سىلەر .           مەن تۈمۇر كەپشەرلەش ئېشچىسى ئېدىم كۈنلۇك ئىشلىسەم 150 يۇەن 200 يۇەنگىچە ، ئايلىق ئىشلىسەم 300 -3500  يۇەنگىچە ئىشلەيتىم ،تاپقان پۇلۇمنى ئۈزەم خەجلىگەندىن سىرت ئۇيدىكىلەر گىمۇ ئاز تۇلا بېرىمەن . ئۈيدىكىلەر گىمۇ ياخشى قارايتىم ئۇلارنىڭ گىپىنى يېرمايتىم لىكىن بۇ قىتىم ئۇنداك قىلال مىدىم ...مىنى ئەتىياز دا توي قىلمىز دەپ تۇرۋال دى مىنىڭ پەقەت توي قىغىم يوقتى قىلساممۇ 2 ياكى 3 يىللادەن كىيىن قىلاي دىگەن لىكىن ئۈيدىكىلەر ئۇنماي تۈرۋىلىپ ..،مەن ئويلۇنۇپ بىرە يەردە 1-2 ئايدەك تۇرۇپ كەلسەم ئۇنتۇپ قالا دەپتىمەن ئەكسىنچە ئاچچىكلاپ تىللاپ ئۇرۇپ كەتتى،مىنى مۇشچاغغىچە تىللاپمۇ باقمىغان ،بەك ئېغىر كەپ كەتتىمۇ خېلى كۈنلەگىچە كۈڭلۈم پەرىيشان غەلىيتىلا بۇلۇپ قالدىم ،بۇنداق يۈرىۋېرمەن مۇ  بىرە يەنى پېقىراپ كىلەي دەپ ،مەلىدە ئۇيۇنچى بىرى باتتى شۇنى تاپتىم ،ئۇنۇڭغا ئۇيناپ كىلەمدۇق دىۋىدىم چۈچۈپكەتتى چۈنكى ئۇلار بۇرۇنلادا ..ئويناپ كىلەيلى دىسىمۇ پەقەت بارمايتىم.، بۇپتۇئاداش دىگىنىڭ مۇشۇ قارسام پەرىيشان كۆرۆنسە كۈڭلۈڭنى راۋرۇس ئېچىپ ئەكىلەي تەييار بولساڭ بىر يەر گە ئاپارمە دىدى .ئاداش مەن تەييار دىۋىدىم ئەمسە ماڭايلى .،نەگە ئاداش  بارغاندا بىلىسە دەپ شۇنۇڭ بىلەن مىڭىپ كەتتۇق ،مىنى ئۇدۇل يىلىقى دىيبا دىگەن جايغا ئەكىردى تۇنجى كىرەنمۇ بەك غەلىيتە تۇيۇلدى ،كۈتكۈچى بىزنى ئۈستەلگە باشلىدى .خەنزوچە سىزلەر گە نىمە كېرەك دىۋىدى ئاداش مەن ئېشمىسەم باشقا بىر نەسە ئېچيلىچۇ دىسەم ئاداش مۇشنى ئېشسەڭ كۈڭلۈڭ ئېچىلدۈ دىدى ،ئېچىمدە مەنمۇ قىلىپ باقمايمەنمۇ دەپ ئويلاپ باپتۇ ئەمسە دىدىم.شۇنداقىلىپ 5 قۇتا پىيجۇ ئەكەلدۈردۇق .ماڭا بىر رومكا كۇيۇپ ئېچە ئاداش دەپ بەردى ،تەستە ئېچتىم ئۇلاپ كۇيىۋەدى ، ئاداش مەن ئېشمىسەم بۇغدەك دىسەم ۋازراق ئىشكەنگىما ھىشقىسى يوق ئاشنا بۇلسە يەنە ئازراك ئىچسەڭ ئوڭشۇلسە دەپ زورلاپ كۇيىۋەدى مەنمۇ پۇقۇمنى يەپ ئىشتىممۇ ،كاللامگا چىقتىمۇ نەرسىلە ئىككى كۈرنىشكە باشلىدى .ئەكەلەدۈرگەننى ئىچىپ بۇپ يەنە ئەكەپ ئچىپتىمىز .ئاداش قارسام كيپىڭما تەڭشىلىپتۇ ئەمدى ئۇتتۇرغا چۈشۇپ ئوينايلى دىدى.شۇنۇڭ بىلەن ئويناپ لەپ-لۈپ چىراق لادا خۇدۇمنى يۇقۇتۇپ تىمەن.ئەتىسى ياتاقتىن بىر قىز بىلەن قۇپتۇم،بەك چۈچۈپ كەتتم قاندا قىلارىمنى بىلەي قالدىم ،ئۇ قىزنى تىللاپ كەتتم بولدىلا گۇ نا مەن دە .....شۇنۇڭدىن كىيىن ئۇنداق جايغىمۇ بارمىدىم ،ئاشۇ ھاراق نى ئىچمەسەم بۇئېش يوك.ئارىدىن 1 ئاي ئۈتۈپ ،ئۈيدى كىلەر مەھەلىدىكى پالانچى بىلەن كۈرۈشسە دىدى .ئامال يوق يەنە ئۇرۇشامدىم...جىمجىت ئولتۇردۇم كۈرۇشتۇق ،ئۇ بەك ياخشى قىز ئېدى ........توينى يىقىنغىچىلا قىلدىغان بۇپ توي خىتى ئالدۇق خەت ئاغىچە قان تەكشۈردىكە شۇ چاغدا كىسەل چىقمىغان  ،شۇنۇڭدىن كىيىن ئەسنەپلا تۇرمە بۇينۇمدا 2 تال ئاغىرمايدان مۇنەك بار بۇلۇپ قالدى قۇلۇمغا كىچىك نەرسىلەر ئۆرلىدى.  بىردۇختۇرلۇقتائۇقۇۋاتقان ئا غىينام دىن سورۇسام بۇ ئەيدىزنىڭ ئا لامەت لىرى دەپ چۈچۈتتى ،ئەگەر راسلا يۇقۇملانغان بولسام ئاشۇ بىيگۇنا قىزغىما يۇختۇرماي دەپ  ئامالنىڭ بارچە توينىقىماسلىققا تىرىشتىم ،ئۈيدىكىلەر پەقەتلا قۇشۇلمىدى،بىر ئاماللار بىلەن توينى كەينىگە سۈرۈپ .ئەسكى ئىش قىلغىنىمغا نەق ئۈچ ئاي بولغاندا تەكشۇرتتىم نەتىيجىسى ياخشى چىقتى،لىكىن بۇينۇمدا 2 تال مۇنەك باربۇلۇپ قالغان ،دۇختۇر؛ مۇشۇئالامەتلەر بۇلۇشى مۇمكىن  سىنى يۇقۇملانمىدى دەپ يەكۇن چىقىرىشقا بولمايدۇ 6 ئايدىن كىيىن يۇقۇملانغەنىڭ چىقىشى مۇمكىن دىۋىدى ،بەك قورقۇپ ئۈتىۋاتىمەن ،خۇددى دوزاققا چۈشۈپ قالغاندەكلا ،تۇرمۇشۇممۇ بەك ناچار ھەركۈنى خىيالىم شۇنۇڭدا ،مەن راسلا يۇقۇمدار بۇغان دىمەنمۇ ؟..........  مانا  ئەمدى توينىما قىلىپ بولدۇم.ئەمدى قانداقمۇ  قىلارمە؟3 ئايدىن كىيىن تەكشۇرتكىنىم كۇشكە ئىگە بۇلامدۇ؟
.مەن قاندا قىلامە يول كۇرسەتكەن بولساڭلا  كۈپ رەھمەت ئېيتاتتىم.....بۇنى بەك ئۇزاقتا يېزىپ چىقتىم چۈنكى ئۇيغۇرچە يېزىشنى تېخى ئۇزاق بۇممىغان ئۈگەنگىلى....ئۈتۈنەي ياردەم قىلىڭلا!!!!!!!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-5 00:36:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارتۇق ئەندىشىلەردە بولماي، ۋاقتىدا تېخنىكىسى يۇقىرىراق ئۇرۇندا تەكشۈرتۈپ كۈرۈڭ. ئۇنىڭدىن باشقا سىزگە پەيدا بۇپ قالغان مۇنەكچىنى نۇسخا ئالدۇرۇپ تەكشۈرتۈپ كۈرۈڭ. مۇنەكچىنىڭ پەيدا بۇلىشىدا كۆپلىگەن ئامىللار بۇلىدۇ.
ۋاقتى: 2014-2-5 10:42:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىز گە  !  لىكىن نەق 3 ئايدا قان تەكشۈرتىش قىلسا چىققان نەتىيجە نەچچە پىرسەنت تۇغرا چىقىدۇ؟
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-8 16:15:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭغا مانچە پىرسەنت توغرا چىقىدۇ دىگىلى بولمايدۇ. قان تەكشۈرۈشتىن باشقا يەنە نۇرغۇن تىببى تەكشۈرۈش نەتىجىللىرىنى كۆرۈپ بېقىشقا توغرا كىلىدۇ. سىز پەيدا بۇپ قالغان مۇنەكچىنى نۇسخا ئالدۇرۇپ تەكشۈرتۈپ كۆردىڭىزمۇ؟ بەدىنىڭىزگە ئۇنداق كۈرۈنەرلىك مۇنەكچىلەر پەيدا بولغان ئەھۋال ئاستىدا قان تەكشۈرۈتۈشتىن باشقا مەسىلە چىقمىغان بولسا سىز خاتىرجەم بۇلۇڭ، ناۋادا بەدىنىڭىزدە پەيدا بولغان مۇنەكچىلەر سىز ئەنسىرگەن كېسەللىك بىلەن مۇناسۋەتلىك بولسا قان تەكشۈرۈش نەتىجىسى سز كۈتمىگەن يەردىن چىققان بۇلاتتى.
          ھە راسىت، سىز قايەردە؟ ئۇچۇر شەكلىدە خۇسۇسى سۆز قالدۇرسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.
ۋاقتى: 2014-2-8 17:14:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشاش يوللىغان ۋاقتى  2014-2-5 10:42
رەخمەت سىز گە  !  لىكىن نەق 3 ئايدا قان تەكشۈرتىش قىلسا چ ...

ئادەتتىكى يېزىلىق شىپاخانىلاردىمۇ 30مىنۇتتىلا نەتىجىسى چىقىدۇ، ئاپامنىڭ قاندىكى شىكىرىنى تەكشۈرتكىلى بارغاندا ئەيدىسنىمۇ تەكشۈرۈۋاتىمىز بۇ ناھىيىدىن چۈشكەن بويرۇق دەپ ئەيدىسكە قارىتامۇ تەكشۈرۈش قىلغان ئىدى،نەتىجىسى 30مىنۇتتىلا چىقتى. بولمىسا يەنە بىر قېتىم تەكشۈرتۈپ خاتىرجەم ياشىمامسىز.
ۋاقتى: 2014-2-8 17:16:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشاش يوللىغان ۋاقتى  2014-2-5 10:42
رەخمەت سىز گە  !  لىكىن نەق 3 ئايدا قان تەكشۈرتىش قىلسا چ ...

99پىرسەنت توغرا چىقىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|Archiver|يانفۇن|يارپ مۇنبىرى ( 新 ICP 备 10001843号-2

GMT+8, 2017-2-26 11:37 , Processed in 0.147147 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed

© 2001-2013 Comsenz Inc. Template By 【 www.Yurtimiz.com 】

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش